دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مەملىكەت

دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى: سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇش تۇغۇت سۇغۇرتىسى تەمىناتى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2023-05-25 13:07:13

   5-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «نوپۇزلۇق تارماقلار باشلىنىش سۆزى قىلىش» يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، يىغىندا مۇنداق تونۇشتۇردى: دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى تۇغۇت سۇغۇرتىسى ۋە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، تۇغۇت سۇغۇرتىسى قاتارلىق ئالاقىدار يانداش قوللاش سىياسەتلىرىنى پائال تەتقىق قىلدى، مۇكەممەللەشتۈردى.

  بىرىنچى، تۇغۇت سۇغۇرتىسىنىڭ كاپالەت ئىقتىدارى سىجىل جارى قىلدۇرۇلىدۇ. تۇغۇت سۇغۇرتىسى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە خىزمەتتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى قاپلاپ، تۇغۇت داۋالىنىش خىراجىتى ۋە تۇغۇت قوشۇمچە پۇلى تەمىناتى بېرىلىدۇ. 2022-يىلى، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 240 مىليون ئادەم تۇغۇت سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان بولۇپ، تۇغۇت سۇغۇرتىسى تەمىناتى چىقىمى 89 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولدى. تۇغۇت سۇغۇرتىسى ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق، يەككە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان تۇغۇتقا ئالاقىدار خىراجەت چىقىمىنى بارلىق ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئارىسىدا تەڭ ئۈستىگە ئېلىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئادەم ئىشلىتىش تەننەرخىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئىشلىتىش ئەندىشىسىنى يېنىكلىتىدۇ، بۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى جىنسىي كەمسىتىشنى تۈگىتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ئىككىنچى، ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇش تۇغۇت سۇغۇرتىسى تەمىناتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ھەرقايسى جايلاردىكى سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇش تۇغۇت سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىكلىرىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەرقايسى جايلاردىن سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تۇغۇت داۋالىنىش خىراجىتى ۋە تۇغۇت قوشۇمچە پۇلىنى تۇغۇت سۇغۇرتىسى تەمىناتى چىقىم قىلىش دائىرىسىگە ۋاقتىدا كىرگۈزۈپ، تولۇق چىقىم قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇغۇت داۋالىنىش خىراجىتى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ماس قەدەمدە ياخشى ئىشلەپ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەمىناتنى جىپسىلاشتۇرۇش، ۋاقتىدا راسچوت قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى بېسىپ تارقىتىپ، ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، خىزمەت تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن ئۈچ پەرزەنتلىك بولغانلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ بەلگىلىمە بويىچە مۇناسىپ تەمىناتتىن بەھرىمەن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

  ئۈچىنچى، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، ئاكتىپ تۇغۇتنى قوللاش تەدبىرلىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. 2022-يىلى 7-ئايدا، دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى 17 تارماق بىلەن بىرلىكتە «ئاكتىپ تۇغۇتنى قوللاش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى تۇغۇت سۇغۇرتىسىنىڭ قاپلاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەرلىكنىڭ فوندنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى، ئالاقىدار تېخنىكىلارنىڭ قېلىپلىشىشى قاتارلىق ئامىللارنى ئۇنىۋېرسال ئويلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، تۇغۇتتا ئاغرىق توختىتىش ۋە تۇغۇتقا ياردەم بېرىش تېخنىكا تۈرلىرىنى تەرتىپ بويىچە فوندنىڭ چىقىم قىلىش دائىرىسىگە مۇۋاپىق كىرگۈزۈشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

(باش ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرلىرى جېڭ يىجې، ليۇ تىڭيۈ)

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش