دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مەملىكەت

چېڭدۇ ـ چۇڭچىڭ رايونىنىڭ قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى بېسىپ تارقاتتى
مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2021-10-22 12:26:30

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن

چېڭدۇ ـ چۇڭچىڭ رايونىنىڭ قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى بېسىپ تارقاتتى

كودنى سىكاننېرلاپ «پروگرامما»نىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى كۆرۈڭ


شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان (مۇخبىرلار شيې شىياۋ، ئەن بېي) يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «چېڭدۇ ـ چۇڭچىڭ رايونىنىڭ قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلان پىروگراممىسى»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

يىرىك پىلان پىروگراممىسى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى چېڭدۇ ـ چۇڭچىڭ رايونىنىڭ قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، ئالاقىدار يىرىك پىلان ۋە سىياسەتلەرنى تۈزۈشتىكى مۇھىم ئاساس.

يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: چېڭدۇ ـ چۇڭچىڭ رايونىنىڭ قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى «بىر بەلباغ، بىر يول» بىلەن چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ كېسىشكەن جايىغا جايلاشقان، غەربىي قىسىمدىكى قۇرۇقلۇق، دېڭىز يېڭى يولىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ، غەربىي جەنۇب، غەربىي شىمالنى تۇتاشتۇرۇش، شەرقىي ئاسىيا بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيانى تۇتاشتۇرۇشتەك ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە. بۇ، رايون ئىچىنىڭ ئېكولوگىيەسى ئەلا، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىقلار مول، شەھەر ـ بازارلار زىچ تارقالغان، مەنزىرىسى كۆپ خىل، دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي قىسمىدىكى نوپۇس ئەڭ زىچ، كەسىپ ئاساسى ئەڭ مول، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك، بازار بوشلۇقى ئەڭ كەڭ، ئېچىۋېتىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى رايون بولۇپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىدە ئۆزگىچە ھەم مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە. چېڭدۇ ـ چۇڭچىڭ رايونى قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 185 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

چېڭدۇ ـ چۇڭچىڭ رايونىنىڭ قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر ـ بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم، زور تەدبىر بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. غەربىي رايوندا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئېشىش قۇتۇپىنى شەكىللەندۈرۈپ، نوپۇس ۋە ئىقتىسادنىڭ كۆتۈرۈش كۈچىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق؛ ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئېگىزلىك ۋە خەلقئارا رىقابەتكە قاتنىشىدىغان يېڭى بازا بەرپا قىلىشقا پايدىلىق بولۇپ، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدا ئىچكى ـ تاشقى جەھەتتە بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىدىغان، شەرق بىلەن غەرب قوش يۆنىلىشتە ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان سىرتقا ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ ئېكولوگىيە فۇنكسىيەلىك رايونىدىكى نوپۇسنى شەھەرلەر توپىغا مەركەزلىشىشكە جەلپ قىلىپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى ۋە غەربىي رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشقا پايدىلىق.

يىرىك پىلان پىروگراممىسى چېڭدۇ ـ چۇڭچىڭ رايونىنىڭ قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى، يەنى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تەسىر كۈچكە ئىگە مۇھىم ئىقتىسادىي مەركەز، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تەسىر كۈچكە ئىگە پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ئېگىزلىكى، يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ۋە ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان جاي ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇردى. يىرىك پىلان پىروگراممىسىغا ئاساسەن، 2025 ـ يىلىغا بارغاندا، چېڭدۇ ـ چۇڭچىڭ رايونىنىڭ قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكىنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى، خەلقئارا تەسىر كۈچى زور دەرىجىدە ئېشىپ، بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىيات سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، رايون ئالاھىدىلىكى يەنىمۇ نامايان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرەك بولىدىغان رولى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىدۇ؛ 2035 ـ يىلىغا بارغاندا، ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك، خاسلىقى روشەن بولغان قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى بەرپا قىلىنىپ، خەلقئارا تەسىر كۈچكە ئىگە جانلىق ئېشىش قۇتۇپى ۋە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسىگە ئايلىنىدۇ.

يىرىك پىلان پىروگراممىسى جەمئىي 12 باب بولۇپ، ئۇنىڭدا چېڭدۇ ـ چۇڭچىڭ رايونىنىڭ قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى توققۇز تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپە ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش، زامانىۋى ئۇل ئەسلىھە تورىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى ماس بەرپا قىلىش، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تەسىر كۈچكە ئىگە پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنى ئورتاق قۇرۇش، باشۇ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە خەلقئارا ئىستېمال مەنزىلگاھى بەرپا قىلىش، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى ئېكولوگىيە توسۇقىنى ئورتاق قۇرۇش، ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى بىرلىشىپ بەرپا قىلىش، شەھەر ـ يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇش، ئاممىۋى مۇلازىمەتنى ئورتاق قۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش