دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى

قانۇن ئىدارە قىلىپ خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش| خىزمەت ئەترىتى «مال تونۇشتۇرۇپ» مېۋە-چېۋىلەر ئېتىزدا سېسىپ كەتمىدى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2022-08-19 12:01:22

خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى دېھقانغا ياردەملىشىپ تاۋۇز توشۇماقتا.

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز سۇڭ يۈجياۋ فوتوسى

  تىيانشان تورى-شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ چېن، ئىختىيارىي مۇخبىر سۇڭ يۈجياۋ خەۋەر قىلىدۇ ) «خىزمەت ئەترىتى ياردەم قىلغاچقا تاۋۇزلىرىم ئېتىزدا سېسىپ كەتمىدى.» 8-ئاينىڭ 15-كۈنى، كۇچا شەھىرى دۆڭقوتان بازىرى دۆڭقوتان كەنتىدىكى تاۋۇز تېرىغان دېھقان ئەمەر كېبىرنىڭ باش قېتىنچىلىقى ھەل بولدى.

  ھازىر تاۋۇزدىن مول ھوسۇل ئېلىنىدىغان مەزگىل. كۇچا شەھىرى دۆڭقوتان بازىرى دۆڭقوتان كەنتىدە تاۋۇز تېرىيدىغان دېھقانلار خېلى كۆپ، يىراقلارغا نەزەر سالسىڭىز، ھەممىلا يەردە تاۋۇزلارنى ئۇچرىتالايسىز. ئەمما ھازىر دەل يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى ھالقىلىق مەزگىل بولغاچقا، تاۋۇز سېتىلماي قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟

  بۇ بىرنەچچە كۈندە سېتىپ چىقىرىش مەسىلىسىنى ئويلىسىلا، دۆڭقوتان كەنتىدىكى دېھقان ئەمەر كىبىر تىت-تىت بولغىنىدىن ئۇخلىيالمىدى.

  ئەمەر بىر مېۋىلىك باغنى باشقۇرىدىغان بولۇپ، ئۆرۈك، شاپتۇل، ياڭاق، ئالما كۆچىتى تىكىپ، تاۋۇز تېرىغانىدى. ھازىر، تاۋۇز بىلەن شاپتۇلنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، ئۈزۈش ۋە سېتىش مەزگىلىگە كىردى، ئەمما ئۇ تېخى سېتىش يوللىرى بىلەن ئالاقىلىشىشقا ئۈلگۈرمەيلا يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلدى.

  كەنت ئاھالىسىنىڭ باش قېتىنچىلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، دۆڭقوتان كەنتىنىڭ 1-شۇجىسى، كۇچا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ئوسمان قۇربان دەرھال خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنى تەشكىللەپ ھەر تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆز ئالدىدىكى جىددىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى.

  بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، خىزمەت ئەترىتى مېۋە-چېۋە سېتىۋېلىشنى خالايدىغان بىر سودىگەر بىلەن ئالاقىلاشتى. ئۈزۈش، ئايرىش، ئاپتوموبىلغا قاچىلاش ئارقىلىق دۆڭقوتان كەنتىدىكى بەش توننىغا يېقىن تاۋۇز ۋە بىر توننا شاپتۇل ئوڭۇشلۇق سېتىلدى.

  «خىزمەت ئەترىتى بىزگە ياردەملىشىپ ئامال ئويلىدى، يول تېپىپ بەردى، ئەمەلىي قىيىنچىلىقىمىزنى ھەل قىلىپ بەردى، بېغىمدىكى تاۋۇز، شاپتۇللارنىڭ ھەممىسى سېتىلىپ بولدى، ئۇلارغا رەھمەت !» دېدى ئەمەر خۇشال ھالدا.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش