دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش 2023-يىلى شىنجاڭنىڭ 1-كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى %6 ئەتراپىدا ئاشۇرۇلىدۇ ​پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىرلىك سەپ، مىللەت - دىن خىزمىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى ​«بۇ يىلقى يۈەنشياۋ بايرىمىدا بايرام كەيپىياتى ئىنتايىن قويۇق بولدى» ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى، دۆلەت يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ئاكادېمىكلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى قىسمەن يېزا ئىگىلىك كارخانىچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى ​داقا - دۇمباق ئاۋازى پەلەككە يېتىپ، كوچا ئويۇنى ئوينالدى يۈەنشياۋ بايرىمى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، ئىناق، گۈزەل تۇرمۇش ئورتاق تەبرىكلەندى ​مەدەنىيەت يۇغۇرۇلۇپ كاتتا بايرام تەبرىكلەندى يىلىغا 2000 توننا تىككۈچىلىك يىپى ئىشلەپچىقىرىش تۈرى يىلىغا 2 مىليون 400 مىڭ جۈپ تەنھەرىكەت ئايىغى ئىشلەپچىقىرىش تۈرى يىلىغا 200 مىڭ ئۇرچۇقلۇق يىپ ئېگىرىش ئىشلەپچىقىرىش تۈرى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مەملىكەت

شى جىنپىڭ پاكىستان زۇڭلىسى شاھباز بىلەن كۆرۈشتى
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-09-21 11:54:58

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۆزبېكىستان سەمەرقەنت، 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار سەي گودۇڭ، ليۇ كەي) شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سەمەرقەنت دۆلەت مېھمانخانىسىدا پاكىستان زۇڭلىسى شاھباز بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ تاغ - دەريالىرى تۇتاش، تەقدىرى بىر - بىرىگە باغلانغان، ئىككى دۆلەت ئەزەلدىن ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولدى، خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو بىلەن پاكىستان بىر - بىرىگە ئىشىنىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار. جۇڭگو تەرەپ پاكىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەتنىڭ پۈتۈن كۈنلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو - پاكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ داۋاملىق ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى بىرلەشمە كومىتېتىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، چوڭ تۈرلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق قۇرۇلۇشى ۋە يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كەسىپ، يېزا ئىگىلىكى، پەن - تېخنىكا، جەمئىيەت، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، كارىدور قۇرۇلۇشىغا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشۇش كېرەك. پاكىستان تەرەپنىڭ پاكىستاندىكى جۇڭگو پۇقرالىرى ۋە ئاپپاراتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىنى، كارخانىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو تەرەپ پاكىستان تەرەپنىڭ يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى ۋە يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىغا باشلامچىلىق بىلەن ئاكتىپ ئاۋاز قوشقانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، پاكىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تەشەببۇسنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سۇپىلاردىكى ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ لاگېرلار قارشىلىشىشىغا قارشى تۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداشنىڭ ھەققانىي ساداسىنى ياڭرىتىشى كېرەك.

شاھباز جۇڭگو تەرەپنىڭ پاكىستان ئېغىر كەلكۈن، ھۆلچىلىك ئاپىتىگە ئۇچرىغاندا قىممەتلىك ياردەم بىلەن ۋاقتىدا تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ مول ئىستراتېگىيەلىك يىراقنى كۆرەرلىككە ئىگە داھىي، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو ئۇلۇغ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. پاكىستان خەلقى رەئىس شى جىنپىڭغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىدۇ، جۇڭگونى پاكىستاننىڭ مەڭگۈلۈك ئۇلۇغ دوستى دەپ قارايدۇ. پات ئارىدا ئېچىلىدىغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن! پاكىستان تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ تەيۋەنگە ئالاقىدار، شىنجاڭغا ئالاقىدار، شياڭگاڭغا ئالاقىدار قاتارلىق يادرولۇق مەنپەئەت مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى قەتئىي قوللايدۇ، بىر قىسىم كۈچلەرنىڭ جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزۈش سۇيىقەستلىرىگە، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىش قىلمىشلىرىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. پاكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقى يىمىرىلمەس، تەڭداشسىز. پاكىستان تەرەپ پاكىستاندىكى جۇڭگو پۇقرالىرى ۋە ئاپپاراتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى قوغداپ، داۋاملىق ھالدا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى پائال ئورتاق قۇرۇپ، جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىنى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، پاكىستان - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تۆمۈريول، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىدى.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش