دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مەملىكەت

شى جىنپىڭ جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سىنلىق باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى
مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەمەت
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2022-01-26 19:31:01

شى جىنپىڭ جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سىنلىق باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى 

 قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تەكىتلىدى

1-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سىنلىق باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، «قول تۇتۇشۇپ تەقدىرداش بولۇپ، بىرلىكتە كەلگۈسىگە ئاتلىنايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پاڭ شىڭلېي فوتوسى


  1-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سىنلىق باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، «قول تۇتۇشۇپ تەقدىرداش بولۇپ، بىرلىكتە كەلگۈسىگە ئاتلىنايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان، تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى بەردىمۇھەممەدوف، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پاڭ شىڭلېي فوتوسى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1-ئاينىڭ 25-كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سىنلىق باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان، تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى بەردىمۇھەممەدوف، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ ۋە بەش دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى تارىخىي دەقىقىلەر خاتىرىلەنگەن سىننى كۆرۈپ، قىزغىن، داغدۇغىلىق، دوستانە كەيپىياتتا تەجرىبىلەرنى ئورتاق خۇلاسىلەپ، كەلگۈسىگە نەزەر سالدى. شى جىنپىڭ «قول تۇتۇشۇپ تەقدىرداش بولۇپ، بىرلىكتە كەلگۈسىگە ئاتلىنايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 30 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو باشلامچىلىق بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقە ۋە ھەمكارلىق دەرۋازىسىنى ئاچتى. 30 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، ۋەدىسىدە تۇرۇپ ئىناق ئۆتۈپ، ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا يول قويۇش ئاساسىدا تارىختىن قېپقالغان چېگرا مەسىلىلىرىنى تەلتۆكۈس ھەل قىلىپ، ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش يېڭى يولىدا مېڭىپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت بەرپا قىلىشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. ئىككى تەرەپ قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدەندى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا چېچەكلەپ مېۋە بەردى. ئىككى تەرەپ مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش بولۇپ، تىنچ- ئامانلىق ۋە خەۋپ-خەتەرنى ئورتاق زىممىگە ئېلىپ، ئورتاق خەۋپسىزلىك مەنپەئىتى ۋە رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى كۈچلۈك قوغدىدى. ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى چۈشىنىپ ۋە يېقىن ئۆتۈپ، ئۆزئارا ئىناق بېرىش-كېلىش قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى خەلقلەر جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇش، قەلبداش بولۇشتەك تەسىرلىك سىمفونىيەنى پۈتتى. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھەمدەمدە بولۇپ، ھەققانىيەتتە چىڭ تۇرۇپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەققانىي ھوقۇق-مەنپەئىتى ۋە ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئىتىنى قوغدىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ 30 يىللىق ھەمكارلىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش شىفىرى ئىككى تەرەپنىڭ باشتىن-ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلغانلىقى، ئىناق قوشنا بولۇپ، دوستانە ئۆتكەنلىكى، جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولغانلىقى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالغانلىقىدا. بۇ تۆت پىرىنسىپ ھەمكارلىق داۋامىدا توپلانغان قىممەتلىك تەجرىبە ۋە ئورتاق بايلىق، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىنىڭ سىياسىي كاپالىتى، شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ دوستانە ئالاقىسىدە ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشتىكى كۈچ مەنبەسى. خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن، كەلگۈسىدە جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ قايسى دەرىجىگە يېتىشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو باشتىن-ئاخىر ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىشىنىشىگە ۋە قەدىرلىشىگە ئەرزىيدىغان ياخشى قوشنىسى، ياخشى ھەمراھى، ياخشى دوستى، ياخشى قېرىندىشى. جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ۋە ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن ئىزدىنىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا سەھنىدە تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قەتئىي قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ بەش تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  بىرىنچى، ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق بويىچە مۇنبەت ئۈلگە ئېتىزى بەرپا قىلىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، كەڭ قورساق بولۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «جۇڭگو + ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت» دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىشى قاتارلىق بىر قاتار سۆزلىشىش، ھەمكارلىشىش مېخانىزمىنى ياخشى يولغا قويۇپ، ئىتتىپاقلىشىش، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. كىشىلىك ھوقۇقنى باھانە قىلىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشقا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

  ئىككىنچى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ھەمكارلىق بەلبېغى بەرپا قىلىش كېرەك. جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە كۆلىمى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ بازارنى ئېچىۋېتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك تاۋارلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى، جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق مۇنبىرىنى داۋاملىق ياخشى ئۆتكۈزۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا بەش دۆلەت ئېلېكتىرونلۇق سودا ھەمكارلىقى سۆزلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، مۇۋاپىق پەيتتە جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى كەسىپ ۋە سېلىنما ھەمكارلىق مۇنبىرى ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. كىشىلەر راۋان سەپەرگە چىقىدىغان «تېز، قولاي يول» بەرپا قىلىپ، ئەشيا ئوبوروتى راۋان بولغان «يېشىل يول»نى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگو-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان تۆمۈريول تۈرىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا قاتناش كارىدورى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىدۇ. جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا نېفىت، تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئېنېرگىيە پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىدۇ. سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، چوڭ سانلىق مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاش قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكا ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ.

  ئۈچىنچى، تىنچلىقنى قوغدايدىغان مۇھاپىزەت قالقىنىنى كۈچەيتىش كېرەك. «ئۈچ خىل كۈچ»كە داۋاملىق زەربە بېرىپ، چېگرانى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايون خەۋپسىزلىكى مۇداپىئە تورىنى مۇستەھكەم قۇرۇش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ۋاكسىنا ۋە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن داۋاملىق تەمىنلەپ، ۋاكسىنا ۋە ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دورىلارنى بىرلىشىپ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. 2022-يىلى جۇڭگو يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى 50 مىليون ۋاكسىنا ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدۇ ھەم ئېھتىياجلىق دۆلەتلەردە ئەنئەنىۋى مېدىتسىنا مەركىزى تەسىس قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا ساغلاملىق كەسىپ ئىتتىپاقى قۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلىدۇ.

  تۆتىنچى، كۆپ مەنبەلىك ھەمتۈرتكە بولىدىغان چوڭ ئائىلە بەرپا قىلىش كېرەك. ئادىمىيەت ئالاقىسى چوڭ ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ئۆزئارا مەدەنىيەت مەركىزى تەسىس قىلىشنى تېزلىتىپ، مەدەنىيەت مىراسلىرى سۆھبىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئاياللار ئىشلىرى، ئاقىللار ئامبىرى، تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئۈچۈن ساياھەت بايلىقىنى تونۇشتۇرۇش سۇپىسى قۇرىدۇ، بەش دۆلەتنىڭ ھەممىسىنى جۇڭگو پۇقرالىرى چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىدىغان مەنزىل دۆلەت قاتارىغا كىرگۈزۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا خەلق ئىچى دوستلۇق مۇنبىرى ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، كەلگۈسى بەش يىلدىن ئون يىلغىچە تىرىشىپ جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ دوستانە شەھەرلىرىنى 100 جۈپكە كۆپەيتىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنى جۇڭگو ھۆكۈمەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئالىدىغان 1200 سان بىلەن تەمىنلەش، جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا ياشلار سەنئەت بايرىمى، «كەلگۈسى كۆۋرۈك» جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا ياش رەھبەرلەر تەتقىقات-بىلىم ئالماشتۇرۇش لاگېرى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىدى.

  بەشىنچى، تىنچ تەرەققىي قىلىدىغان يەر شارى كەنتىنى قوغداش كېرەك. يېقىندا مەن يەر شارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىرلىشىپ كۈچ چىقىرىپ خەۋپ-خەتەر، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا چاقىرىق قىلدىم. مەن شۇنداق جاكارلايمەنكى، كەلگۈسى ئۈچ يىلدا جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى 500 مىليون دوللار ھەقسىز ياردەم بىلەن تەمىنلەپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خەلق تۇرمۇشى تۈر قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىدۇ؛ تەتقىقات-مۇھاكىمە قىلىشقا قاتنىشىدىغان 5000 سان بىلەن تەمىنلەپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سەھىيە، ساغلاملىق، نامراتلارنى ئازايتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، ئۇچۇر تېخنىكىسى قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

  شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگودا قەدىمكىلەردە: «مۇساپە يېقىن بولسىمۇ، يول يۈرمىسە مەنزىلگە يەتكىلى بولمايدۇ؛ ئىش كىچىك بولسىمۇ، ئەجىر قىلمىسا نەتىجە ھاسىل قىلغىلى بولمايدۇ» دېگەن گەپ بار. بىز ئالتە دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق بەخت ـ سائادىتىنى چىقىش قىلىپ، دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق پۈتۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا ئورتاق تۈرتكە بولايلى.

  ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو تەرەپنىڭ بۇ قېتىمقى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە سىنلىق باشلىقلار يىغىنىنى تەشەببۇس قىلغانلىقىغا ھەم رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يۈكسەك باھا بەردى، جۇڭگونىڭ رايون ۋە دۇنيا تىنچلىقى ھەم تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى تەرىپلىدى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ 30 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مول نەتىجىلەرگە ئىجابىي باھا بەردى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، يەنە رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئۈنۈملۈك قوغداپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئادىل، ھەققانىي، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئۈلگىسىنى تىكلىدى، دەپ قارىدى. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۇزۇن چېگرا سىزىقى ئەمدى «بىر-بىرىدىن مۇداپىئەلىنىدىغان چۇ-خەن چېگراسى» ئەمەس، بەلكى بىر - بىرىنىڭ خەلقلىرى ئىناق قوشنا بولۇپ دوستانە ئۆتىدىغان كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتىگە ئايلاندى. جۇڭگونىڭ بەش دۆلەتكە ئۇزاقتىن بۇيان بەرگەن قىممەتلىك مەدىتى ھەمدە بەش دۆلەتنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن تەمىنلىگەن ۋاكسىنا ۋە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى قاتارلىق ياردەملەرنىڭ ھەممىسى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن جۇڭگونىڭ يىمىرىلمەس دوستلۇقىنىڭ گۇۋاھچىسى.

  بەش دۆلەت باشلىقلىرى مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كەلگۈسىدىكى جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتى توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمىز، ئىككى تەرەپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول، نەتىجىسى مول، دوستلۇق ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ بەرپا قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ـ جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايمىز. ھەرقايسى دۆلەتلەر بىر ـ بىرىنىڭ تاللىغان تەرەققىيات يولىنى قەتئىي قوللايدۇ، بىر ـ بىرىنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، ھەرقانداق باھانە بىلەن باشقا دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشقا قارشى تۇرىدۇ، ئالتە دۆلەتنىڭ يادرولۇق خەۋپسىزلىك مەنپەئىتى ۋە ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئىتىنى ئورتاق قوغدايدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش شۇ رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتى، ئىناق قوشنىدارچىلىق، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەرقايسى تەرەپلەر ئۇچرىشىشتىكى مۇھىم ئورتاق تونۇش ۋە نەتىجىلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەرەللىك يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، رايونلارنىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ھەمدە ئىقتىساد - سودا، ئېنېرگىيە، يۇقىرى تېخنىكا، خەۋپسىزلىك قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەر شارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رايون، خەلقئارا ئىشلاردىكى پىكىرلىشىش، ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق خىرىسقا تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرۇپ، رايون تىنچلىقى، خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدۇ.

  بەش دۆلەت باشلىقلىرى بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: كېلەر ھەپتە جۇڭگوغا بېرىپ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا ناھايىتى تەقەززامىز. جۇڭگو تەرەپنىڭ يۇقۇم قىيىنچىلىقىنى يېڭىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى قەرەلىدە ئوڭۇشلۇق، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، جەزمەن دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ ئىشەنچ ۋە ئۈمىد ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز! بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز، جۇڭگو خەلقىنىڭ باھار بايرىمىنىڭ خۇشال-خورام ئۆتۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز!

  باشلىقلار يىغىنى «جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 30 يىل توغرىسىدىكى بىرلەشمە باياناتى»نى ماقۇللىدى ۋە ئېلان قىلدى.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش