دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز» ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مەملىكەت

«قۇشلار ئىچىدىكى چوڭ مۈشۈكئېيىق» دەپ ئاتىلىدىغان قارا لەيلەكتىن 17سى شاخۇ كۆلى سۇ رايونىدا پەيدا بولدى
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-11-25 19:04:49

قارا لەيلەك شاخۇ كۆلىنىڭ شەرقىدىكى تېيىز سۇ رايونىدا پەيدا بولدى.

  خەلق تورى، يىنچۈەن، 11-ئاينىڭ 18-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇ گوخۇ)باش قىشتا، زور تۈركۈمدىكى جەنۇبقا كۆچكەن پەسىل قۇشلىرى ئارقا-ئارقىدىن نىڭشيادىكى شاخۇ كۆلى سۇ رايونىدا ئوزۇقلىنىپ، دەم ئېلىپ، قىسقا ۋاقىت توختىغاندىن كېيىن داۋاملىق جەنۇبقا قاراپ ئۇچىدۇ. يېقىندا، قۇشلارنى سۈرەتكە تارتىش ھەۋەسكارلىرى دۆلەت تەرىپىدىن 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان قۇش تۈرى قارا لەيلەكنىڭ شاخۇ كۆلىنىڭ شەرقىدىكى تېيىز سۇ رايونىدا پەيدا بولغانلىقىنى خاتىرىلىۋالدى.

  قارا لەيلەك دۆلەت تەرىپىدىن 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سانى تېز سۈرئەتتە ئازىيىپ كەتكەچكە، «يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋانلار، ياۋا ئۆسۈملۈكلەر تۈرى خەلقئارا سودا ئەھدىنامىسى»دە يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ھايۋانلار تۈرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، پۈتۈن يەر شارى بويىچە سانى 3000غا يەتمەيدۇ، جۇڭگودا تەخمىنەن 1000ى بار، ئەتىۋارلىق دەرىجىسى چوڭ مۈشۈكئېيىقتىن قېلىشمايدۇ، شۇڭا «قۇشلار ئىچىدىكى چوڭ مۈشۈكئېيىق» دەپ ئاتالغان.

  «بىر خىل ئېكولوگىيە كۆرسەتكۈچى خاراكتېرلىك ھايۋانلار تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قۇشلار ئەڭ ئادىل بولغان <مۇھىت باھالىغۇچى>، مۇھىتنىڭ ياخشى-ياخشى ئەمەسلىكىدە سۇ قۇشلىرىغا قاراش كېرەك.» قۇش ھەۋەسكارى يۆ چاڭخۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۈگۈنكى كۈندە، شاخۇ كۆلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى سۇ رايونىنىڭ سۇ سۈپىتى ۋە مۇھىتى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋېتىپتۇ، قۇشلارنىڭ سانى ۋە تۈر توپى يىلدىن-يىلغا كۆپىيىۋېتىپتۇ، ئىلگىرى ئاندا - ساندا بىر نەچچىسىلا پەيدا بولىدىغان قۇشلار ھازىر 100دىن ئېشىپ تۈر توپى بىلەن پەيدا بوپتۇ. بۇ قېتىم شاخۇ كۆلى سۇ رايونىدا جەمئىي 17 قارا لەيلەك بايقالغان، ئۇنىڭ ئاز قىسمى يېتىلگەن قۇش، كۆپ قىسمى يېتىلمىگەن قۇش بولۇپ، تەخمىنەن يەتتە-بەش ئائىلە شەكلىدە «ساياھەت»كە چىققان.

  «بۇ، بۇ يىل شاخۇ كۆلى سۇ رايونىدا بىر ئاق قۇيرۇق دېڭىز بۈركۈتى بىلەن ئالا قۇيرۇق دېڭىز بۈركۈتى بايقالغاندىن كېيىنكى، تۇنجى قېتىم قارا لەيلەك سىيماسىنىڭ خاتىرىلىنىشى». شاخۇ كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ خىزمەتچىسى جاۋ جىياڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قارا لەيلەكنىڭ رەڭگى ئوچۇق، ھوشيار بولۇپ، لەيلەك ئاياغلىقلارغا تەۋە ئىكەن، ئادەتتە تېيىز سۇ رايونىغا ماكانلىشىدىكەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شاخۇ كۆلى سۇ رايونى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بېلىقچىلىقتىن كۆلگە قايتۇرۇش، تېرىلغۇدىن ئورمانغا، سۇلۇق يەرگە قايتۇرۇشنى يولغا قويۇپ، 4000دىن ئارتۇق سۇغا چىداملىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردى، رايون سۇلۇق يەر ئومۇمىي كۆلىمى 2017-يىلىدىكىدىن 6000 مودىن ئارتۇق ئېشىپ، قۇشلارنىڭ كۆچۈشى، كۆپىيىشىنى ياخشى ماكانلىشىش مۇھىتى بىلەن تەمىنلىدى.


مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرگۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش