ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش
ئاقسۇ ئاخبارات تور خەۋىرى. يېقىندا، شەخسىيلەر ئورمان ھوقۇقى كىنىشكىسىنى قولىغا ئالغان توختى ھوشۇر خۇشال بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت زالىنىڭ خىزمەتچىلىرىگە رەھمەت، مېنىڭ ئورمان ھوقۇقى كىنىشكام چىقىپتۇ.
4 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، كۇچا شەھىرىنىڭ چىمەن بازىرى ئاھالىسى توختى ھوشۇر شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت زالىدا ئورمان ھوقۇقى كىنىشكىسىنى بېجىرمەكچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما شۇ چاغدا ۋىلايەت بويىچە شەخسىيلەر ئورمان ھوقۇقى كىنىشكىسى تېخى بېجىرىلىپ باقمىغان بولغاچقا، كۇچا شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ۋە ئاممىۋى بايلىق سودا مەركىزىنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى دەرھال كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش كۆزنىكى بىلەن ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىشلىرى كۆزنىكىنى ماسلاشتۇرۇپ بېجىرىپ بەردى.
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش كۆزنىكىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئاپتونوم رايوندىكى كەسپىي تارماقلار، ۋىلايەتتىكى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى ئورۇنلار بىلەن پائال ئۇدۇللاشتى ھەم ئورمان ھوقۇقى كىنىشكىسى بېجىرىشنى باشلاپ بولغان باشقا ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىن بېجىرىش تەرتىپى ۋە تەجرىبە ـ ئۇسۇللارنى ئۆگىنىپ، توختى ھوشۇرغا ئورمان ھوقۇقى كىنىشكىسىنى شەخسىي بېجىرىشنى بىر قېتىمدىلا خەۋەرلەندۈرۈش قەغىزى چىقىرىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن تەڭلا، ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىشلىرى كۆزنىكىنىڭ خىزمەتچىلىرى پۈتۈن كۈچ بىلەن ماسلىشىپ، توختى ھوشۇرنىڭ «كۆچمەس مۈلۈكنى دەسلەپكى تىزىملاشنى بىرلەشمە تەكشۈرۈش تالونى»، «ئورمان ھوقۇقىنى تىزىملاپ ھوقۇق بېكىتىشنى تەكشۈرۈش پىكىرنامىسى» ۋە خەرىتە قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى يىغىشىغا ياردەملەشتى ھەم كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش كۆزنىكىگە ۋاقتىدا يوللاپ بەردى. خىزمەتچىلەرنىڭ ماسلاشتۇرۇشى، ياردەم بېرىشى بىلەن، 4 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش سىستېمىسىنى تەڭشەش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، توختى ھوشۇرغا شەخسىيلەر ئورمان ھوقۇقى كىنىشكىسى بېجىرىپ بېرىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ، ۋىلايەت بويىچە بېجىرىلگەن تۇنجى شەخسىيلەر ئورمان ھوقۇقى كىنىشكىسى ھېسابلىنىدىكەن. كۇچا شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ۋە ئاممىۋى بايلىق سودا مەركىزى ئىزچىل مەۋقەنى تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشقا قويۇپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ماسلاشتۇرۇپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش، باشلامچىلىق بىلەن ئومۇمىي جەھەتتىن تۇتۇشتىكى فۇنكسىيەلىك رولىنى باشتىن ـ ئاخىرى جارى قىلدۇرۇپ، كۆزنەك كەسىپلىرىنى بېجىرىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىنچىكە ھالقىدىن قول سېلىپ ئامما، كارخانىلارنى سەمىمىي، ئەتراپلىق، ئىللىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى يەنىمۇ ئاشۇرغان.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش