دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش بۈگۈن (9-ئاينىڭ 15-كۈنى) شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدىكى شامال ئېغىزلىرىدا 11~10 بالغىچە بوران چىقىدۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 17 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ ​چوڭقۇر ھەمكارلىشىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىككى تەرەپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ ۋىلايىتىمىزدىكى جايلار پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش ھەپتىلىكى پائالىيىتىنى ھەر خىل شەكىلدە قانات يايدۇردى ​رىياسەتچىلىكتە يېڭى يۇلتۇزلار يېتىشتۈرۈلۈپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى ​ۋىلايىتىمىزنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە ـ ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە سىگنالىنى سىناق تەرىقىسىدە بېرىش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 175 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى مۇقىم، راۋان، ئەلا بولۇش شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتىنى كۈچەيتتى دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى: تۈنۈگۈن يەرلىكتە يېڭىدىن كۆپەيگىنى «196+762» شىنجاڭدا دوكلات قىلىنغان يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى سىجىل تۆۋەنلىدى، بىراق ئۈرۈمچى، غۇلجا، كورلا شەھىرىدە يەنىلا جەمئىيەت قاتلىمىدىن يۇقۇملانغۇچىلار بار

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مەملىكەت

شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 22 - قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىپ ۋە قازاقىستان، ئۆزبېكىستاندىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-09-19 11:02:56

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى يېرىم كېچىدە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 22 - قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىپ ۋە قازاقىستان، ئۆزبېكىستاندىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى دىڭ شۆشياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ جيېچى، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې لىفېڭ قاتارلىقلار شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ كەلدى.

شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سەمەرقەنت باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، يىغىن مەيدانىدىن ئۇدۇل ئايروپورتقا بېرىپ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن ۋەتەنگە قايتتى. ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف ۋە ھۆكۈمەت زۇڭلىسى ئارىپوف ئايرىم - ئايرىم ھالدا يىغىن مەيدانىنىڭ سىرتىدا ۋە ئايروپورتتا ئۇزىتىپ قويدى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش