دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى
مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-01-28 18:46:47

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 1-ئاينىڭ 21-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر دۇ گاڭ): 5G، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ پايدىسىدا، شىنجاڭنىڭ 2020-يىللىق رەقەملىق ئىقتىسادى %10 ئېشىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ GDPسىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %26كە يەتتى.

  1-ئاينىڭ 21-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىنىڭ نازىرى نىجات ئىسمائىل تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى بىر جەھەتتىن يېڭى ئۇل تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ پايدىسىدىن بولدى. بۇلتۇر، چاڭچېڭ گۇرۇھى، جۇڭكې شۇگۇاڭ شىركىتى ئۈرۈمچىدە زاۋۇت قۇرۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، ئۈرۈمچىنىڭ ئۇچۇر تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش بازىسىنى تېزلىكتە قۇرۇشقا تۈرتكە بولدى؛ قورغاس يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەكنى قاچىلاپ پېچەتلەش سىنىقىدا كۆلەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى؛ شىنجاڭ يۇمشاق دېتال باغچىسىنىڭ 1-قارارلىق قۇرۇلۇشى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلۈپ، ماكانلاشقان كارخانا 230غا يەتتى.

  يەنە بىر جەھەتتىن، «5G + سانائەت ئالاقە تورى»نىڭ تەرەققىياتى تېز بولدى. «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئىككى خانىلىق سانلىق ئېشىشنى ساقلاپ كەلدى، نۆۋەتتە 5G ئاساسىي پونكىتىدىن 6272سى قۇرۇلۇپ، 5G ئابۇنىچىسى 2 مىليون 750 مىڭغا يەتتى. بۇنىڭ پايدىسىدا، شىنجاڭنىڭ سانائەت ئالاقە تورىنىڭ قوللىنىلىشى يېڭى ئېنېرگىيە، نېفىت-گاز قېزىش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە، جابدۇق ياسىمىچىلىقى قاتارلىق 20 نەچچە نۇقتىلىق ساھەرلەنى قاپلاپ، رەقەملەشكەن لايىھەلەش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ياساش، تورلاشقان ماسلىشىش، ئىنچىكىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش قاتارلىق يېڭى ئەندىزىلەر تېزلىكتە كېڭەيدى.



مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:مۇختار ئابدۇقادىر

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش