دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى

ئوغۇتلاش، مايسا يېتىشتۈرۈش، تەكشۈرۈش-رېمونت قىلىش، پىكىر ئېلىش ... ئەتىياز تەييارلىقى پۈتتى!
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2023-03-20 09:59:46

   3-ئاينىڭ 9-كۈنى، كۇچا شەھىرى بېھىشباغ يېزىسى چىنەباغ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى مايسا يېتىشتۈرۈش پارنىكى بازىسىدا كۆكتات مايسىلىرىنى پەرۋىش قىلماقتا. ھازىر ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىش مەزگىلى، كۇچا شەھىرىنىڭ ھەرقايسى يېزا-بازارلىرىدىكى دېھقانلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى بالدۇر پىلانلاپ، يەر تۈزلەش، كۆكتات مايسىلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش ۋە تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشنى ياخشى ئىشلىدى، ئېتىز-ئېرىق باشلىرىدا قايناق ئالدىراش مەنزىرە نامايان بولدى. ۋۇ لې فوتوسى

   3-ئاينىڭ 10-كۈنى، كۇچا شەھەرلىك ئىقتىسادىي تەپتىش ئىدارىسىنىڭ بېھىشباغ يېزىسىنىڭ چىنەباغ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى پارنىكتا تېرىقچىلىق ئائىلىسىدىن ئەتىيازلىق تېرىلغۇدا مايسا يېتىشتۈرۈش ئېھتىياجىنى ئىگىلىمەكتە. ۋۇ لې فوتوسى

   3-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 6-شى 101-تۇەن 4-ليەننىڭ ئىشچىسى ۋاڭ گۇيتاۋ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلماقتا. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، بۇ شىنىڭ ھەرقايسى تۇەنلىرىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنا-سايمانلىرىنى تەڭشەش-سىناشنى تېزلىتىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا ياخشى ئاساس سالدى. ۋېي شىنجياڭ فوتوسى

   3-ئاينىڭ 7-كۈنى، كۇچا شەھىرى ئۇلۇغچات بازىرىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، پىدائىيلار چىڭشۈي كەنتىدە دېھقانلارغا ياردەملىشىپ خىمىيەۋى ئوغۇت چاچماقتا. سۈي شىنشىن فوتوسى

   3-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 6-شى 101-تۇەن 4-ليەننىڭ ئىشچىسى ۋاڭ گۇيتاۋ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلماقتا. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، بۇ شىنىڭ ھەرقايسى تۇەنلىرىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنا-سايمانلىرىنى تەڭشەش-سىناشنى تېزلىتىپ، تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ «ساغلام» ئىش ئورنىغا چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا ياخشى ئاساس سالدى. ۋېي شىنجياڭ فوتوسى

   3-ئاينىڭ 10-كۈنى، پىدائىيلار قابا ناھىيەسى چىبار بازىرى جىلىن يېڭى كەنتىدە دېھقانلارنىڭ پارنىكتا كۆكتاتلار ئارىسىدىكى ياۋا ئوت-چۆپلەرنى ئوتىشىغا ياردەملەشمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قابا ناھىيەسى ياش كادىرلار «مايسا ئولتۇرغۇزۇش، مايسا يېتىشتۈرۈش» پىلانىنى يولغا قويۇپ، ياش كادىرلارنى ئاساسىي قاتلامغا، ئېتىز-ئېرىقلارغا بېرىپ، دېھقانلار بىلەن بىرلىكتە كەسىپ تەرەققىياتىنى پىلانلاپ، كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى زورايتىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇشقا ئەۋەتىپ، ياش كادىرلارنىڭ ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بەردى. ما يۈ فوتوسى

   3-ئاينىڭ 8-كۈنى، جۇڭگو نېفىت تىرانسپورت شىركىتى تارىم تىرانسپورت شۆبە شىركىتىنىڭ كۇچا شەھىرىنىڭ ئۇزۇن بازىرى سېغىن سۆگەت 3-كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ئېتىزدا كەنت ئاھالىلىرىدىن پىكىر  ئالماقتا. ۋۇ لې فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش