دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك
مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-01-28 18:46:12

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت بەنزىسى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى

سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك

چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، 1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت بەنزىسى بىر كۈن ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىش، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشنى باش تېما قىلىپ، بەنزە خىزمىتى ۋە شەخسنىڭ ئىدىيە، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىنى ئۆزى تەكشۈرۈش ۋە پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەھلىل قىلىشنى چوڭقۇر ئېلىپ بېرىپ، تەنقىد ۋە ئۆزىنى ئۆزى تەنقىد قىلىشنى كەسكىن، ئەستايىدىل قانات يايدۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى. مەركەز نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى يىغىنغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەشتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بۇ قېتىمقى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەخسۇس لايىھە تۈزدى. يىغىندىن بۇرۇن، دائىمىي كومىتېتقا ئەزا يولداشلار نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشى ۋە شەخسلەر ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 3 - تومىنى تەتقىق قىلىپ ئوقۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى قاتارلىق مۇھىم يىغىنلاردا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، دىققەتنى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنىڭ باش تېمىسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كەڭ دائىرىدە پىكىر - تەكلىپ ئېلىپ، سىردىشىش، سۆزلىشىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش ماتېرىيالىنى ئەستايىدىل يېزىپ، مەسىلە مەنبەسىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، تۈزىتىش تەدبىرلىرى ۋە تىرىشىش يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىش ئۈچۈن تولۇق ئىدىيە ۋە خىزمەت تەييارلىقى قىلدى.

يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنىڭ تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەخسۇس كۆزىتىشى بويىچە «قايتا قاراپ چىقىش»تا قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنىڭ تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى. چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى بەنزىسىگە ۋاكالىتەن سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى، دائىمىي كومىتېت بەنزىسى ئەزالىرى بىر - بىرلەپ ئۆزىنى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ سۆز قىلدى. كۆپچىلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ئۆلچەم خادىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىگە تەتبىقلاش، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتكە تەتبىقلاش، خىزمەتكە تەتبىقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىپ، مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، تەنقىد ۋە ئۆزىنى ئۆزى تەنقىد قىلىشنى سەمىمىيلىك بىلەن قانات يايدۇرۇپ، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇشتا يوشۇرماي، ئۆزئارا تەنقىد قىلىشتا ئۆتكۈر سۆزلەرنى قىلىپ، تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا ھەقىقىي ئەھۋالنى چىقىش قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشەنچى، ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.

چېن چۈەنگو خۇلاسە سۆزى قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، يېزا خىزمىتى يىغىنى، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك ئىشلاردا جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

بىرىنچىدىن، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، سىياسىي يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇھىم ئىش ۋە باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەش، تەربىيەلەش، ئومۇملاشتۇرۇش، تەتقىق قىلىش - مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى دائىملاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە كۈچەپ كۈچ سەرپ قىلىپ، نەزەرىيەۋى ساپا، سىياسىي ساپانى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيەۋىلىكنى چېنىقتۇرۇش، پەزىلەتنى تاۋلاش ئارقىلىق، تىرىشىپ ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، پارتىيەۋىلىك جەھەتتە تەربىيەلىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، سىياسىي ئاڭنى كۈچەيتىش كېرەك. بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىلەرنى سىياسىي جەھەتتىن كۆزىتىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشقا ماھىر بولۇپ، سىياسىي ئاڭنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىرادىنى ساقلاپ، سىياسىي يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر پارتىيە بايرىقىنى بايراق قىلىش، پارتىيەنىڭ يۆنىلىشىنى يۆنىلىش قىلىش، پارتىيەنىڭ ئىرادىسىنى ئىرادە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقى ۋە قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، سىياسىي چوڭ ۋەزىيەتنى ئىگىلەش، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەقىقىي تۈردە سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا چوڭ ۋەزىيەت ئاساسىدا پىكىر يۈرگۈزۈپ، چوڭ ۋەزىيەت ئاساسىدا ھەرىكەتكە كېلىپ، سىياسىي مەيداندىن تەۋرەنمەسلىك، سىياسىي يۆنىلىشتىن چەتنىمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى سىياسىي قۇرۇلۇشتىكى تۈپ مەسىلە ۋە باش ۋەزىپە قىلىپ، باشتىن - ئاخىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۆرسىتىپ بەرگەن سىياسىي يۆنىلىش، بېكىتىپ بەرگەن ئالغا ئىلگىرىلەش لۇشيەنى بويىچە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش؛ سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھىنى پارتىيە رەھبەرلىكى، پارتىيە قۇرۇلۇشى ھەمدە مۇقىملىق، تەرەققىيات، ئىسلاھاتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە نامايان قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى قەلبكە پۈكۈش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى ھەرىكەتتە كۆرسىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەت بىلەن جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا كۈچەش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش، دىنلارنىڭ ئېجىل - ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش، شىنجاڭ ھېكايىسىنى كۆپ قاتلاملىق، ھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولۇق ياخشى سۆزلەش، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ۋە جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاش، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئارقىلىق، شىنجاڭ خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

بەشىنچىدىن، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا سىياسىي ئېكولوگىيە يارىتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، ھەر ۋاقىت ئۆزىنى قەدىرلەپ، ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىپ، ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرۈپ، يالغۇز تۇرغاندا ئېھتىياتچان بولۇش، باشلىنىشتا ئېھتىياتچان بولۇش، كىچىك ئىشلاردا ئېھتىياتچان بولۇش، دوست تۇتۇشتا ئېھتىياتچان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ دېلو ئارقىلىق ئىبرەت قىلىش، دېلو ئارقىلىق تەربىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېلو ئارقىلىق مېخانىزم ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، توغرا دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشى ۋە ھوقۇق قارىشى، مەرتىۋە قارىشى، مەنپەئەت قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش؛ يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنى بوشاشتۇرماسلىق، ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىشتا توختاپ قالماسلىق، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، رەزىللىكنى جازالاشتا يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇش، بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، «تۆت خاھىش»نى تۈزىتىش، تۈزەشنى قىلچە بوشاشتۇرماي، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ پەيدا بولۇشى، يامرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:مۇختار ئابدۇقادىر

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش