دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى

يىغىم ئالدىراشچىلىقى، تۈرلۈك زىرائەتلەردىن مول ھوسۇل ئېلىندى
مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-11-19 17:16:37

  ئانار بۇلۇت خەۋىرى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ قارابۇرا يېزىسى كۆل كەنتىدىكى ئېتىزلىقتا قىزىلچا يىغماقتا. نۆۋەتتە، چاغانتوقاي ناھىيەسىدە تېرىلغان 10 مىڭ مو يەردىكى قىزىلچىنى يىغىش مەزگىلى يېتىپ كەلدى، كەنت ئاھالىلىرى دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ يىغىپ سېتىشنى تېزلىتىپ، ھوسۇلنى، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ياڭ خۇاگۇاڭ فوتوسى

10-ئاينىڭ 30-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ قارابۇرا يېزىسى كۆل كەنتىدىكى ئېتىزلىقتا قىزىلچا يىغماقتا.
ياڭ خۇاگۇاڭ فوتوسى


10-ئاينىڭ 30-كۈنى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بەسەي يىغىشىغا ياردەملەشمەكتە.


     شۇ كۈنى، چاغانتوقاي ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى ۋە ناھىيەلىك سەھىيە- پىلانلىق تۇغۇت ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىش-قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسىنىڭ بۇ ناھىيەنىڭ جىيەك بازىرى جايىلما كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھاۋانىڭ ئوچۇق ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ئېڭىز ئورنىغا تېرىلغان بەسەينى تېز يىغىۋېلىشىغا، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بەردى.

ياڭ خۇاگۇاڭ فوتوسى

10-ئاينىڭ 30-كۈنى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بەسەي توشۇشىغا ياردەملەشمەكتە.
ياڭ خۇاگۇاڭ فوتوسى


10-ئاينىڭ 31-كۈنى، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ چىلان يىغماقتا.


   نۆۋەتتە، چەرچەن ناھىيەسىنىڭ ئارال بازىرى ئارال كەنتىدىكى 2800 مو يەردىكى چىلان يىغىش مەزگىلىگە كىردى. چەرچەن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمى، چەرچەن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ ئارال بازىرى ئارال كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن بىرلىشىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلاردىن پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، ئېتىز-ئېرىق باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەمگەك كۈچى كەمچىل ئائىلىلەرنىڭ چىلان يىغىشىغا ياردەم بېرىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا كۈچ قوشتى.



مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش