دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى

«ئۇ دېگىنىنى قىلىدىغان ياخشى كادىر»
مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەمەت
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2022-01-14 16:54:47

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇ جيەنخۇي، ئىختىيارىي مۇخبىر رىزۋانگۈل ئىسمايىل خەۋەر قىلىدۇ) «بۇ تۇرخۇن بىلەن خوچياڭنىڭ ئارىلىقىدا ئازراق يوچۇق بار ئىكەن، دەرھال لاي چاپلىۋېتەيلى.» 1-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، چېڭ جۈەنجۈەن ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلغاندا كەنت ئاھالىسى تۇراخان غوجىئابلانىڭ ئۆيىگە كېلىپ، كاربون چالا ئوكسىدتىن سىگنال بېرىش ئەسۋابى، ئوت ئۆچۈرگۈچ، توك يولى، ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈردى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلدى.

  چېڭ جۈەنجۈەن دۆلەت باج باش ئىدارىسى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق باج ئىدارىسىنىڭ چەرچەن ناھىيەسى ئاقتېكەندۆڭ يېزىسى توغراقئېغىل كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى. «سەمىمىي، سەۋرچان، ئىنچىكە بولۇش ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئەڭگۈشتەر.» چېڭ جۈەنجۈەن دائىم مۇشۇ گەپ بىلەن ئۆزىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ.

  2020-يىلى 5-ئايدا كەنتتە تۇرغاندىن بۇيان، چېڭ جۈەنجۈەن قارىماققا نازۇك، لېكىن خىزمەت قىلغاندا غەيرىتى تولۇپ تاشقان، سۈرەتكە تارتىش، ماتېرىيال يېزىش، ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە ماھىر بولۇپ، خىزمەت ئەترىتىنىڭ قولىدىن ئىش كېلىدىغان ئەزاسى بولۇپ قالدى.

  كەنت ئاھالىسى قۇربان غوجىئابلانىڭ سالامەتلىكى يار بەرمىگەنلىكتىن ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنالماي ئىزچىل ئۆيىدە ئىدى، بالىسىنىڭ تۇغۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئائىلە بېسىمى بارغانسېرى ئېغىرلاشتى، ھەم مۇقىم، ھەم ئائىلىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايدىغان خىزمەت تېپىش ئۇنىڭ ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان ئىشى بولۇپ قالدى.

  كەنتتە تۇرغاندىن باشلاپ، چېڭ جۈەنجۈەن توغراقئېغىل كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولدى. ئۇنىڭ خاتىرە دەپتىرىگە قۇربان غوجىئابلانىڭ ئىسمىنىڭ كەينىگە ئالىي تېخنىكومنى پۈتكۈزگەن، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى سەۋىيەسى بىر قەدەر ياخشى، كومپيۇتېر بىلىدۇ، دېگەندەك ئۇچۇرلار تەپسىلىي يېزىلغان بولۇپ، قۇربان غوجىئابلانىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسىنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن، چېڭ جۈەنجۈەن ئۇياق-بۇياققا چېپىپ، ئۇنىڭغا خىزمەت ئالاقىلىشىپ بەردى.

  «مەن ھازىر بىر ئىجتىمائىي كاپالەت خادىمى، كۆپچىلىك بىلەن بىللە كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپلا بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايمەن، خوتۇنۇمغا بەزى دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلىشىپ بېرىمەن، جۈەنجۈەننىڭ ياردىمىگە كۆپ رەھمەت» دېدى قۇربان خۇشال ھالدا.

  كەنتتە تۇرغاندىن بۇيان، ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش چېڭ جۈەنجۈەننىڭ خىزمىتىدە كەم بولسا بولمايدىغان بىر تۈرلۈك خىزمەت بولۇپ قالدى. ئاپئاق تېرىسى ئاپتاپتا ساغلام بۇغداي ئۆڭ بولدى، خىزمەت خاتىرىسى بىر پارچىدىن بىر دەستىگە ئايلاندى. كىمنىڭ ئۆيىدىكى ياشانغان كىشىنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس، كىمنىڭ ئۆيىدە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى ئەمگەك كۈچى كەمچىل ... ئۇ ھەممىنى تەپسىلىي خاتىرە قالدۇرۇپ، 1-شۇجى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى بىلەن ۋاقتىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئەڭ تېز سۈرئەتتە ھەل قىلدى.

  بۇلتۇر 5-ئايدا، ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش جەريانىدا، چېڭ جۈەنجۈەن كەنت ئاھالىسى ئايشەم ئەمەتنىڭ چىرايىنىڭ سارغىيىپ، كۆزلىرىنىڭ نۇرسىزلىنىپ قالغانلىقىنى بايقىدى، سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، ئۇنىڭ يېقىندىن بۇيان ئىشتىھاسىنىڭ تۇتۇلۇپ، جىسمانىي كۈچىنىڭ بۇرۇنقىدەك بولماي قالغانلىقىنى بىلدى، چېڭ جۈەنجۈەن نۆۋەت بىلەن دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ئايشەمگە ھەمراھ بولۇپ بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىغا بېرىپ ئايشەمنى تەكشۈرتتى، ئايشەمگە ئۆت نەيچىسى راكىغا گىرىپتار بولغان دەپ دىياگنوز قويۇلدى.

  يۇقىرى داۋالىنىش خىراجىتى ئايشەمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى غەمگە سېلىپ قويدى. «كېسەل بولسا داۋالىتىمىز، ھازىر دۆلەتنىڭ سىياسىتى شۇنداق ياخشى، يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش، ئېغىر كېسەللەرنى قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش قاتارلىق بىر قاتار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى بار، يېنىمىزدىن ئۇنچە كۆپ پۇل كەتمەيدۇ.» چېڭ جۈەنجۈەننىڭ زېرىكمەي-تېرىكمەي نەسىھەت قىلىشى بىلەن، ئايشەم ئاخىرى ئىدىيەۋى يۈكتىن قۇتۇلۇپ خاتىرجەم داۋالاندى.

  كېيىنكى بىر ئايدا، چېڭ جۈەنجۈەن ئايشەمنىڭ يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش، ئېغىر كېسەللەرنى قۇتقۇزۇش، داۋالاش ماتېرىياللىرىنى تولۇق تەييارلاپ، داۋالىنىش خىراجىتىنى ئاتچوت قىلىشقا تولۇق تەييارلىق قىلىشىغا ياردەم بەردى. ئاخىرىدا كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا ئايشەمنىڭ سالامەتلىكى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلدى.

  «ئۇ دېگىنىنى قىلىدىغان ياخشى كادىر، ھازىر سالامەتلىكىم خېلى ياخشى بولۇپ قالدى، جۈەنجۈەننىڭ ياردىمىگە كۆپ رەھمەت» دېدى ئايشەم مىننەتدار بولغان ھالدا.

  «ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈشنىڭ ئۆلچىمى، شۇنداقلا خىزمىتىمنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى.» چېڭ جۈەنجۈەن مۇنداق دېدى: سەمىمىيىتىم، سەۋرچانلىقىم ۋە ئىنچىكىلىكىم بىلەن ئاممىغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىمەن.



مەسئۇل مۇھەررىر:ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش