− پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز
يېقىندا، ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپېئو ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش پەيتىدە يەنە بىر قېتىم غالجىرلارچە كاپشىپ، ئەڭ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئۇچىغا چىققان يالغانچىلىق بىلەن، شىنجاڭغا بوھتان چاپلاپ، قارا چاپلاپ، پۈتۈنلەي ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈپ، ئۆزىنىڭ يالغان سۆزلەشكە ماھىر خاراكتېرى، مۇتتەھەملىك، ئۆكتەملىك ماھارىتى، كۆرەڭلەپ ئۆزىنى بىلمەيدىغان تۇغما تەبىئىتى، زومىگەرلىك ئەسلىي ماھىيىتىنى ئۈزۈل - كېسىل ئاشكارىلىدى. ئەسلىدە، كۈنى ئاخىرلاشقان بىر چۈپرەندىگە نىسبەتەن، بىزنىڭ يەنە بۇ ئالدامچىنىڭ نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ، ئۇنىڭ بەتبەشىرە ئىچكى ماھىيىتىنى، رەزىل، نومۇسسىز قىلمىشلىرىنى ئاشكارىلىشىمىز ھاجەتسىز ئىدى. لېكىن، ئۇنىڭ كاپشىغان ئاۋازىنىڭ دۇنيا خەلقىنىڭ قۇلىقىنى بىزار قىلىشىغا يول قويماسلىق، ئۇنىڭ غالجىرلاشقان چۈپرەندىلەرچە ھالىتىنىڭ دۇنيا خەلقىنىڭ كۆزىنى توسۇپ قويۇشىغا يول قويماسلىق، ئۇنىڭ سېسىق گەپ - سۆزلىرىنىڭ جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىكى ئۈچۈن، شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئاز سانلىق مىللەت كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئورنۇمدىن دەس تۇرۇپ، پومپېئونىڭ كۈنى ئاخىرلىشىش ئالدىدىكى يالغان - ياۋىداق سۆزىنى ئېچىپ تاشلىشىم زۆرۈر.
پومپېئو شىنجاڭ «جازا لاگېرى تەسىس قىلىپ، ئۇيغۇر مىللىتى قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەردىن مىليون ئادەمنى قانۇنسىز قاماپ قويدى، زىيانكەشلىك قىلدى» دەپ بوھتان چاپلىدى، بۇ پۈتۈنلەي ئاساسسىز پىتنە - ئىغۋا بولۇپ، ئۇنىڭ سىياسىي ئالدامچىلىق رەزىل ئەپت - بەشىرىسىنى تولۇق ئاشكارىلىدى. شىنجاڭنىڭ قانۇن بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەن ھەققانىي تەدبىر. كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى ئەمەلىيەتتە تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇشىغا، بىرەر ماھارەت ئىگىلىشىگە، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىغان تەربىيەلەش مەكتىپى، تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەربىيەلەنگۈچىلەرنى كەسپىي دەرس بويىچە تەربىيەلەپ ۋە ھەقسىز ياتاق - تاماق بىلەن تەمىنلەپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇۋاپىق ئېھتىياجىغا ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلدى ۋە ئۇنى قاندۇردى. 2019 - يىلى 10 - ئايدا، «ئۈچنى ئۆگىنىش، بىرنى تۈگىتىش» بويىچە تەلىم - تەربىيەگە قاتناشقان تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى تەربىيەنى تاماملاپ، ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىپ، تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلىدى، نورمال تۇرمۇش كەچۈردى. بۇ خىل مەكتەپنى قانداقمۇ «جازا لاگېرى» ۋە «قانۇنسىز قاماش، زىيانكەشلىك قىلىش» دېگىلى بولسۇن؟! پومپېئو شىنجاڭدا ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەۋجۇت دەپ بوھتان چاپلىدى، بۇ پۈتۈنلەي بىمەنە سەپسەتە بولۇپ، ئۇنىڭ قىلچە تۆۋەن چېكى بولمىغان ناچار خاراكتېرىنى تولۇق ئاشكارىلىدى. شىنجاڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قىلىپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، ھەر مىللەت ئەمگەكچىلەرنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشى، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ئەڭ زور چەكتە ياردەم بەردى. شىنجاڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك قانۇنى» قاتارلىق قانۇن - نىزاملارغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئەمگەكچىلەرنىڭ تۈرلۈك ھوقۇق - مەنپەئەتلىرىگە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلدى. ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلىشىش جەريانىدا، ھەر مىللەت ئەمگەكچىلەر ئۆز ئارزۇسىغا ئاساسەن كەسىپ تاللاپ، باراۋەر بولۇش، ئۆزى ئىختىيار قىلىش پىرىنسىپى بويىچە، ئالاقىدار كارخانىلار بىلەن قانۇن بويىچە ئەمگەك توختامى ئىمزالاپ، مۇناسىپ ئىش ھەققىگە ئېرىشتى، ئۇلار ئىشقا ئورۇنلىشىش ئورنىنى تاللاشتىمۇ تامامەن ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولدى، بۇ قانداقمۇ «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» بولسۇن؟ پومپېئو شىنجاڭ «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسىنى چەكلەپ، ئۇيغۇر مىللىتىگە قارىتا ئىرقىي يوقىتىشنى يولغا قويدى» دەپ بوھتان چاپلىدى، بۇ پۈتۈنلەي ئاغزىغا كەلگەنچە جۆيلۈش، قىلچە ئاساسسىز گەپ ئويدۇرۇش بولۇپ، ئۇنىڭ ھىيلە - نەيرەڭ ئىشلىتىشكە ئۇستا رەزىل قىلمىشىنى تەلتۆكۈس ئاشكارىلىدى. شىنجاڭ قانۇن بويىچە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يولغا قويدى، ئۇيغۇر مىللىتى قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى ئىزچىل سىجىل ئېشىۋاتىدۇ. 2010 - يىلىدىن 2018 - يىلىغىچە، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نوپۇسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى پۈتۈن شىنجاڭ نوپۇسىنىڭ ئېشىش نىسبىتىدىن يۇقىرى بولۇپلا قالماي، خەنزۇ مىللىتىنىڭ نوپۇسىنىڭ ئېشىش نىسبىتىدىن تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تەربىيەلىنىش دەرىجىسى ۋە مەدەنىيەت ساپاسى زور دەرىجىدە ئۆسۈپ، تۇغۇت قارىشىدا ئۆزگىرىش بولدى، تېخىمۇ كۆپ ھەر مىللەت ئامما كېچىكىپ توي قىلىش، كېچىكىپ پەرزەنت كۆرۈش، ئاز تۇغۇش، سۈپەتلىك تۇغۇشنى ئىختىيارىي تاللىيالايدىغان، بىخەتەر، ئۈنۈملۈك، مۇۋاپىق تۇغۇتنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئۆز ئالدىغا تاللايدىغان بولدى، «مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش» مەسىلىسى ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس. پومپېئو شىنجاڭ «دىنىي ئەركىنلىكنى باستۇردى» «ئاز سانلىق مىللەت پۇقرالىرىنى دىنغا ئېتىقاد قىلىش ھوقۇق - مەنپەئىتىدىن مەھرۇم قىلدى» دەپ بوھتان چاپلىدى، بۇ پۈتۈنلەي ئىچى يامانلىق بولۇپ، ئۇنىڭ ھەق - ناھەقنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىدىغان لۈكچەكلىك قىلمىشىنى تولۇق ئاشكارىلىدى. شىنجاڭدا دىنغا ئېتىقاد قىلىش ياكى دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىقنى پۇقرالار تامامەن ئۆز ئالدىغا تاللايدۇ، شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش ئۇسۇلى مۇسۇلمان دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىجابىي باھاسىغا ئېرىشتى. پومپېئو پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، شىنجاڭ دىنىي ئەركىنلىكنى باستۇردى، دەپ ئاساسسىز بوھتان چاپلىدى، مەن ئۇنىڭغا قانداق جىن چاپلاشقانلىقىنى ھەقىقەتەن بىلمىدىم! پومپېئو «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۇيغۇر مىللىتى قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزدى» دەپ بوھتان چاپلىدى، بۇ پۈتۈنلەي كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ يالغان سۆزلىگەنلىك بولۇپ، ئۇنىڭ جۇڭگونى قالايمىقانلاشتۇرۇشتەك رەزىل غەرىزىنى تولۇق ئاشكارىلىدى. دەل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر يۈزبېرىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا جەمئىيەت مۇقىم، ئىقتىساد گۈللەنگەن، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، ھەر مىللەت ئامما چىن كۆڭلىدىن پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى، ئۇلۇغ ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى. مەن پومپېئو دېگەن بۇ نومۇسسىزنىڭ ئاتالمىش «ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزدى» دېيىشكە قانداق ئاساسى بارلىقىنى بىلمىدىم!
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىزنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك ئىشەنچىمىز بار، ئىرادىمىز بار، غەيرىتىمىز بار. بۇ ئۇلۇغ مۇساپىگە دەخلى يەتكۈزۈش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش، توسقۇنلۇق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنىدىغان ھەرقانداق ئەخمىقانە خام خىياللار ئاخىردا چۈمۈلىنىڭ دەرەخنى لىڭشىتماقچى، ياچىۋەكنىڭ ھارۋىنى توسماقچى بولغىنىدەك ئىش بولۇپ، مۇقەررەر تارىخنىڭ «چوڭ سۈپۈرگىسى» تەرىپىدىن تارىخنىڭ «ئەخلەت دۆۋىسى»گە سۈپۈرۈپ تاشلىۋېتىلىدۇ!