دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى ھەممە كىشىنىڭ قىلىدىغان ئىشى بار بولدى بازاردا مال يېتەرلىك، باھا مۇقىم بولدى ماللارنىڭ توردىكى سېتىلىش مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى 1 ـ پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىز توردا ۋە تور سىرتىدا تەكلىپ قىلىشتا 260 مىڭ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى بۇ يەرگە قاراڭ، سىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ... ۋىلايىتىمىز دەريا، كۆل ئېكولوگىيەسىنى «گۈزەللەشتۈرۈش كۇنۇپكىسى»نى باستى ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئەملىتىپ، ھاياتلىق، ساغلاملىققا كاپالەتلىك قىلايلى 1 ـ پەسىلدە ۋىلايىتىمىزنىڭ شەھەر ـ بازارلىرىدا 7518 كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى C6 ھەيدەش كىنىشكىسى كەلدى | سۆرەلمە ئۆي ئاپتوموبىلى بىلەن ساياھەتكە چىقايلى ۋىلايەت بويىچە تۇنجى شەخسىيلەر ئورمان ھوقۇقى كىنىشكىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بېجىرىلدى باقمىچىلىق قىغ ـ بۇلغىمىلىرىنىڭ غەيرىي پۇرىقى پۇقرالارغا دەخلى يەتكۈزدى ئالاقىدار تارماقلار دەرھال تەكشۈرۈپ، دەرھال تۈزەتتى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ۋىلايىتىمىزدىكى ئىدارە ـ ئورۇنلار مەملىكەت بويىچە بالىلارغا ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەش كۈنى تەشۋىقات پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇردى
ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئەملىتىپ، ھاياتلىق، ساغلاملىققا كاپالەتلىك قىلايلى
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2022-04-27 10:52:37

 ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. 4 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى 36 ـ قېتىملىق مەملىكەت بويىچە بالىلارغا ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەش كۈنى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ۋىلايىتىمىزدىكى ئىدارە ـ ئورۇنلار مەكتەپ، مەيدان، مەھەللە قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، لوزۇنكا ئېسىش، مەسلىھەت بېرىش نۇقتىسى تەسىس قىلىش، تەشۋىقات ماتېرىياللىرى تارقىتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، «ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئەملىتىپ، ھاياتلىق، ساغلاملىققا كاپالەتلىك قىلىش» باش تېمىسىدا تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنى ۋاكسىنا ئەملىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىش، پائال، تەشەببۇسكار ھالدا ۋاكسىنا ئەملىتىشكە يېتەكلىدى.

4 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، توقسۇ ناھىيەلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش مەركىزى لوزۇنكا ئېسىش، مەسلىھەت بېرىش سۇپىسى تەسىس قىلىش، تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى تارقىتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئاممىغا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملىتىشكە ئائىت ساۋاتلار ۋە ۋاكسىنا ئەملەتكەندە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ، كۆپچىلىككە ۋاكسىنا ئەملىتىشنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك، ئەڭ تېجەشلىك، ئەڭ قولايلىق تەدبىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە 3000دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان بولۇپ، ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملىتىش تەشۋىقات ماتېرىيالىدىن جەمئىي 1000 پارچىدىن ئارتۇق تارقىتىلغان.

توقسۇ ناھىيەلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ كادىرى گۈلجەننەت ھۈسەن مۇنداق دېدى: بىز ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملىتىش تەشۋىقات پائالىيىتىنى ئۈچ كۈن قانات يايدۇرۇپ، ئاممىغا ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملىتىشنىڭ مۇھىملىقى، زۆرۈرلۈكى ۋە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋاكسىنا ئەملىتىپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ كۆرۈلۈشى ۋە تارقىلىشىدىن مۇداپىئەلىنىشكە يېتەكلىدۇق.

شۇ كۈنى، ئونسۇ ناھىيەلىك سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش مەركىزى، ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى، ناھىيەلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسى بىلەن بىرلىشىپ، ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسى، تەشۋىقات رامكىسى، LED ئېكرانى، لوزۇنكا ئېسىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملىتىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلدى ھەم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى، مەكتەپ، مەھەللە، يېزا ـ كەنت قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، شەكلى كۆپ خىل، مول مەزمۇنلۇق تەشۋىقات پائالىيىتىنى قاراتمىلىق قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنى ۋاكسىنىنى پائال، تەشەببۇسكار، بالدۇر ئەملىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ھاياتىغا، ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا يېتەكلىدى.

4 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، شايار ناھىيەلىك سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتى ھەرقايسى داۋالاش ـ ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرىدىكى خىزمەتچى خادىملارنى تەشۋىقات ماتېرىيالى تارقىتىش، كۆرگەزمە تاختىسى قويۇش، لوزۇنكا ئېسىش قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، ئاممىغا ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملىتىش بىلىملىرى ۋە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى تەشۋىق قىلىشقا تەشكىللىدى. بۇنىڭدىن سىرت يەنە ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسىنىڭ مەزمۇنىنى چۆرىدەپ سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ، نۆل ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ساغلاملىق پەرۋىشى مۇلازىمىتىنىڭ مەزمۇنى قاتارلىقلارنى كەڭ تەشۋىق قىلدى.

شايار ناھىيەسى ئاھالىسى دۇ شياۋفاڭ مۇنداق دېدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئەملىتىش يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتىكى ئەڭ تېجەشلىك، ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتە، بالىلىرىمىزنىڭ تەن ساغلاملىقى ئۈچۈن، بىز چوقۇم بالىلىرىمىزغا ئاكتىپلىق بىلەن ۋاكسىنا ئەملىتىپ، بالىلارغا بالدۇرراق «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» تۇتۇپ بېرىشىمىز لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش