4- ئايدىكى شىنجاڭدا باھار ئاپتىپى كىشىگە ھوزۇر بېغىشلايدۇ، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىشمۇ، ئۆي ئاپتوموبىلىنى ئاپتوموبىلغا چېتىپ ساياھەت قىلىشمۇ ناھايىتى ياخشى تاللاش. ئەڭ تېز بولغاندا 20 كۈندىلا سۆرەلمە ئۆي ئاپتوموبىلىغا ماس كېلىدىغان C6 ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىپ، ماڭىمەن دەپلا مېڭىپ ساياھەت قىلغىلى بولىدۇ.
4- ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش ھەم ئىشلىتىش بەلگىلىمىسى» رەسمىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ يولغا قويۇلدى، يېڭىدىن يېنىك تىپتىكى سۆرەلمە كۇزۇپ ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنىدىغان ئاپتوموبىل تىپى (C6) كۆپەيتىلدى.
يېنىك تىپتىكى سۆرەلمە كوزۇپ دېگەن نېمە؟
يېڭى نۇسخىدىكى «موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش ۋە ئىشلىتىش بەلگىلىمىسى»دە ئېنىقلىما بېرىلگەن يېنىك تىپتىكى سۆرەلمە كۇزۇپ دېگىنىمىز ئومۇمىي ئېغىرلىقى 4500 كىلوگرامدىن ئاشمايدىغان ئاپتوموبىل ۋە ئۇنىڭغا چېتىلغان كوزۇپنى كۆرسىتىدۇ.
شۇڭلاشقا سۆرەش ئاپتوموبىلى بىلەن سۆرەلمە كوزۈپ ئىگىلىرى سۆرەلمە ئۆي ئاپتوموبىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئويلىشىپلا قالماي، يەنە ئالدىدا سۆرەپ ماڭىدىغان ئاپتوموبىلنىڭ ئېغىرلىقىغىمۇ دېققەت قىلىشى كېرەك.
A2 ھەيدەش كىنىشكىسى بار شوپۇرلار C6 ھەيدەش كېنىشكىسىدە ھەيدەش رۇخسەت قىلىنغان ئاپتوموبىل تىپىدىكى ئاپتوموبىلنى بىۋاستە ھەيدىسە بولىدۇ. باشقا شوپۇرلار چوقۇم ھەيدەش كىنىشكىسىدىكى رۇخسەت قىلىنغان ئاپتوموبىل تۈرىنى كۆپەيتىشى زۆرۈر.
تەربىيەلەشكە قاتنىشىش ھەم ئىككىنچى باسقۇچلۇق ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش
(ئاپتوموبىلنى ياندۇرۇپ توختىتىش، تىك بۇلۇڭ بويىچە يول يۈرۈش، ئەگرى لىنىيە بويىچە يول يۈرۈش ئۈچ تۈر)
ئۈچىنچى باسقۇچتىكى بىخەتەرلىك، مەدەنىيەتلىك ساۋاتلىرى ئىمتىھانى
لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن C6 ھەيدەش رۇخسەت قىلىنغان ئاپتوموبىل تىپىدىكى ئاپتوموبىلنى ھەيدەش سالاھىيىتىنى كۆپەيتىشكە بولىدۇ.
ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئىمتىھاندىن ئۆتۈش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئىككىنچى باسقۇچلۇق ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، تۇنجى قېتىمدا ئالدىن تىزىملاتمايلا ئۈچىنچى باسقۇچتىكى بىخەتەرلىك، مەدەنىيەتلىك ساۋاتلىرى ئىمتىھانىغا قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ئەگەر ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولسا، شۇ كۈنىلا C6 ھەيدەش كېنىشكىسى ئالغىلى بولىدۇ.
ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇلى:
كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل (C1) ، كىچىك تىپتىكى ئاپتوماتىك خوتلۇق ئاپتوموبىل (C2)دىن يۇقىرى ھەيدەش رۇخسەت قىلىنغان ئاپتوموبىل تىپىنىڭ ھەيدەش كىنىشكىسى ئالغان ھەم بۇ نومۇر خاتىرىلەش دەۋرىدە ۋە ئىلتىماس قىلىشتىن بۇرۇنقى ئەڭ يېقىنقى بىر نومۇر خاتىرىلەش دەۋرىدە 12 نومۇر خاتىرىلەنمىگەنلەر، يېنىك تىپتىكى سۆرەلمە كوزۇب (C6) ھەيدەش كىنىشكىسىنى كۆپەيتىپ ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
ئىلتىماس قىلىش يېشى:
C6 ھەيدەش كىنىشكىسىگە ئىلتىماس قىلغۇچىلار 20 ياشتىن يۇقىرى، 60 ياشتىن تۆۋەن بولۇشى كېرەك. 60 ياشتىن يۇقىرى، 70 ياشتىن تۆۋەن كىشىلەر ھەقىقەتەن يېنىك تىپتىكى سۆرەلمە كوزۇب ھەيدەش ئېھتىياجى بولسا، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارى قاتارلىق ئىقتىدار سىنىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن C6 ھەيدەش كىنىشكىسىنى كۆپەيتىپ ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
نۇقتىلىق ئەسكەرتىش:
ئەسلىدە A2 ھەيدەش كىنىشكىسى بار، 60 ياشقا توشۇش ياكى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش سەۋەبلىك A2 ھەيدەش كىنىشكىسى تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈلگەن، ھازىر يەنە يېنىك تىپتىكى سۆرەلمە كۇزۇب ھەيدەش ئېھتىياجى بارلارنىڭ ئىمتىھان بېرىشى ھاجەتسىز، ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىغا C6 ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنىدىغان ئاپتوموبىل تىپىنى ھەيدەش سالاھىيىتىگە بىۋاستە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.