دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى

لوپ ناھىيەسىدىكى توققۇز كەنتتە 884 قۇياش ئېنېرگىيەلىك يول چىرىغى ئورنىتىلدى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:ئانار بۇلۇتۋاقتى:2022-09-09 16:52:18

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ جياڭيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر لى يايۈن) يېرىم ئايغا يېقىن جىددىي قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق، يېقىندا، جۇڭگو نېفىت خىمىيە سېتىش پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ نېفىت شۆبە شىركىتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى لوپ ناھىيەسىنىڭ بۇيا يېزىسىدا 884 قۇياش ئېنېرگىيەلىك يول چىرىغى ئورناتتى. 9- ئاينىڭ باشلىرىدا، بۇ قۇياش ئېنېرگىيەلىك يول چىراغلىرى ئارقا- ئارقىدىن ئىشلىتىلىشكە باشلىندى.

كەنتتە يېڭىدىن ئورنىتىلغان قۇياش ئېنېرگىيەلىك يول چىراغلىرى.

ئىختىيارىي مۇخبىر لى يايۈن فوتوسى

قۇياش ئېنېرگىيەلىك يول چىرىغى ئورنىتىلغان توققۇز كەنت باش كونزىيا كەنتى، كانچى ئېرىق كەنتى، قۇم ئازما كەنتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «ئىلگىرى يول چىرىغى يوق، كەچتە ئۆيگە قايتقاندا يولدا تەمتىلەپ قالاتتۇق، ئەمدى يول يورۇپ، كۆڭلىمىزمۇ يورۇپ كەتتى.» دېدى باش كونزىيا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى خېتنىياز مەتتۇرسۇن.

«<ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىزگە قۇياش ئېنېرگىيەلىك يول چىرىغى ئورنىتىپ بەرگەندىن كېيىن، بالىلار كەچتە خاتىرجەم سىرتقا چىقىپ ئوينىيالايدىغان بولدى، چوڭلارمۇ سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ كىرەلەيدىغان بولدى.» دېدى كانچى ئېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بۇزەينەپ ھەبىب.

كەنتتە يېڭىدىن ئورنىتىلغان قۇياش ئېنېرگىيەلىك يول چىرىغى.

ئىختىيارىي مۇخبىر لى يايۈن فوتوسى

توققۇز كەنتكە قۇياش ئېنېرگىيەلىك يول چىرىغى ئورنىتىش ئۈچۈن، جۇڭگو نېفىت خىمىيە پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ نېفىت شۆبە شىركىتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى 2 مىليون 233 مىڭ 200 يۈەن مەبلەغ سالدى، يورۇتۇلغان يولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 20 نەچچە كىلومېتىرغا يەتتى. خىزمەت ئەترىتى كۆپ قېتىم ئەترەت ئەزالىرىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئېنىقلاشقا، كۆپ تەرەپ ماسلىشىپ، ئۆز قەرەلىدە 884 قۇياش ئېنېرگىيەلىك يول چىرىغى ئورنىتىشنى تاماملىدى، 10 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى نەپكە ئېرىشتۈردى.

بۈگۈنكى كۈندە، بۇ توققۇز كەنتتىكى ئاساسىي يولدىن ئاھالىلەرنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە بولغان يول بويلىرىغىچە، ھەر بىر يوپيورۇق يول چىراغلىرى خۇددى كېچە ئاسمىنىدا چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلاردەك كەچ قالغانلارنىڭ ئۆيىگە قايتىش يولىنى يورۇتۇپ تۇرىدىغان بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش