دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى ھەممە كىشىنىڭ قىلىدىغان ئىشى بار بولدى بازاردا مال يېتەرلىك، باھا مۇقىم بولدى ماللارنىڭ توردىكى سېتىلىش مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى 1 ـ پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىز توردا ۋە تور سىرتىدا تەكلىپ قىلىشتا 260 مىڭ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى بۇ يەرگە قاراڭ، سىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ... ۋىلايىتىمىز دەريا، كۆل ئېكولوگىيەسىنى «گۈزەللەشتۈرۈش كۇنۇپكىسى»نى باستى ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئەملىتىپ، ھاياتلىق، ساغلاملىققا كاپالەتلىك قىلايلى 1 ـ پەسىلدە ۋىلايىتىمىزنىڭ شەھەر ـ بازارلىرىدا 7518 كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى C6 ھەيدەش كىنىشكىسى كەلدى | سۆرەلمە ئۆي ئاپتوموبىلى بىلەن ساياھەتكە چىقايلى ۋىلايەت بويىچە تۇنجى شەخسىيلەر ئورمان ھوقۇقى كىنىشكىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بېجىرىلدى باقمىچىلىق قىغ ـ بۇلغىمىلىرىنىڭ غەيرىي پۇرىقى پۇقرالارغا دەخلى يەتكۈزدى ئالاقىدار تارماقلار دەرھال تەكشۈرۈپ، دەرھال تۈزەتتى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ۋىلايىتىمىز دەريا، كۆل ئېكولوگىيەسىنى «گۈزەللەشتۈرۈش كۇنۇپكىسى»نى باستى
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2022-04-28 11:31:25

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرىمۇخبىر ئاقسۇ دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا زىيارەت، سەيلە ـ ساياھەتتە بولغاندا، گۈللەر بەس ـ بەستە پورەكلەپ ئېچىلغان، سۈپسۈزۈك سۇ يۈزىدە دولقۇن ھاسىل بولۇپ، قارنا، ياۋا ئۆردەك قاتارلىق قۇشلار سۇدا توپ ـ توپ بولۇشۇپ ئويناقشىپ، ئوزۇقلۇق ئىزدەپ يۈرگەن، ئىمارەتلەر بىلەن كۆل گىرەلىشىپ شېئىرىي تۈسكە تولغان ئېكولوگىيە يۆگىمە رەسىمى شەكىللەنگەنلىكىنى ھېس قىلدى.

ئاقسۇ دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ ئىگىلىگەن كۆلىمى 5000 مو بولۇپ، باغچە ئىچىدىكى سۇ دائىرىسى كۆلىمى 1800 مو كېلىدۇ. ئاقسۇ شەھەر قۇرۇلۇشى گۇرۇھى شىركىتىنىڭ كادىرى جياڭ فېڭ مۇنداق دېدى: دەريا ئېقىنى ئەتراپىدىكى مۇھىتنى ياخشىلاش ئۈچۈن، ئالاقىدار تارماقلار يېشىللىق كۆپەيتىش، يېشىللىق تولۇقلاش، يېشىللىق قوشۇش خىزمىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، نۇرغۇن دەل ـ دەرەخ، گۈل ـ گىياھلارنى ئۆستۈردى.

ئاقسۇ شەھىرى ئاھالىسى ما يىڭچۇن مۇنداق دېدى: بۇ بىرنەچچە يىلدا، ۋىلايىتىمىزنىڭ كۆكەرتىشى ياخشى بولدى، چاڭ ـ توزانلىق ھاۋا رايى ئازلاپ، ھۆل ـ يېغىن تەدرىجىي كۆپەيدى. ھەر كۈنى كەچلىك تاماقتىن كېيىن، ھەممەيلەن باغچىدا سەيلە قىلىپ، گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىشنى ياخشى كۆرىمىز.

ۋىلايىتىمىز تەۋەسىدە جەمئىي 151 دەريا ئېقىنى، توققۇز كۆل بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ۋىلايەت نۇقتىلىق دەريا، كۆللەرنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، سۇ سىستېمىسىنى تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلمىي يولغا قويدى. ئاقسۇ شەھىرىنىڭ شەرقىي شەھەر رايونىنى كېسىپ ئۆتىدىغان سۇ سىستېمىسى توغراق باغچىسى، بەخت باغچىسى قاتارلىق جايلاردىكى سۇ ئايلىنىش، سۇ ئالماشتۇرۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش بىلەن بىرگە، ۋىلايىتىمىزنىڭ كىلىماتى، مۇھىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى.

ھاۋانىڭ بارا ـ بارا ئىسسىشىغا ئەگىشىپ، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ مەرھابا باغچىسى ئەتراپىدا ئولتۇرۇشلۇق شەھەر ئاھالىسى شيې فۇجېڭ ھەر كۈنى باغچىغا بېرىپ بەدەن چېنىقتۇردى. شيې فۇجېڭ مۇنداق دېدى: ھازىر ئاقسۇ شەھىرىنىڭ مۇھىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى، ئىشىم بولمىسىلا باغچىغا كىرىپ ئايلىنىمەن، تولىمۇ راھەت ھېس قىلىمەن.

ئاقسۇ شەھىرى تەۋەسىدە ئاقسۇ دەرياسى، دولان دەرياسى قاتارلىق ئالتە دەريا، يەنە نۇرغۇن كۆل، سۇلۇق يەر بار. ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا، ئاقسۇ شەھىرى دەريا، كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، شەھەر بويىچە دەريا، كۆلنى ئورتاق تۈزەش، ئورتاق قوغداش، ئورتاق باشقۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، سۇ مۇھىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۈنسايىن ياخشىلىغان.

ئاقسۇ شەھەرلىك دەريا (كۆل) باشلىقى ئىشخانىسىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى كادىرى شۈ لېي مۇنداق دېدى: بىز ھەر دەرىجىلىك دەريا، كۆل باشلىقلىرى ۋە ئەزا ئورۇنلارنىڭ مەسئۇل بولىدىغان مەسئۇلىيىتىنى ئېنىق بېكىتتۇق ھەم كۆپ خىل شەكىل قوللىنىپ، دەريا، كۆل باشلىقى تۈزۈمى خىزمىتىنى تەشۋىق قىلىش، تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىپ، دەريا، كۆللەرنى تىرىشىپ ياخشى قوغدىدۇق.

ئاقسۇ شەھىرى «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئەڭ ئىلمىي تەدبىر ۋە ئەڭ قاتتىق بولغان ئېكولوگىيەنى قوغداش تۈزۈمى ئارقىلىق، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى. بۇلتۇر، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ھاۋا سۈپىتى ئەمەلىي كۆزىتىپ ئۆلچەنگەن كۈن سانى 365 كۈن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مۇھىت سۈپىتى ئەلا كۈن سانى 227 كۈنگە، ئەلا بولۇش نىسبىتى %62.2كە يېتىپ، PM2.5نىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە قويۇقلۇقى %16.3، PM10نىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە قويۇقلۇقى %19.6 تۆۋەنلىدى؛ يەر ئۈستى سۈيىنىڭ سۇ سۈپىتى ئومۇمىي جەھەتتىن «يەر ئۈستى سۈيىنىڭ مۇھىت سۈپىتى ئۆلچىمى»دە بەلگىلەنگەن 3 ـ تۈردىكى سۇ سۈپىتى تەلىپىگە، ئىچىدىغان سۇ مەنبەلىرىنىڭ سۇ سۈپىتى «يەر ئاستى سۈيىنىڭ مۇھىت سۈپىتى ئۆلچىمى»دە بەلگىلەنگەن 3 ـ تۈردىكى سۇ سۈپىتى تەلىپىگە يېتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سىجىل ياخشىلاندى.

ۋىلايەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىدارىسى ئاقسۇ شەھەرلىك شۆبە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ جۈنبو مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، بىز دەريا، كۆللەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، دەريا، كۆللەرنىڭ قىرغاق مەنزىرە لىنىيەسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، «دەريالىرى راۋان، سۇلىرى سۈزۈك، قىرغاقلىرى يېشىل، مەنزىرىسى گۈزەل» بولۇش نىشانىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش