دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مەملىكەت

دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى: تۈنۈگۈن يەرلىكتە يېڭىدىن كۆپەيگىنى «235+597»
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:ئانار بۇلۇتۋاقتى:2022-09-27 11:38:16

 9- ئاينىڭ 25- كۈنى سائەت 0دىن 24كىچە، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 295نى دوكلات قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىدىن كىرگەن ئاغرىق مىسالى 60 (شاڭخەيدە 19، گۇاڭدۇڭدا 19، فۇجيەندە 5، بېيجىڭدا 3، سىچۇەندە 3، تيەنجىندە 2، جياڭسۇدا 2، جېجياڭدا 2، يۈننەندە 2، شەندۇڭدا 1، چۇڭچىڭدا 1، شەنشىدە 1)، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەرگەن 5 كىشى (گۇاڭدۇڭدا 2، سىچۇەندە 2، جياڭسۇدا 1)نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ يەرلىك ئاغرىق مىسالى 235 (گۇيجوۋدا 154، سىچۇەندە 35، خېيلۇڭجياڭدا 16، شىزاڭدا 9، گۇاڭدۇڭدا 7، تيەنجىندە 3، يۈننەندە 3، نىڭشيادا 3، چىڭخەيدە 2، ئىچكى موڭغۇلدا 1، چۇڭچىڭدا 1، شەنشىدە 1)، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەرگەن 101 كىشى (گۇيجوۋدا 90، سىچۇەندە 9، چىڭخەيدە 1، نىڭشيادا 1)نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېڭىدىن ئۆلگەن ئاغرىق مىسالى يوق. يېڭىدىن كۆپەيگەن گۇمانىي ئاغرىق مىسالى يوق.

  شۇ كۈنى يېڭىدىن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىق مىسالى 280، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىدىن كىرگەن ئاغرىق مىسالى 54، يەرلىك ئاغرىق مىسالى 226 (سىچۇەندە 77، ئىچكى موڭغۇلدا 40، خەينەندە 29، گۇيجوۋدا 15، بېيجىڭدا 14، شىزاڭدا 14، شەندۇڭدا 11، گۇاڭدۇڭدا 11، تيەنجىندە 5، گۇاڭشىدا 3، شەنشىدە 3، لياۋنىڭدا 1، جياڭشىدا 1، خۇبېيدا 1، شىنجاڭدا 1)؛ تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان يېقىندىن ئۇچراشقۇچى 12 مىڭ 468 كىشى، ئېغىر ئاغرىق مىسالىدىن ئالدىنقى كۈنىدىكىگە قارىغاندا 5ى كۆپەيدى.

  چېگرا سىرتىدىن كىرگەنلەردىن ھازىر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 558 (ئېغىر ئاغرىق مىسالى يوق)، ھازىر بار بولغان گۇمانىي ئاغرىق مىسالى يوق. جەمئىي ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 23 مىڭ 809، جەمئىي ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىق مىسالى 23 مىڭ 251، ئۆلگەن ئاغرىق مىسالى يوق.

  9- ئاينىڭ 25- كۈنى سائەت 24كىچە، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 2962سى (بۇنىڭ ئىچىدە ئېغىر ئاغرىق مىسالى 41) بار ئىكەن، جەمئىي 241 مىڭ 496 ئاغرىق مىسالى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان، جەمئىي 5226 ئاغرىق مىسالى ئۆلگەن، جەمئىي 249 مىڭ 684 ئاغرىق مىسالىغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلىقى دوكلات قىلىنغان، ھازىر بار بولغان گۇمانىي ئاغرىق مىسالى يوق. يېقىندىن ئۇچراشقۇچىدىن جەمئىي 5 مىليون 936 مىڭ 176 كىشى ئىز قوغلاپ ئېنىقلانغان، ھازىرمۇ 136 مىڭ 475 نەپەر يېقىندىن ئۇچراشقۇچى تېببىي جەھەتتىن كۆزىتىلىۋاتىدۇ.

   31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 704نى دوكلات قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىدىن كىرگىنى 107، يەرلىكتىن دوكلات قىلىنغىنى 597 (نىڭشيادا 184، خېيلۇڭجياڭدا 141، گۇيجوۋدا 97، شىزاڭدا 89، تيەنجىندە 16، چىڭخەيدە 16، سىچۇەندە 13، شىنجاڭدا 8، جياڭسۇدا 5، گۇاڭدۇڭدا 5، جياڭشىدا 3، شەندۇڭدا 3، يۈننەندە 3، شەنشىدە 3، خېنەندە 2، خۇبېيدا 2، خېبېيدا 1، ئىچكى موڭغۇلدا 1، جېجياڭدا 1، ئەنخۇيدا 1، گۇاڭشىدا 1، خەينەندە 1، چۇڭچىڭدا 1).

  شۇ كۈنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 1332، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىدىن كىرگىنى 132، يەرلىكتىكىسى 1200 (خەينەندە 355، گۇيجوۋدا 219، شىزاڭدا 205، سىچۇەندە 87، لياۋنىڭدا 61، ئىچكى موڭغۇلدا 56، شەندۇڭدا 36، خۇبېيدا 31، خېيلۇڭجياڭدا 26، جياڭشىدا 21، تيەنجىندە 18، گۇاڭشىدا 17، جىلىندا 13، گەنسۇدا 12، شەنشىدە 9، گۇاڭدۇڭدا 7، شىنجاڭدا 7، چىڭخەيدە 6، خېبېيدا 3، شاڭخەيدە 3، خېنەندە 3، فۇجيەندە 2، نىڭشيادا 2، چۇڭچىڭدا 1)؛ شۇ كۈنى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەرگىنى 106 (چېگرا سىرتىدىن كىرگىنى 5)؛ ھازىرمۇ تېببىي جەھەتتىن كۆزىتىلىۋاتقان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 11 مىڭ 333 (چېگرا سىرتىدىن كىرگىنى 760).

  جەمئىي شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونىنىڭ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان 6 مىليون 662 مىڭ 991 ئاغرىق مىسالى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى تاپشۇرۇۋېلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكىسى 412 مىڭ 147 (دوختۇرخانىدىن چىققىنى 83 مىڭ 531، ئۆلگىنى 10مىڭ 116)، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكىسى 793 (دوختۇرخانىدىن چىققىنى 787، ئۆلگىنى 6)، تەيۋەن رايونىدىكىسى 6 مىليون 250 مىڭ 51 (دوختۇرخانىدىن چىققىنى 13 مىڭ 742، ئۆلگىنى 10 مىڭ 828).

(باش ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى شى يىڭچۇن)

پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش