دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ھەر ۋاقىت كۆزىتىش ۋە تىزگىنلەش تولۇق قاپلىدى، «بۇلۇت» تېرمىنالى كۈچەپ، باشقۇرۇش ـ قوغداشقا ياردەم قىلدى مەملىكەت بويىچە ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى 7- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى كېچىكتۈرۈپ ئۆتكۈزۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش 796 ئىلتىماس ـ تەلەپ تاپشۇرۇۋېلىندى، بىر تۈركۈم مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇندى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇقتىلىق ساھەلەردە ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش توختاپ قالمىدى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.6 ئاشتى شىنجاڭلىق ئوغلانلار گۇاڭشىدا ئوت ئىچىدىن ئادەم قۇتقۇزدى بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە تۇنجى قېتىم ئاساسلىق مېھمان ئۆلكە تەسىس قىلىندى ۋىلايەت «پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنى خۇشال ـ خۇرام كۈتۈۋېلىش، ئونمىڭ ۋەكىل ئونمىڭ ئائىلىگە كىرىش» باش تېمىلىق ئەمەلىيەت پائالىيىتى بويىچە مەركەزلىك سەييارە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى ۋىلايىتىمىزدىكى تۆت كەنت 3 ـ تۈركۈمدىكى ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ـ كەنت ساياھىتىدىكى نۇقتىلىق كەنت، بازار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

پارتىيەنىڭ شەپقىتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قەلبىگە «ئورناپ» كەتتى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2022-05-17 11:35:25

  ئاقسۇ ئاخبارات تور خەۋىرى. 5 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، شايار ناھىيەسىنىڭ گۈلباغ بازىرى يۇقىرى كۆلداش كەنتىدە، دېھقان ياسىن سەمەت «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بەش يىلدىن بۇيان يۇقىرى كۆلداش كەنتىدىكى دېھقان ئائىلىلىرىگە بەرگەن خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ياردەم تولۇقلىمىسى تەپسىلىي جەدۋىلى»دىكى تۈرلەرنى ئىنچىكە سېلىشتۇرۇپ چىققاندىن كېيىن، مىننەتدار بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: ھېسابلاپ باقساق ئاندىن بىلىدىكەنمىز، ئائىلىمىزمۇ ھۆكۈمەت تارقاتقان 40 مىڭ يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بوپتىمىز، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى.

  شايار ناھىيەلىك جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ـ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇشۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بىلەن بىرگە، «پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش» تەشۋىقات ـ تەربىيە پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەربىر كەنت ئاھالىسىگە نەپنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكى، نەپنىڭ كىمگە يەتكۈزۈلگەنلىكى، قانچىلىك نەپ يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.

  يۇقىرى كۆلداش كەنتىدە 456 ئائىلىلىك 1550 ئاھالە بار. يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بۇ كەنتكە ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ 10 مىليون 546 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، خەلق تۇرمۇشى ۋە ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى ياخشىلاپ بەردى. بۇنىڭ ئىچىدە، 1 مىليون 269 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ يېزا يولىنى قاتتىقلاشتۇرۇپ بەردى؛ 677 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ كەنت ئاھالىلىرىگە سۇ، توك، تور يەتكۈزۈشكە ياردەم بەردى؛ 4 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ يېزا مۇھىتىنى تەرتىپكە سالدى، تۈزىدى، گۈزەللەشتۈردى؛ 200 مىڭ يۈەننى كۆكەرتىش ۋە يول چىرىغى ئورنىتىشقا ئىشلەتتى.

  كەنت قىياپىتى ئۆزگىرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن ـ كۈنگە ياخشىلاندى، كەنت ئاھالىلىرى پارتىيەنىڭ مېھىر ـ شەپقىتىنى كۆردى ۋە قەلبىگە چىڭ پۈكتى. كەنت ئاھالىسى سۇپۇرەم ئانايەت يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىكى ياردەم تولۇقلىمىسى تىزىملىكىنى ئېلىپ مۇنداق دېدى: ھەر قېتىم نەچچە 1000 يۈەنلەپ پۇل تارقىتىپتۇ، بىلىپ ـ بىلمەيلا شۇنچە كۆپ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ياردەم تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بوپتىمەن.

  «ئەگمە پارنىك ياردەم تولۇقلىمىسى 3000 يۈەن، ھويلا ـ ئاران ئىگىلىكى ياردەم تولۇقلىمىسى 8600 يۈەن، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى 12 مىڭ 900 يۈەن، بۇغداي ۋە كېۋەز تولۇقلىمىسى 19 مىڭ يۈەن، سالامەتلىك تەكشۈرۈش ھەققى 500 يۈەن...» سۇپۇرەم ئانايەتنىڭ ئۆيىدە، خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقاچ ياردەم تولۇقلىمىسىنى ھېسابلاپ كۆرگەن ئىدى، بىر ئائىلە كىشىلىرى بەش يىلدىن بۇيان 69 مىڭ 796 يۈەن خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ياردەم تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولغان ئىدى. سۇپۇرەم ئانايەت مىننەتدار بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى بىزنى ھەقىقەتەن ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈردى، بىز پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى ئۇنتۇماي، بىر ئۆمۈر پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمىز.

  خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1 ـ شۇجى ئەخمەت ئابدۇل مۇنداق دېدى: بىز تەشۋىق ـ سەپەرۋەر قىلىش، ئالدىنقى مەزگىللىك ئېنىقلاش، ئائىلىلەرگە كىرىپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، ئۇقتۇرۇش چاپلاش قاتارلىق تۆت ھالقا بويىچە ئاممىنىڭ «خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ھېساباتى»نى ئېنىق ھېسابلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئاممىنى ھەقىقىي تۈردە ئىدىيەسىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى بىلىپ، پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، كونكرېت ھەرىكىتىدە ئۇلارنى پارتىيەگە ئىنتىلىش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلىدۇق.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھارمەمەت ،جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش