دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى ھەممە كىشىنىڭ قىلىدىغان ئىشى بار بولدى بازاردا مال يېتەرلىك، باھا مۇقىم بولدى ماللارنىڭ توردىكى سېتىلىش مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى 1 ـ پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىز توردا ۋە تور سىرتىدا تەكلىپ قىلىشتا 260 مىڭ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى بۇ يەرگە قاراڭ، سىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ... ۋىلايىتىمىز دەريا، كۆل ئېكولوگىيەسىنى «گۈزەللەشتۈرۈش كۇنۇپكىسى»نى باستى ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئەملىتىپ، ھاياتلىق، ساغلاملىققا كاپالەتلىك قىلايلى 1 ـ پەسىلدە ۋىلايىتىمىزنىڭ شەھەر ـ بازارلىرىدا 7518 كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى C6 ھەيدەش كىنىشكىسى كەلدى | سۆرەلمە ئۆي ئاپتوموبىلى بىلەن ساياھەتكە چىقايلى ۋىلايەت بويىچە تۇنجى شەخسىيلەر ئورمان ھوقۇقى كىنىشكىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بېجىرىلدى باقمىچىلىق قىغ ـ بۇلغىمىلىرىنىڭ غەيرىي پۇرىقى پۇقرالارغا دەخلى يەتكۈزدى ئالاقىدار تارماقلار دەرھال تەكشۈرۈپ، دەرھال تۈزەتتى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

باقمىچىلىق قىغ ـ بۇلغىمىلىرىنىڭ غەيرىي پۇرىقى پۇقرالارغا دەخلى يەتكۈزدى ئالاقىدار تارماقلار دەرھال تەكشۈرۈپ، دەرھال تۈزەتتى
مۇھەررىر:
مەنبە:ئۇزېلىمىزنىڭ ئىجادىيۋاقتى:2022-04-21 13:03:50

سانجى شەھىرى:

باقمىچىلىق قىغ ـ بۇلغىمىلىرىنىڭ غەيرىي پۇرىقى پۇقرالارغا دەخلى يەتكۈزدى ئالاقىدار تارماقلار دەرھال تەكشۈرۈپ، دەرھال تۈزەتتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يايۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر گاۋ يۈنجې خەۋەر قىلىدۇ: «قىغ ـ بۇلغىمىلار پاكىز تازىلاندى، كەنتنىڭ ھاۋاسى تېخىمۇ ساپلاشتى. كۆپچىلىكنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى ئورتاق قوغداپ، ھەر كۈنى پاكىز، رەتلىك تۇرمۇش مۇھىتىدىن بەھرىمەن بولالىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى 4 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى سانجى شەھىرى ئەرليۇگۇڭ بازىرى گۇاڭدۇڭخۇ كەنتىنىڭ ئاھالىسى ما جيەنجۇڭ.

يېقىندا، ئامما سانجى شەھىرى ئەرليۇگۇڭ بازىرى گۇاڭدۇڭخۇ كەنتىنىڭ خېلى كۆپ كەنت ئاھالىسىنىڭ ئۆز ھويلىسىدا كالا، قوي، توخۇ قاتارلىق چارۋا، ئۆي قۇشلىرىنى باققانلىقى، غەيرىي پۇراقنىڭ پۇقرالارغا ئېغىر دەرىجىدە دەخلى يەتكۈزگەنلىكىنى ئىنكاس قىلدى. بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئەرزىيەت خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، سانجى شەھىرى دەرھال شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا ئىدارىسى، ئەرليۇگۇڭ بازىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرىنى نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈش، ئېنىقلاش، تەھلىل قىلىش، ھۆكۈم قىلىش، مەسئۇلىيەتنى بېكىتىشكە تەشكىللەپ، ئالاقىدار مەسئۇل كىشىلەرنىڭ تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ئىز قوغلاپ ھەيدەكچىلىك قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئەرليۇگۇڭ بازىرى گۇاڭدۇڭخۇ كەنتى 5 ـ ئەترىتىدە ھازىر باقمىچىلىق ئائىلىسىدىن 24 ئائىلىلىك بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 17 ئائىلە 425 كالا باققان، ئالتە ئائىلە 452 قوي باققان، بىر ئائىلە 2000 توخۇ باققان. باقمىچىلىق كۆلىمى بىرقەدەر كىچىك بولغاچقا، بەلگىلەنگەن ئۆلچەمگە بىردەك يەتمەي، ئائىلىۋى باقمىچىلىققا تەۋە بولغان. قىش پەسلىدىكى كىلىمات شارائىتىنىڭ تەسىرىدە، باقمىچىلىق ئائىلىسىدىكىلەر قىغ ـ بۇلغىمىلارنى ۋاقتىدا تازىلىيالمىغان، ھاۋا ئىللىغاندىن كېيىن، قىغ ـ بۇلغىمىلاردىن پەيدا بولغان غەيرىي پۇراق پۇقرالارغا ئېغىر دەرىجىدە دەخلى يەتكۈزگەن.

«كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى مەخسۇس خادىم ۋە مەخسۇس ئاپتوموبىل ئاجرىتىپ باقمىچىلىق ئائىلىلىرىگە ياردەم قىلىپ ئومۇميۈزلۈك تازىلىدى ھەم قىغ ـ بۇلغىمىلارنى تازىلاش ئەھۋالىنى دائىملاشتۇرۇپ تەكشۈردى.» گۇاڭدۇڭخۇ كەنتى 5 ـ ئەترىتىدىكى باقمىچى سەي لياڭيى مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىن، بىز چوقۇم مۇھىت قوغداش بىلىملىرىنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي باقمىچىلىق، مۇھىت بۇلغىمايدىغان باقمىچىلىقنى ئىشقا ئاشۇرىمىز».

ئەرليۇگۇڭ بازىرىنىڭ بازار باشلىقى تەن يۇڭجى مۇنداق تونۇشتۇردى: ئەرليۇگۇڭ بازىرى تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۈندىلىك چارلاپ تەكشۈرۈش ۋە ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، ھەرقايسى كەنتلەردىكى باقمىچىلىق كارخانىلىرى ھەم باقمىچىلىق ئائىلىلىرىگە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى قانۇنى» «چارۋا، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىدىن بولىدىغان بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تۈزەش بويىچە باشقۇرۇش چارىسى» قاتارلىق قانۇن ـ نىزاملارنى تەشۋىق قىلىپ، قىغ ـ بۇلغىمىلارنى زىيانسىزلاندۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، باقمىچىلىق كارخانىلىرى ۋە باقمىچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ مۇھىت قوغداش ئېڭىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەرنىڭ قايتا يۈزبەرمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

سانجى شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا ئىدارىسى ھەرقايسى باقمىچىلىق كارخانىلىرى، باقمىچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ چارۋا، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىق مەيدانى (ئائىلە) دىكى قىغ ـ بۇلغىمىلارنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش پىلانى ۋە تىزىملىكى تۈزۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، قاتتىق قىغدىن پايدىلىنىش شەكلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قىغنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش كېلىشىمى ۋە چارۋا، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىق مەيدانلىرىدىكى قىغ ـ بۇلغىمىلارنى بىر تەرەپ قىلىش، تۈزەش ۋەدىنامىسى ئىمزالاپ، باقمىچىلىق ئائىلىلىرى چارۋا، ئۆي قۇشلىرىنىڭ قىغ ـ بۇلغىمىلىرىنى شەھەر، بازار، كەنتتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك بىرلەشمە چارلاپ تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورناتتى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، سانجى شەھەرلىك يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىش چوڭ ئەترىتى ھەرقايسى باقمىچىلىق كارخانىلىرى ۋە باقمىچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ قەرەللىك ياكى ئىختىيارىي نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ، باقمىچىلىق كارخانىلىرى، باقمىچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ قىغ ـ بۇلغىما ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ ئۆلچەمگە يەتكۈزۈشنى دائىملاشتۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر:
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش