دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

«چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز»
مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-01-28 18:38:56

− ئاياغمەنگەن كەنتىدە كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىم

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەن

[ئىستون سۆزى]

2021 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنى، «14 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى، شۇنداقلا 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرىدىغان، ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىدىغان ئاچقۇچلۇق يىل. كاتتا چاغان يېتىپ كېلىش پەيتىدە، ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىپ، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش نەق مەيدانىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا بارلىققا كەلگەن تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى زىيارەت قىلىپ خەۋەر قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بىرلا غەيرەتكە كېلىپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەشتەك روھىي قىياپىتى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىدۇ؛ ھەرقايسى جايلار گۈللەپ ياشناۋاتقان، ھەر مىللەت ئامما چاغاننى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈۋاتقان گۈزەل مەنزىرىنى تولۇق نامايان قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ ۋە سەپەرۋەر قىلىدۇ. شىنجاڭ گېزىتى بۈگۈندىن باشلاپ، «چاغاندا ئاساسىي قاتلامغا بېرىش» ئىستونىنى ئاچىدۇ، دىققەت قىلغايسىلەر.

قىش كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىدى، سوغۇق بارغانسېرى كۈچەيدى. كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ توققۇزاق بازىرى ئاياغمەنگەن كەنتىگە كىرگەندە، كەڭ ئاسفالت يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى دېھقانلارنىڭ ھويلىلىرى رەتلىك، پاكىز ۋە جىمجىت ئىدى.

ئابدۇقېيۇم روزىنىڭ ئۆيىنىڭ سېرىق رەڭلىك دەرۋازىسى ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى. 1 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، مۇخبىر ئابدۇقېيۇمنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، بىر خىل ئىللىقلىق ھېس قىلدى.

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شۇنچە يىراقتىن كەنتىمىزگە كېلىشى كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ياخشى ياكى ياخشى ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن ئىدى.» ئارىدىن ئالتە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتتى، ئابدۇقېيۇم باش شۇجى كەنتكە كېلىپ كۆزدىن كەچۈرگەندىكى مەنزىرىنى ئەسلىگىنىدە، ھېلىھەم ناھايىتى ھاياجانلىنىدۇ.

2014 - يىلى 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولدى، شۇ مەزگىلدە مەخسۇس ئاياغمەنگەن كەنتىگە كەلدى.

«ئاشۇ كۈنى، باش شۇجى ئىشىكتىن كىرىپلا بىزگە: <مېنىڭ سىلەرنى يوقلاپ كېلىشىم پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان - ئالمىغانلىقىنى، رولىنى جارى قىلدۇرغان - قىلدۇرمىغانلىقىنى دەلىللەش ئۈچۈندۇر> دېدى.» 43 ياشلىق ئابدۇقېيۇم ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئاشۇ كۈنى، باش شۇجى ئۆيىمىزگە كەلگەندە، ياتاق ئۆي، ئاشخانا، كالا، قوي قوتىنى، باغ ۋە دېھقانچىلىق ماشىنا - سايمانلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئائىلىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ كەلگەن كەنت ئاھالىلىرى ھويلىغا لىق تولدى، باش شۇجى يۇرتداشلار بىلەن بىللە چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ مۇڭداشتى.

ئابدۇقېيۇم باش شۇجىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە چۆرىدىشىپ ئولتۇرغان سۈرىتىگە قاراپ، چىرايىدىن بەخت جىلۋىلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «بىردەمدىلا ئالتە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، كەنتىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەقىقەتەن كىچىك ئەمەس!».

ئابدۇقېيۇم ۋە خوتۇنى ئايشەمگۈل ئەزىز ئازادە، يورۇق مېھمانخانا ئۆيدە ئولتۇرۇپ مۇخبىرغا كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى جانلىق سۆزلەپ بەردى.

ئاياغمەنگەن كەنتىدە ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر بىر موغىمۇ يەتمەيتتى. ئىلگىرى، كۆپ قىسىم كەنت ئاھالىلىرى تېرىلغۇ يەرگە تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى. «ئۇ چاغدا بىز كېسەك ئۆيدە تۇراتتۇق، توپا يولدا ماڭاتتۇق. ھازىر، ھەممەيلەن ئەمىن ئۆيدە ئولتۇرىدۇ، گاز ئوچاق ئىشلىتىدۇ، ئاسفالت يوللار ئۆينىڭ ئالدىغىچە ياسالدى. كەنتكە كېلىدىغان ساياھەتچىلەر يىلدىن - يىلغا كۆپەيدى...» دېدى ئابدۇقېيۇم.

«باش شۇجىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى كادىرلار، ئاممىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئىلھاملاندۇردى. كۆپچىلىكنىڭ ئىشەنچى تېخىمۇ ئاشتى، غەيرىتى تېخىمۇ تولۇپ تاشتى.» ئاياغمەنگەن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مەمەتتۇرسۇن ئابدۇراخمان مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئاياغمەنگەن كەنتىنىڭ ناھايىتى نامى چىقتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت «ئىككى كومىتېت»ى كەنت ئاھالىلىرى قۇرۇلتىيى ئېچىشنى قارار قىلىپ، يېزا - كەنت ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەسلىھەتلىشىپ، «تۇرمۇشقا تېخىمۇ كۆپ شېرىن تەم قوشتى».

كەنتتە ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش تەربىيەسى كۆرگەزمە سارىيى قۇرۇلدى. نۇرغۇنلىغان ئورۇن ۋە مەكتەپلەر ئاياغمەنگەن كەنتىگە بېرىپ تەتقىقات، ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىدىغان بولدى. مەمەتتۇرسۇن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇلتۇر كەنتىمىزنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش تەربىيەسى كۆرگەزمە سارىيىلا 260 ئۆمەكتىكى 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قېتىمنى كۈتۈۋالدى».

كەنت ئاھالىلىرى قۇرۇلتىيىدا ئابدۇقېيۇم قولىنى كۆتۈرۈپ يېزا - كەنت ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۆيىگە قايتىپ كېلىپلا ئۇ خوتۇنىنى دېھقانلار ئارامگاھى ئېچىشقا سەپەرۋەر قىلدى. دېھقانلار ئارامگاھى ئېچىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ساياھەتچىلەر كېلىشكە باشلىدى.

بۈگۈنكى كۈندە كەنتتىكى دېھقانلار ئارامگاھى، پۇقراۋى قونالغۇ، تاللا بازار، ئۇششاق يېمەكلىكلەر دۇكىنى 130 نەچچىگە كۆپەيدى، سىرتقا چىقىپ ئىشلەۋاتقان نۇرغۇن كەنت ئاھالىلىرىمۇ قايتىپ كېلىپ ئىگىلىك تىكلەپ پۇل تاپتى.

ئابدۇقېيۇم مۇخبىرغا مۇنداق ھېسابات قىلىپ بەردى: ئالتە يىل ئىلگىرى، بىر ئائىلىدىكى ئۈچ جان ئاساسلىقى ئۇنىڭ تىراكتور ھەيدەپ باشقىلارنىڭ يەر ھەيدىشى، زىرائەتلەرنى ئورۇشىغا ياردەم بېرىپ تاپقان پۇلىغا تايىناتتى، يىللىق كىرىمى 10 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك ئىدى. ھازىر، تىراكتور ھەيدەش ۋە دېھقانلار ئارامگاھى ئېچىشتىن باشقا، ئۇ خوتۇنى بىلەن كالا بېقىپ، كەپتەر بېقىپ، گۈل ئۆستۈرۈپ، يىلىغا 110 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلىدىغان بولدى.

پاراڭ ئارىلىقىدا، ساياھەتچىلەر پات - پات ئابدۇقېيۇمنىڭ ئۆيىگە كىرىپ تۇردى، ئۇمۇ پات - پات ئورنىدىن تۇرۇپ سالام قىلدى. «ھويلىدىكى گۈل - گىياھ پارنىكىنىڭ پەقەت تۆت پۇڭ ئىكەنلىكىگىلا قارىماڭ، يىلدا گۈل سېتىپ قىلغان كىرىمىمىز 30 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ.» ئايشەمگۈل گەپ قىستۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ھازىر بىزنىڭ يىل بويى قىلىدىغان ئىشىمىز، تاپىدىغان پۇلىمىز بار بولدى».

بۈگۈنكى كۈندە، ئاياغمەنگەن كەنتىدە ساياھەت، ياتاق، سەيلە - ساياھەت، ئىستىراھەت قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن كەسىپ ئەندىزىسى شەكىللىنىپ، زور بىر تۈركۈم كەنت ئاھالىلىرى قوبۇل قىلىنىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. «ۋارىس» قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىلا 266 كەنت ئاھالىسىنى قوبۇل قىلىپ، ھەربىر ئائىلىنىڭ ئايلىق كىرىمىنىڭ 3000 - 2000 يۈەن ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

كىرىم كۆپەيدى، ئامما تېخىمۇ راھەت ياشايدىغان بولدى. ئاياغمەنگەن كەنتىدە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە ئۆي جاھازلىرى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى تولۇق بولۇپ، گۈزەللىكنى سۆيىدىغان بىر قىسىم ئاياللار سافاغا ئاق رەڭلىك تور ياپقۇچ يېپىپ قويىدىغان بولدى؛ ھەممە ئائىلىلەردە توك پار ئىشلىتىلىدۇ، سىرت ھەرقانچە سوغۇق بولسىمۇ ئۆينىڭ ئىچى خۇددى باھاردەك ئىللىق.

«مەن 30 نەچچە يىل كەنت كادىرى بولدۇم، ئىلگىرى قىلماقچى بولغان، ئەمما قىلالمىغان نۇرغۇن ئىشلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە رېئاللىققا ئايلانغانلىقىنى كۆردۈم، بۇنى ئويلىسام ھەقىقەتەن چەكسىز ھاياجانلىنىمەن.» يېشى 70تىن ئاشقان روزى مەمەت ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ھازىر تۇرمۇشىمىزدا ھەر كۈنى يېڭىلىق بولۇپ تۇرىدۇ!»

«ياخشى كۈنلەر كۈرەش قىلىشتىن كەلگەن.» بېيىشنىڭ شېرىن تەمىنى تېتىغان ئابدۇقېيۇمنىڭ بېيىش غەيرىتى تېخىمۇ ئېشىپلا قالماي، ئىدىيە جەھەتتىمۇ ئىلگىرىلەشنى ئاكتىپ تەلەپ قىلىدىغان بولدى. 2017 - يىلى 7 - ئايدا، ئابدۇقېيۇم شەرەپ بىلەن پارتىيەگە كىردى.

«كەنتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش دەل پۇقرالارنىڭ ئىدىيە - قارىشىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكى بولۇپ، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئېڭى كۈرەش قىلىش ئېڭى، بېيىش ئېڭىغا ئۆزگەردى.» «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى ليۇ خۇڭتاۋ مۇنداق دېدى: ھازىر، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۈنلىرى ئالدىراش ۋە مەنىلىك بولۇپ، ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلىنىش غەيرىتى تولۇپ تاشتى.

«ياخشى دەۋرگە ئۇلاشتۇق، ياخشى سىياسەت بىلەن ئۇچراشتۇق، پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز كۈچ - قۇۋۋەتكە تولدى!» ئابدۇقېيۇم قەددىنى رۇسلاپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئۆتمۈشنى ئويلاپ، ھازىرغا نەزەر سالساق، قەلبىمىز ئىللىپ، چېھرىمىزدە كۈلكە جىلۋىلىنىدۇ، چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز».

كىم ئۇنداق ئەمەس دېيەلەيدۇ! بۇ يىللاردا، مۇخبىر ئاياغمەنگەن كەنتىنى كۆپ قېتىم زىيارەت قىلدى، ھەر قېتىمدا يېڭى كەيپىيات بار. ھازىر، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى لەززەتكە تولدى، تەبەسسۇمى تېخىمۇ جىلۋىلەندى.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:مۇختار ئابدۇقادىر

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش