دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى ھەممە كىشىنىڭ قىلىدىغان ئىشى بار بولدى بازاردا مال يېتەرلىك، باھا مۇقىم بولدى ماللارنىڭ توردىكى سېتىلىش مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى 1 ـ پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىز توردا ۋە تور سىرتىدا تەكلىپ قىلىشتا 260 مىڭ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى بۇ يەرگە قاراڭ، سىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ... ۋىلايىتىمىز دەريا، كۆل ئېكولوگىيەسىنى «گۈزەللەشتۈرۈش كۇنۇپكىسى»نى باستى ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئەملىتىپ، ھاياتلىق، ساغلاملىققا كاپالەتلىك قىلايلى 1 ـ پەسىلدە ۋىلايىتىمىزنىڭ شەھەر ـ بازارلىرىدا 7518 كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى C6 ھەيدەش كىنىشكىسى كەلدى | سۆرەلمە ئۆي ئاپتوموبىلى بىلەن ساياھەتكە چىقايلى ۋىلايەت بويىچە تۇنجى شەخسىيلەر ئورمان ھوقۇقى كىنىشكىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بېجىرىلدى باقمىچىلىق قىغ ـ بۇلغىمىلىرىنىڭ غەيرىي پۇرىقى پۇقرالارغا دەخلى يەتكۈزدى ئالاقىدار تارماقلار دەرھال تەكشۈرۈپ، دەرھال تۈزەتتى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

1 ـ پەسىلدە ۋىلايىتىمىزنىڭ شەھەر ـ بازارلىرىدا 7518 كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2022-04-27 10:54:37

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. 4 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 1 ـ ئايدىن 3 ـ ئايغا قەدەر، ۋىلايىتىمىزنىڭ شەھەر ـ بازارلىرىدا 7518 كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.04 ئاشقان، شەھەر ـ بازارلاردىكى تىزىملانغان ئىشسىزلىق نىسبىتى %3.5 ئىچىدە كونترول قىلىنىپ، شەھەر ـ بازارلاردىكى ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەرنى 24 سائەت ئىچىدە ھەرىكەتچان نۆللەشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ۋىلايىتىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى مۇقىم بولۇشنى باش ئورۇنغا قويۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش نىشانىنى باشتىن ـ ئاخىر چۆرىدەپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانلار، تىزىملانغان ئىشسىزلار، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلار قاتارلىق نۇقتىلىق توپقا چىڭ قادىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش سىياسىتىنى سىجىل كۈچەيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، تور ۋە تور سىرتىدا خىزمەتچى تەكلىپ قىلىشنى يولغا قويۇپ، كارخانا بىلەن ئىش ئىزدىگۈچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇدۇللىشىشنى كۈچەيتتى، ئىش ئىزدەش يېشىل يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ خادىم قوبۇل قىلىش يولى بولۇش، ئىش ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىشنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇنىڭدىن سىرت، «مەكتەپلەر ئۆزئارا ھەمكارلىشىش، مەكتەپ بىلەن كارخانا ھەمكارلىشىش» مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ،        

تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر، قىس كەسىپلەر ۋە بىناكارلىق ساھەسىگە چىڭ قادىلىپ، دەل جايىدا تەربىيەلەشنى سىجىل كۈچەيتىپ، تەربىيەلەش بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ يوچۇقسىز جىپسىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

كېيىنكى قەدەمدە، ۋىلايەت ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم تولۇقلىمىسى، ئىش ئىزدىگۈچىلەر ئىگىلىك تىكلەش ياردەم تولۇقلىمىسى، تەربىيەلەش ياردەم تولۇقلىمىسى قاتارلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش سىياسەتلىرىنى كەم ـ كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسەتنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرىدۇ؛ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانلار، تىزىملانغان ئىشسىزلار، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلار قاتارلىق نۇقتىلىق توپقا ياردەم بېرىش ـ يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، كەسىپ جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىش، ئىشقا تونۇشتۇرۇش قاتارلىق مۇلازىمەت بىلەن ھەقسىز تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ بالدۇرراق ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە زىچ ئەگىشىپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش سىغىمىنى چوڭايتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بار ھەربىر ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىپ، ئەمگەك ئىقتىدارىغا ئىگە ھەربىر ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش