دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى

ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش | سىز ئىشلەشنى خالىسىڭىزلا، خىزمەتنى مەن تېپىپ بېرىمەن
مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2022-01-07 19:26:39

  

2021-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى، چەرچەن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئۇرۇقچىلىق مەيدانى 2-ئەترەتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى، كەنت «ئىككى كومىتېتى»دىكىلەر ئاھالىلەر بىلەن خۇشال ھالدا بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىرلىكتە جياۋزا تۈگمەكتە.

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لى پېڭيەن فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇ جيەنخۇي، ئىختىيارىي مۇخبىر رىزۋانگۈل ئىسمايىل

2021-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى، چەرچەن ناھىيەلىك ئۇرۇقچىلىق مەيدانى 2-ئەترىتىدىكى ھاشىم قاسىمنىڭ ھويلىسى ئالدىراشلىققا چۆمگەنىدى، چېن شىجيې بىلەن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى، ئەترەت كادىرلىرى ھاشىم ئائىلىسىگە ياردەملىشىپ ھويلىسىغا خىش ياتقۇزۇپ بېرىۋاتاتتى.

«ھاشىم ئائىلىسىدىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى ئىشلەپ پۇل تاپقىلى كەتتى، بىز بوۋايغا ياردەملىشىپ ھويلىسىنى يىغىشتۇرۇشۇپ بېرەيلى» دېدى چېن شىجيې كۈلۈپ تۇرۇپ.

چېن شىجيې چەرچەن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئۇرۇقچىلىق مەيدانى 2-ئەترەتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى بولۇپ، ئاھالىلەرنىڭ قىيىنچىلىقى، ئىلتىماس-تەلىپى، زىددىيەت-ماجىرالىرىنى يىغىپ بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل. كىمنىڭ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىق، ئىلتىماس-تەلەپ بولسا ياكى زىددىيەت-ماجىرا مۇرەسسە قىلىشقا توغرا كەلسە، ئۇ چاقىرغان ھامان كېلىدۇ، قىلچە ئاغرىنمايدۇ. چېن شىجيې تىلغا ئېلىنسا، ئۇنى تونۇيدىغانلارنىڭ ھەممىسى باش بارمىقىنى چىقىرىدۇ.

ئۇرۇقچىلىق مەيدانى 2-ئەترىتىدىكى ياشلارنىڭ كۆپىنچىسى سىرتقا ئىشلىگىلى چىقىپ كەتكەن، قېپقالغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ياشانغانلار ۋە بالىلار، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى قانداق ئالغا سىلجىتىش كېرەك؟ چېن شىجيې خىزمەتداشلىرى بىلەن ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ، پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنى باشلاپ، ئۇ ئائىلىنىڭ ئۈزۈم بارىڭى ياساش، ئۆي قۇشلىرى كاتىكى رېمونت قىلىشىغا ياردەم قىلسا، بۇ ئائىلىنىڭ ھويلا يېرىنى تۈزلەش، پاكىزە ھاجەتخانا سېلىشىغا ياردەم بېرىپ، ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

ھاۋاخان سەيدى موماينىڭ ئۆيىدىكى يىل بويى رېمونتسىز قالغان لاپاسنىڭ ئاستىغا ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەر دۆۋىلىنىپ كەتكەن ئىدى، چېن شىجيې كادىرلارنى تەشكىللەپ ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ لاپاس جازىسىنى چۇۋۇپ، ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەرنى يىغىشتۇرۇپ، يەرنى تۈزلىدى، بۇنىڭ بىلەن ھاۋاخاننىڭ ھويلا-ئارانىدا تۆت رايوننى ئايرىش خىزمىتى پۈتۈنلەي تاماملاندى.

«ماڭا يېڭى ھويلا ئالماشتۇرۇپ بەردىڭلارمۇ نېمە، سىلەرگە كۆپ رەھمەت» دېدى ھاۋاخان يېڭى تۈسكە كىرگەن ھويلىسىغا قاراپ مىننەتدارلىق بىلەن.

«كەنت ئاھالىلىرىنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش خىزمىتىمدىكى ئەڭ چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، ئازراق تەر ئاققۇزسام، ئازراق جاپا تارتسام ھېچنېمە بولمايدۇ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تەبەسسۇمى ماڭا بېرىلگەن ئەڭ چوڭ مەدەت» دېدى چېن شىجيې.

ئۇرۇقچىلىق مەيدانى 2-ئەترىتىدە ئادەم كۆپ، يەر ئاز، كەسىپ قۇرۇلمىسى يەككە، كىرىمنى ئاشۇرۇش نۇقتىسى كۆپ بولماسلىقتەك ئەھۋالغا قارىتا، چېن شىجيې زىيارەت قىلىپ ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسىنى ئىگىلەپ، دېھقانلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە بېيىش ئارزۇسىغا ئاساسەن، ئائىلىگە، ئادەمگە قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، ئاممىنى ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەپ، ئاممىنىڭ ھەميېنىنى بارغانسېرى تومپايتتى.

ھەسەن سادىقنىڭ ئائىلىسىدە بەش جان بار بولۇپ، ئائىلىسىنىڭ پەقەت بىرنەچچە مولا ياڭاقلىق بېغى بار ئىدى. ئەر-خوتۇن ئىككىلىسى 30 ياشتا بولۇپ، ياش ھەم كۈچى بار بولسىمۇ، لېكىن ئادەتتە ھەسەن ئۆزى يالغۇز سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغان، خوتۇنى ئۆيدە قېلىپ دېھقانچىلىق قىلىدىغان بولغاچقا، تۇرمۇشى ئانچە باياشات ئەمەس ئىدى.

چېن شىجيې ھەسەن ئەر-خوتۇن ئىككىسى بىلەن «بېيىش ھېساباتى» قىلدى، ياڭاقلىقنى كۈندە پەرۋىش قىلىش ھاجەتسىز، بوش ۋاقىت كۆپ، سىرتقا چىقىپ ئىشلىگىلى بولاتتى. «يېقىن يەردە خىزمەت تاپماق تەسكەن، يىراق يەرگە بارسام بالامغا قارايدىغان ئادەم يوق، ياڭاقلىقنى كىم پەرۋىش قىلىدۇ؟» دېدى ھەسەن.

«پەقەت ئىشلەشنى خالىسىڭىزلا، خىزمەت تېپىش ئىشىنى ماڭا تاپشۇرۇڭ». چېن شىجيې ھەسەن ئەر-خوتۇن ئىككىسىگە ياردەملىشىپ يېقىن ئەتراپتىن خىزمەت ئالاقىلىشىپ بەردى، ھازىر ئىككىسىنىڭ ئايلىق كىرىمى 9000 يۈەنگە يېتىپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

«چېن ئەترەت باشلىقى مېنى خوتۇنۇم بىلەن بىللە ئىشلەش ئىرادىسىگە كەلتۈردى، مەن شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئېلىش كۇرسىغا تىزىملاتتىم، بۇ يىل خوتۇنۇم بىلەن بىر يىل تىرىشىپ ئىشلەپ، كېلەر يىلى بىر ئاپتوموبىل سېتىۋېلىپ تىرانسپورت بىلەن شۇغۇللىنىشقا تىرىشىمەن» دېدى ھەسەن خۇشال ھالدا.

«ئاممىنىڭ ئىشى مېنىڭ ئىشىم، زىددىيەت-ماجىرالارنى تۈگىتىش مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم». خىزمەت  جەريانىدا، چېن شىجيېنىڭ زىددىيەت-ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىشتا ھامان ئۆزىگە تۇشلۇق بىر يۈرۈش چارىسى بار.

بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، چېن شىجيې ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ئامما ئۈچۈن 400دىن ئارتۇق زىددىيەت-ماجىرا، قىيىنچىلىق، ئىلتىماس-تەلەپنى ھەل قىلىپ بېرىپ، خەلق قەلبىنى ئىللىتىپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىنى ئاممىنىڭ قەلبىگە يەتكۈزدى.



مەسئۇل مۇھەررىر:ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش