دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ
مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-01-28 18:39:24

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جارۇللا ھېسامىدىن

1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن، پومپېئو يەنىلا شىنجاڭغا ئالاقىدار سەپسەتە ئېلان قىلىپ، «ئەسىر يالغان - ياۋىداق سۆزى» توقۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە ئاساسسىز ھۇجۇم قىلىپ، قەستەن قارا چاپلاپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىپ، «ئەڭ ئاخىرقى غالجىرلىق» ئويۇنى ئوينىدى. بۇنىڭدىن چەكسىز غەزەپلەندىم، كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرىمەن ۋە قەتئىي لەنەت ئوقۇيمەن!

پومپېئو زوراۋانلىق، تېررورلۇققا يول قويىدىغان، مەدەت بېرىدىغان پەردە ئارقىسىدىكى قارا قول. پومپېئو شىنجاڭنىڭ ئىناق، مۇقىم ۋەزىيىتىنى كۆرۈشنى خالىماي، «تېررورلۇق ئارقىلىق جۇڭگونى چەكلەش»تەك رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى»نى زوراۋانلىق، تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ بېكىتىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى بىر تەرەپلىمە جاكارلاپ، ئوچۇقتىن ئوچۇق زوراۋان، تېررورچى كۈچلەرنىڭ ئارقا تىرىكى ۋە كۈشكۈرتكۈچىسى بولۇپ، «شەرقىي تۈركىستان» زوراۋان، تېررورچى كۈچلىرىگە ئىزچىل يول قويدى، مەدەت بەردى، سېسىق نامى پۇر كەتكەن زوراۋان، تېررورچى، بۆلگۈنچى تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى بىلەن كۆپ قېتىم كۆرۈشتى، ھەتتا ئۇلارنى ئوچۇق - ئاشكارا ئاقلاپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا قوش ئۆلچەم قوللاندى. بۇ، پومپېئونىڭ «مۇۋاپىق كەلسە پايدىلىنىش، مۇۋاپىق كەلمىسە چۆرۈپ تاشلاش»تەك رەزىل ئەپت - بەشىرىسىنى تولۇق ئاشكارىلىدى.

پومپېئو قالدۇق زەھىرى تۆت ئەتراپقا تارقالغان يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى. ئۇ پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ، بوھتان چاپلاش ھۈنىرىنى قايتا - قايتا بارلىق كۈچى بىلەن ئىشقا سېلىپ، شىنجاڭغا ھە دەپ ھۇجۇم قىلىپ، بوھتان چاپلىدى، بۇ پۈتۈنلەي ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلىگەنلىك. پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. شىنجاڭدىكى ئالەمشۇمۇل زور ئۆزگىرىشلەر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى كۆرگىلى بولىدىغان، تۇتقىلى بولىدىغان ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى، شۇنداقلا پومپېئونىڭ سەپسەتىلىرىنىڭ بىمەنە، كۈلكىلىك ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. پومپېئو ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاخىرلىشىدىغان پەيتتە، «شىنجاڭغا ئالاقىدار» قارالمىدا غالجىرلىق بىلەن تۆھمەت قىلدى، ئۇ مۇقەررەر تارىخنىڭ لەنىتىگە قالىدۇ!

پومپېئو مەخسۇس قارا چاپلاشقا ماھىر غالجىرلاشقان چۈپرەندە. ئۇ شىنجاڭ «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسىنى چەكلەپ، ئۇيغۇر مىللىتىگە قارىتا ئىرقىي يوقىتىشنى يولغا قويدى» دەپ بوھتان چاپلىدى، بۇ پۈتۈنلەي ئاساسسىز گەپ. ئەمەلىيەتتە، 2010 - يىلىدىن 2018 - يىلىغىچە، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نوپۇسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى پۈتۈن شىنجاڭ نوپۇسىنىڭ ئېشىش نىسبىتىدىن يۇقىرى بولۇپلا قالماي، خەنزۇ مىللىتىنىڭ نوپۇسىنىڭ ئېشىش نىسبىتىدىن تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولدى. پومپېئو بىر قوللۇق ئويدۇرۇپ چىقارغان يالغان - ياۋىداق سۆزلەر پولاتتەك پاكىت ئالدىدا ئۆزلۈكىدىن بىتچىت بولىدۇ. ئۇ شىنجاڭ «دىنىي ئەركىنلىكنى باستۇردى» دەپ بوھتان چاپلىدى، بۇ پۈتۈنلەي تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرگەنلىك. ئەكسىچە پومپېئو ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە، ئۇ ئاز سانلىق ئىرق ئەۋلادلىرىنىڭ كەمسىتىلىش ئەھۋالىنى نەزەرگە ئالماي، مۇسۇلمانلارنى ھە دەپ باستۇردى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، %75 ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرى ئامېرىكا جەمئىيىتى مۇسۇلمانلارنى ئېغىر كەمسىتىدۇ، دەپ قارايدىكەن. ھەتتا «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» قاتارلىق ئامېرىكىدىكى ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىمۇ كۆپ قېتىم ئاقساراينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان ئىرقىي كەمسىتىش مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى مۇراجىئەت قىلدى، ھازىر پۈتۈن دۇنيا «قارا تەنلىكلەرنىڭ جېنىنىڭمۇ جان ئىكەنلىكى»گە دىققەت قىلىۋاتىدۇ. ھازىر، ئامېرىكىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن ئۆلگەنلەر 400 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە، خېلى بىر قىسمى ئاز سانلىق ئىرقتىكىلەرنىڭ ئەۋلادلىرى. پومپېئو ئۆز دۆلىتىدىكى بۇ مەسىلىلەرنى نەزەرگە ئالماي، ئەكسىچە جۇڭگوغا قارىتا كەلسە - كەلمەس بىلجىرلاپ، شىنجاڭ توغرىسىدا ئۇچىغا چىققان يالغانچىلىقنى ئويدۇرۇپ چىقاردى، بۇ سېپى ئۆزىدىن كۈلكىلىك گەپ.

پومپېئو سېسىق نامى پۇر كەتكەن لۈكچەك مۇتتەھەم بولۇپ، يالغان سۆزلەشكە خۇمار بولغان، ئالدامچىلىق قىلىشقا ئادەتلەنگەن. جۇڭگوغا تىغ ئۇچىنى قاراتقاندىن باشقا، پومپېئو يەنە ئىران، كۇبا قاتارلىق دۆلەتلەرگە «ئاخىرقى چەك بېسىمى»نى ئىشلەتتى، ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغىمۇ تۈزۈت قىلماي، ياۋروپاغا ئۈزلۈكسىز تەھدىت سالدى، بېسىم ئىشلەتتى، «ئاجىزلار كۈچلۈكلەرگە يەم بولۇش قائىدىسى»گە ئېتىقاد قىلىپ، يەككە تەرەپچىللىكنى يولغا قويۇپ، خەلقئارا تەرتىپكە مىسلىسىز خەۋپ يەتكۈزدى. بۇ قېتىمقى شىنجاڭغا قارا چاپلاشتەك بىمەنە قىلمىشى، ئېنىقكى، ۋەزىپىدىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرىكى يەنە بىر قېتىملىق سىياسىي دەسمايە توپلاش.

ئىت قاۋاۋېرىدۇ، كارۋان يۈرۈۋېرىدۇ. ھەرقانداق يالغان - ياۋىداق سۆز ۋە تۆھمەت شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ ئەتىسى بارغانسېرى ياخشى بولىدۇ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى بەختلىك بولىدۇ.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:مۇختار ئابدۇقادىر

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش