دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ھەر ۋاقىت كۆزىتىش ۋە تىزگىنلەش تولۇق قاپلىدى، «بۇلۇت» تېرمىنالى كۈچەپ، باشقۇرۇش ـ قوغداشقا ياردەم قىلدى مەملىكەت بويىچە ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى 7- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى كېچىكتۈرۈپ ئۆتكۈزۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش 796 ئىلتىماس ـ تەلەپ تاپشۇرۇۋېلىندى، بىر تۈركۈم مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇندى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇقتىلىق ساھەلەردە ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش توختاپ قالمىدى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.6 ئاشتى شىنجاڭلىق ئوغلانلار گۇاڭشىدا ئوت ئىچىدىن ئادەم قۇتقۇزدى بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە تۇنجى قېتىم ئاساسلىق مېھمان ئۆلكە تەسىس قىلىندى ۋىلايەت «پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنى خۇشال ـ خۇرام كۈتۈۋېلىش، ئونمىڭ ۋەكىل ئونمىڭ ئائىلىگە كىرىش» باش تېمىلىق ئەمەلىيەت پائالىيىتى بويىچە مەركەزلىك سەييارە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى ۋىلايىتىمىزدىكى تۆت كەنت 3 ـ تۈركۈمدىكى ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ـ كەنت ساياھىتىدىكى نۇقتىلىق كەنت، بازار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

زىيارەت قىلىش، ھال سوراش ئارقىلىق ئىللىقلىق يەتكۈزۈلدى، مېھىر ـ شەپقەت ئىئانىسى ئارقىلىق قەلبلەر ئىللىتىلدى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2022-05-17 11:37:03


  ئاقسۇ ئاخبارات تور خەۋىرى. 5 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ توپقان بازىرى تۆۋەنكى توپقان كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى ئوسمان نىياز ئۆزىدىن ھال سورىغىلى كەلگەن ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيە ـ قېزىلما بايلىقلار ئىدارىسىنىڭ مۇشۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەزاسىنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، كەنتىمىزدە زور ئۆزگىرىش بولدى، بولۇپمۇ خىزمەت ئەترىتى كەلگەندىن بۇيان، بىزگە نۇرغۇن ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردىڭلار، يەنە مېنى دائىم يوقلاپ تۇرۇۋاتىسىلەر، سىلەرگە چىن قەلبىمدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.

  ئوسمان نىياز مېيىپ بولغاچقا، تۇرمۇشتا قىينىلاتتى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ھال سوراش گۇرۇپپىسى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» بويىچە ھال سوراپ ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئوسمان نىيازغا ئوخشاش قىيىنچىلىقى بار كەنت ئاھالىلىرىدىن ھال سوراش بىلەن بىرگە، ئۇلارغا تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلدى ۋە خەلق تۇرمۇشىدىكى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىش ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى.

  ھال سوراش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ھەربىر كەنت ئاھالىسىنىڭ ئۆيىگە بارغاندا، ئۇلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالى ۋە قىيىنچىلىقى، ئىلتىماس ـ تەلىپىنى ئىگىلىدى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بەھرىمەن بولغان ياشانغانلار كۈتۈنۈش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، شەھەر ـ يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، ئاممىۋى ئەسلىھە قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تۈرلىرى ۋە ياردەم تولۇقلىما سوممىسىنى ئۇلارغا ھېسابلاپ بېرىپ، ئاممىنى پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلىدى.

  كەنت ئاھالىسى تۇرسۇن ئابدۇرۇسۇل ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: مېنىڭ ئېغىر كېسىلىم بار ئىدى، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئېغىر كېسەل تېببىي قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش بويىچە داۋالىنىش خىراجىتىمنى ئاتچوت قىلدۇرۇپ بېرىپ، قىيىنچىلىقىمنى يەڭگىللەتتى، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىدا مەن خاتىرجەم داۋالىنىپ، ياخشى ياشاشقا تىرىشىمەن.

  ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بېيىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى كۈچەيتىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىش قىلىش قىزغىنلىقىنى قوزغاش ئۈچۈن، يېقىندىن بۇيان، ۋىلايىتىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، تارماقلار كۆپ خىل شەكىلدە ئىئانە قىلىش، ھال سوراش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ قەلبىگە يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ مىننەتدار لىق ئېڭىنى ئۆستۈردى.

  كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرىنى ياخشى خىزمەت ھالىتىنى ساقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئەستايىدىل، ياخشى ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، 5 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى، ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ ھال سوراش گۇرۇپپىسى كەنتتە تۇرۇش نۇقتىسى بولغان توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىچئېرىق بازىرى ئۇزۇنكوچا كەنتى ۋە مۇنار كەنتىگە بېرىپ، خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرىنى يوقلاپ، ھال سوراپ، ئىللىقلىق ۋە غەمخورلۇق يەتكۈزدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇلارنى داۋاملىق قول تۇتۇشۇپ بىر نىيەتتە بولۇپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈشكە ئىلھاملاندۇردى.

  ياز كىرىپ ھاۋا ئىسسىشقا باشلىدى، ئەڭ گۈزەل ئەمگەكچىلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا، باي ناھىيەسىدىكى مېھىر ـ شەپقەت كارخانىلىرى ناھىيەلىك باغ ـ بارانلاشتۇرۇش، كۆكەرتىش، مۇھىت ئاسراش مۇلازىمەت مەركىزىدە ھال سوراش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بىرىنچى سەپتىكى مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرىغا تۈرلۈك ئىچىملىكلەرنى يەتكۈزۈپ بەردى ھەم ئۇلارنىڭ شەھەرنى گۈزەللەشتۈرۈشكە قوشقان جاپالىق ئەمگىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

  توقسۇ ناھىيەسىنىڭ تاشئېرىق بازىرى ئاتبېشى كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى مېھرىسەم جامال يېڭى كۆڭلەك ۋە توپلەي كىيگەن ئىدى، ئۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: يېڭى كىيىم كىيمىگىلى ئۇزۇن بوپتىكەن، شەھەرلىك «تۇغقىنىم» ماڭا بىرمۇنچە يېڭى كىيىم ئېلىپ كەپتۇ، مەن بەك خۇشال بولدۇم.

  ئەسلىدە، ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزىنىڭ كادىرى ئامىنە ئىمام ئائىلە زىيارىتى قىلىش جەريانىدا مېھرىسەم جامالنىڭ يېڭى كىيىم كىيىش «مىكرو ئارزۇسى»نى بىلگەندىن كېيىن، ناھىيە بازىرىغا بېرىپ ئۇنىڭغا بىر كۆڭلەڭ، توپلەي ۋە قىسمەن تۇرمۇش بۇيۇملىرى ئەكېلىپ بەرگەن ئىدى.

  بىر قېتىملىق ھال سوراش، بىر قېتىملىق ياردەم بېرىش ـ يۆلەش، بىر قېتىملىق ئىئانە قىلىش... جايلار قانات يايدۇرغان ئىئانە قىلىش، ھال سوراش پائالىيىتى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، كۆيۈنۈشىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى، شۇنداقلا يەنە ئۇلارغا نەپنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكى، نەپنىڭ كىمگە يەتكۈزۈلگەنلىكى، قانچىلىك نەپ يەتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھارمەمەت ،جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش