دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مەملىكەت

​جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىرنى بېسىپ تارقاتتى
مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2021-10-21 14:21:39

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى

جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىرنى بېسىپ تارقاتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

«پىكىر»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا، يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى دۇچ كەلگەن خىرىسقا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنى نىشان قىلىپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش مۇھىم، زور قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، نازارەت قىلىش ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، قوغداش ئىقتىدارى ۋە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، مۇھىم ئېكولوگىيە سىستېمىسى، جانلىقلار تۈرى ۋە جانلىقلار ئىرسىيەت بايلىقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قوغدىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ئىدىيەسىنى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، يەر شارىۋى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى تۈزەشكە پائال قاتنىشىپ، بارلىق مەۋجۇداتلار ئىناق بولغان گۈزەل يۇرت - ماكاننى ئورتاق قۇرۇش كېرەك.

«پىكىر»دە ئومۇمىي نىشان ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 2025 - يىلىغا بارغاندا، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغان رايون ۋە دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك رايونىنىڭ ئاساسىنى تەكشۈرۈش ۋە باھالاش سىجىل ئالغا سىلجىتىلىپ، دۆلەت جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش تورى ۋە نىسپىي مۇقىم بولغان جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش بوشلۇق ئەندىزىسى بەرپا قىلىنىپ، دۆلەت باغچىسى ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرىنىڭ قۇرۇقلۇق دۆلەت زېمىنىدا ئىگىلىگەن كۆلىمى %18 ئەتراپىغا يەتكۈزۈلىدۇ، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى ئۆستۈرۈلۈپ %24.1كە يەتكۈزۈلىدۇ، ئوتلاقنىڭ ئۇنىۋېرسال يېپىنچا ئۆسۈملۈك بىلەن قاپلىنىش دەرىجىسى %57 ئەتراپىغا، سۇلۇق يەرنى قوغداش نىسبىتى %55كە يەتكۈزۈلىدۇ، تەبىئىي دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسىنىڭ ساقلىنىپ قېلىش نىسبىتى %35تىن تۆۋەن بولمايدۇ، دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋان، ياۋا ئۆسۈملۈك تۈر سانىنىڭ قوغدىلىش نىسبىتى %77كە يەتكۈزۈلىدۇ، %92 قۇرۇقلۇق ئېكولوگىيە سىستېمىسى تىپى ئۈنۈملۈك قوغدىلىدۇ، چاڭجياڭ دەرياسىدىكى سۇ جانلىقلىرىنىڭ مۇكەممەللىك كۆرسەتكۈچى بىر ئاز ياخشىلىنىدۇ، جانلىقلار ئىرسىيەت بايلىقىنى يىغىپ ساقلاش مىقدارى جەھەتتە دۇنيادىكى ئالدىنقى ئورنى ساقلاپ قېلىنىپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىدىن ئىمكانىيەتلىك سىجىل پايدىلىنىش مېخانىزمى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈلۈپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشقا ئالاقىدار سىياسەت، قانۇن - نىزام، تۈزۈم، ئۆلچەم ۋە كۆزىتىپ ئۆلچەش سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلىدۇ.

2035 - يىلىغا بارغاندا، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشقا ئالاقىدار سىياسەت، قانۇن - نىزام، تۈزۈم، ئۆلچەم ۋە كۆزىتىپ ئۆلچەش سىستېمىسى ئومۇميۈزلۈك مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، بىرلىككە كەلگەن، تەرتىپلىك بولغان پۈتۈن مەملىكەت بويىچە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش بوشلۇقى ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈلۈپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئورمان، ئوتلاق، چۆللۈك، دەريا - كۆل، سۇلۇق يەر، دېڭىز - ئوكيان قاتارلىق تەبىئىي ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ ئەھۋالىنى تۈپتىن ياخشىلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %26كە، ئوتلاقلارنىڭ ئۇنىۋېرسال يېپىنچا ئۆسۈملۈك بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %60كە يەتكۈزۈلىدۇ، سۇلۇق يەرنى قوغداش نىسبىتى ئۆستۈرۈلۈپ %60 ئەتراپىغا يەتكۈزۈلىدۇ، دۆلەت باغچىسىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى قۇرۇقلۇق دۆلەت زېمىنى يەر كۆلىمىنىڭ %18تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەپ، تىپىك ئېكولوگىيە سىستېمىسى، دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋان، ياۋا ئۆسۈملۈك تۈرلىرى، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋان، ياۋا ئۆسۈملۈكلەر ۋە ئۇلارنىڭ ياشاش مۇھىتى ئومۇميۈزلۈك قوغدىلىدۇ، چاڭجياڭ دەرياسىدىكى سۇ جانلىقلىرىنىڭ مۇكەممەللىك كۆرسەتكۈچى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىدۇ، جانلىقلار ئىرسىيەت بايلىقىغا ئېرىشىش ۋە ئۇنىڭدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل پايدىلىنىش مېخانىزمى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىلىپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش پۇقرالارنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇلىدۇ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش يېشىل تەرەققىياتقا ۋە ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولىدىغان ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈلۈپ، تىرىشىپ گۈزەل جۇڭگو قۇرۇپ چىقىلىدۇ.

«پىكىر»دە توققۇز جەھەتتىكى ئېنىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش سىياسەت، قانۇن - نىزاملىرىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش بوشلۇق ئەندىزىسىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇش، مۇكەممەل بولغان جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشنى كۆزىتىپ ئۆلچەش سىستېمىسى بەرپا قىلىش، جانلىقلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىدىن ئىمكانىيەتلىك سىجىل پايدىلىنىش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش، قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىش، خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشقا ئامما قاتنىشىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش - كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش