دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى
مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-01-28 18:38:22

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 111 - قېتىملىق دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا تۇرپان يالقۇنتاغ - بۇيلۇق داڭلىق مەنزىرە رايونىنىڭ ئومۇمىي يىرىك پىلانى، ھاۋارايىغا سۈنئىي تەسىر كۆرسىتىش، ئۈزۈم ھارىقى كەسپىنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىق خىزمەتلەر تەتقىق قىلىندى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تۇرپان يالقۇنتاغ - بۇيلۇق داڭلىق مەنزىرە رايونىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى ئۆزگىچە، تارىخى ئۇزاق، مەدەنىيىتى چوڭقۇر بولۇپ، بىرقەدەر يۇقىرى ئېستېتىك قىممەتكە ۋە پەن تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە. تۇرپان يالقۇنتاغ - بۇيلۇق داڭلىق مەنزىرە رايونىنىڭ ئومۇمىي يىرىك پىلانىنى ياخشى تۈزۈپ، «ئىلمىي پىلانلاش، بىرتۇتاش باشقۇرۇش، قاتتىق قوغداش، مەڭگۈ ئۈزلۈكسىز پايدىلىنىش»تىن ئىبارەت داڭلىق مەنزىرە رايونى خىزمەت فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، مەنزىرە رايونىنى قوغداش، يېتىلدۈرۈشنى ياخشى قىلىپ، داڭلىق مەنزىرە رايونى ئىچىدىكى تۈرلۈك مەنزىرە بايلىقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىپ، مەنزىرە بايلىقىنىڭ چىنلىقى ۋە مۇكەممەللىكىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، رايون ئالاھىدىلىكى روشەن، ئىقتىدارى مۇكەممەل، ئەسلىھەلىرى ئىلغار، مۇلازىمىتى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، گېئولوگىيە ئىلمى بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، ساياھەت - ئېكسكۇرسىيە بىر گەۋدىلەشكەن ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك داڭلىق مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھاۋارايىغا سۈنئىي تەسىر كۆرسىتىش خىزمىتى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى قوللاش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇش ۋە مۇھىم، زور پائالىيەتلەرگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ھاۋارايىغا سۈنئىي تەسىر كۆرسىتىش خىزمىتىنىڭ ئۇل خاراكتېرلىك، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئورنىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، تۈزۈلمە - مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، ھاۋارايىغا سۈنئىي تەسىر كۆرسىتىش مەشغۇلات ئىقتىدارى ۋە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىكى، بەخت - سائادىتىنى پۇختا كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئۈزۈم ھارىقى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ خاس ئەۋزەل كەسپىنى بەرپا قىلىش شىنجاڭنىڭ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇش، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا رېئال ئەھمىيەتكە ۋە ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە. «رايون سۈپەتلىك ماركىسى تۈرتكە بولۇش، باشلامچى كارخانىلار تىرەك بولۇش، خاس ھاراقچىلىق كارخانىلىرى ماسلىشىش» تەرەققىيات پىكىر يولى بويىچە، كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ۋە توپلىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يۆنىلىش قىلىپ، خام ئەشيانى بازىلاشتۇرۇش، ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋە باشلامچى كارخانىنى زورايتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، كەسىپ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنى يادرو قىلىپ، دۆلەت ئىچى ئىستېمال بازىرىنى زور كۈچ بىلەن ئېچىپ، كەسىپنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى ۋە كەسىپ ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۈزۈم ھارىقى كەسپىنى بىرقەدەر كۈچلۈك خەلقئارا تەسىر كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىگە ئىگە خاس ئەۋزەل كەسىپ قىلىپ بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى دەرىجىلىك ئۈزۈم ھارىقى يادرولۇق ئىشلەپچىقىرىش رايونىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا قارالمىلار تەتقىق قىلىندى.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:مۇختار ئابدۇقادىر

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش