دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك
مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-01-28 18:37:53

ئاپتونوم رايوننىڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى

يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ۋاڭ جۈنجېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2020 - يىلى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى. پارتىيەنىڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلىپ، تەشكىللەش، باشقۇرۇش سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلۈپ، ھوقۇق - مەنپەئىتى تېخىمۇ كۈچلۈك قوغدىلىپ، ھۆرمەتلەش، قەدىرلەش كەيپىياتى كۈندىن - كۈنگە قويۇقلىشىپ، ئۆز قۇرۇلۇشى تەدرىجىي كۈچەيتىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىدە يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتى يۈزلىنىۋاتقان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى تولۇق تونۇپ، ھەقىقىي تۈردە سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يۇقىرى ئۆلچەمدە ياخشى ئىشلەپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: 2021 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پارتىيە قۇرغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، شۇنداقلا «14 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى. دىققەتنى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەشكىللەش، باشقۇرۇش سىستېمىسى، خىزمەتلەرنى يۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسى، سىياسەت، تۈزۈم سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى ساھەسىنىڭ ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر قەيەردە بولسا، ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى شۇ يەردە قانات يايدۇرۇش كېرەك. سىياسەتنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن تېخىمۇ كۆپ ھەربىيلەرنى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا جەلپ قىلىش كېرەك. ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆيۈنۈپ، مۇلازىمەت، كاپالەت، باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي تۈردە ئۆستۈرۈپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى پائال قوغداپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر قوشۇنىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيە كومىتېتى مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى تارماقلىرى باشلامچىلىق قىلىپ ماسلاشتۇرىدىغان، ئالاقىدار تارماقلار قوللاپ ماسلىشىدىغان، جەمئىيەت كۈچلىرى تەرتىپلىك قاتنىشىدىغان خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى تارماقلىرى ۋە خىزمەت قوشۇنىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىستىل بىلەن خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جاسارەت بىلەن پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قادىلبېك قامزا يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:مۇختار ئابدۇقادىر

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش