دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مەملىكەت

شى جىنپىڭ 2021 ـ يىللىق جۇڭگۇەنسۈن مۇنبىرىنى سىنلىق تەبرىكلىدى
مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2021-09-26 19:37:06

9 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2021 ـ يىللىق جۇڭگۇەنسۈن مۇنبىرىنى سىنلىق تەبرىكلىدى.□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 9 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2021 ـ يىللىق جۇڭگۇەنسۈن مۇنبىرىنى سىنلىق تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرى كەڭ، چوڭقۇر ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشى كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر پەن ـ تېخنىكىدا ئوچۇق ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق مۇھىم يەر شارىۋى خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ يولى ۋە ئۇسۇلى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، دەۋر خىرىسىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت يۈكسەك ئىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ ئېھتىياجلىق.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۈگۈنكى دۇنيادا، پەن ـ تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا جەزمەن يەر شارى نەزەر دائىرىگە ئىگە بولۇپ، دەۋر تومۇرىنى ئىگىلەپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى تەلەپلەرنى چىڭ كۆزلەش كېرەك. جۇڭگو پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يەر شارى پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ھەمكارلىشىشقا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ چىقىرىپ، تېخىمۇ ئوچۇق پوزىتسىيە بىلەن خەلقئارا پەن ـ تېخنىكا ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، يەر شارى يېڭىلىق يارىتىش تورىغا پائال قاتنىشىپ، ئۇل تەتقىقاتىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىنى بەرپا قىلىپ، پەن ـ تېخنىكا ئارقىلىق باشقىلارغا پايدىلىق ئىشلارنى قىلىش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، يەر شارى پەن ـ تېخنىكا ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگۇەنسۈن جۇڭگودىكى تۇنجى دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، جۇڭگۇەنسۈن مۇنبىرى يەر شارى پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشقا يۈزلەنگەن دۆلەت دەرىجىلىك سۇپا. جۇڭگو جۇڭگۇەنسۈننىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىش ئىسلاھاتىنى قانات يايدۇرۇپ، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پەن ـ تېخنىكا باغچە رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، يەر شارى پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى قوللايدۇ.

2021 ـ يىللىق جۇڭگۇەنسۈن مۇنبىرى شۇ كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، باش تېمىسى «ئاقىل، ساغلاملىق، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش» بولۇپ، بۇ مۇنبەرنى پەن ـ تېخنىكا مىنىستىرلىقى، جۇڭگو پەن ـ تېخنىكا ئاكادېمىيەسى، جۇڭگو پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتى، بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئورتاق مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش