دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مەملىكەت

شى جىنپىڭ 76-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىگە قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى
مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2021-09-24 11:26:25

يەر شارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قول تۇتۇشۇپ يەر شارىۋى تەھدىت ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى تەكىتلىدى

9-ئاينىڭ 21-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا سىنلىق شەكىلدە 76-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىگە قاتناشتى ھەم «ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىپ، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيانى ئورتاق قۇرايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9-ئاينىڭ 21-كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭدا سىنلىق شەكىلدە 76-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىگە قاتناشتى ھەم «ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىپ، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيانى ئورتاق قۇرايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، شۇنداقلا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى قانۇنلۇق ئورنى ئەسلىگە كەلگەنلىكىنىڭ 50 يىللىقى، جۇڭگو بۇ تارىخىي خاراكتېرلىك ئىشنى داغدۇغىلىق خاتىرىلەيدۇ. بىز داۋاملىق تۈردە جۇڭگو بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى پەللىگە قەدەم قويۇشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يۈكسەك ئىشلىرى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىر يىل ئىلگىرى، ھەرقايسى دۆلەتلەر رەھبەرلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بىر قاتار باشلىقلار يىغىنىغا بىرلىكتە قاتنىشىپ، ھەمكارلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، قول تۇتۇشۇپ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رولىنى كۈچەيتىش، ھازىرقى دەۋردىكى ئەۋلادلارنىڭ ئورتاق كەلگۈسىنى يارىتىش توغرىسىدا ۋەدە بەردى. بىر يىلدىن بۇيان، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ۋە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پۈتۈن يەر شارىدا كەڭ كۆلەمدە تارقىلىپ، گىرەلىشىپ تەسىر كۆرسەتتى. ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشقا بولغان ئارزۇسى تېخىمۇ تەخىرسىز بولدى، ئادىللىق، ھەققانىيلىققا بولغان ساداسى تېخىمۇ كۈچەيدى، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئىستىكى تېخىمۇ چىڭىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر، يۇقۇم يەنىلا پۈتۈن يەر شارىدا يامرىماقتا، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى. دۇنيا يېڭىدىن داۋالغۇش، ئۆزگىرىش ياساش مەزگىلىگە كىردى. ھەربىر مەسئۇلىيەتچان سىياسىيون جەزمەن ئىشەنچ، جاسارەت، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن دەۋر تېمىسىغا جاۋاب بېرىپ، تارىخىي تاللاش چىقىرىشى كېرەك.

بىرىنچى، بىز جەزمەن يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان بۇ مەيدان مۇھىم، زور كۈرەشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. ئىنسانلار ھەمىشە خىرىس ئۈستىدىن ئۈزلۈكسىز غەلىبە قىلىش داۋامىدا تېخىمۇ زور تەرەققىيات ۋە ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. بىز خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىلىم-پەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىلمىي پوزىتسىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، خەلقئارا بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. ۋاكسىنىنى يەر شارىۋى ئاممىۋى مەھسۇلات قىلىپ، ۋاكسىنىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە ئومۇملىشىشى ۋە سېتىۋالالايدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدا ۋاكسىنىنى ئادىل، مۇۋاپىق تەقسىملەشتىن ئىبارەت. جۇڭگو پۈتۈن بىر يىلدا باشقا دۆلەتلەرنى 2 مىليارد ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىدۇ، «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋاكسىنىسىنى يولغا قويۇش پىلانى»غا 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلىش ئاساسىدا، يىل ئىچىدە يەنە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە 100 مىليون ۋاكسىنىنى ھەقسىز ئىئانە قىلىدۇ. جۇڭگو پۈتۈن يەر شارىدا يۇقۇم مەنبەسىنى ئىلمىي سۈرۈشتۈرۈشنى داۋاملىق قوللايدۇ ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىدۇ، ھەرقانداق شەكىلدىكى سىياسىي نەيرەڭۋازلىققا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

ئىككىنچى، بىز جەزمەن ئىقتىسادنى قايتا جانلاندۇرۇپ، تېخىمۇ كۈچلۈك، يېشىل، ساغلام بولغان يەر شارىۋى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يەر شارىۋى تەرەققىياتنىڭ تەڭپۇڭ، ماس، سىغدۇرۇشچان يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويۇشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ يەر شارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى:

بىرىنچىدىن، تەرەققىياتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش. تەرەققىياتنى يەر شارىۋى ماكرولۇق سىياسەت رامكىسىدا گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ سىياسەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىزچىللىق، مۇقىملىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ساقلاپ، تېخىمۇ باراۋەر، تەڭپۇڭ بولغان يەر شارىۋى تەرەققىيات ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىپ، كۆپ تەرەپلىك تەرەققىيات ھەمكارلىق مۇساپىسىنىڭ ماس ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش. تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىمەن قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، ئومۇم مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇش. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئالاھىدە ئېھتىياجىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، قەرزنى كېچىكتۈرۈش، تەرەققىياتقا ياردەم بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر، بولۇپمۇ قىيىنچىلىقى ئالاھىدە ئېغىر، ئاجىز دۆلەتلەرنى قوللاپ، دۆلەتلەر ئارا ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش. يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىنىڭ تارىخىي پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلىنىشىنى تېزلىتىپ، ئوچۇق، ئادىل، باراۋەر بولغان، كەمسىتىش بولمىغان پەن-تېخنىكا تەرەققىيات مۇھىتى بەرپا قىلىپ، يۇقۇمدىن كېيىنكى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى قېزىپ، قول تۇتۇشۇپ ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

بەشىنچىدىن، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىدە چىڭ تۇرۇش. يەر شارىۋى مۇھىت تۈزەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە پائال تاقابىل تۇرۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش كېرەك. يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، يېشىل ئەسلىگە كەلتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. جۇڭگو 2030-يىلىدىن بۇرۇن كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، 2060-يىلىدىن بۇرۇن كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ، لېكىن بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىمىز. جۇڭگو تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئېنېرگىيەسىنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللايدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن چېگرا سىرتىدىكى كۆمۈر ئېلېكتىر تۈرلىرىنى يېڭىدىن قۇرمايدۇ.

ئالتىنچىدىن، ھەرىكەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش. تەرەققىيات بايلىقى سېلىنمىسىنى زورايتىپ، نامراتلارنى ئازايتىش، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ۋاكسىنا، تەرەققىيات مەبلىغى توپلاش، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە يېشىل تەرەققىيات، سانائەتلەشتۈرۈش، رەقەملىك ئىقتىساد، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى نۇقتىلىق ئالغا سىلجىتىپ، يەر شارىۋى تەرەققىيات تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش كېرەك.

ئۈچىنچى، بىز جەزمەن ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتەك خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىمىز كېرەك. بىر تىنچ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۇنيا ئوخشاش بولمىغان شەكىلدىكى مەدەنىيلىكنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىشى، جەزمەن زامانىۋىلىشىشقا ماس كېلىدىغان كۆپ خىل يولدا مېڭىشى كېرەك. دېموكراتىيە قايسى بىر دۆلەتنىڭ پاتېنتى ئەمەس، بەلكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتى. سىرتنىڭ ھەربىي ئارىلىشىشى ۋە ئاتالمىش دېموكراتىك ئۆزگەرتىش تۈگىمەس بالايىئاپەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، كىچىك چەمبىرەك ۋە نۆل يىغىندىلىق كۈچ سىنىشىشنى چۆرۈپ تاشلاش كېرەك. بىر دۆلەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى يەنە بىر دۆلەتنىڭ مۇقەررەر مەغلۇپ بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، بۇ دۇنيا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشى ۋە ئىلگىرىلىشىنى تامامەن سىغدۇرالايدۇ. سۆزلىشىش، قارشىلاشماسلىق، سىغدۇرۇش، باشقىلارنى چەتكە قاقماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئادىل، ھەققانىي بولغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنى ئورنىتىپ، مەنپەئەت بىرىكىش نۇقتىسىنى كېڭەيتىپ، ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەر سىزىپ چىقىش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى تىنچلىق، ئېجىللىق، ئىناقلىق ئىدىيەسىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىنتىلىدۇ. بىز ئىلگىرى تاجاۋۇزچىلىق قىلمىغان، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تاجاۋۇزچىلىق قىلمايمىز، باشقىلارنى بوزەك قىلمايمىز، زومىگەر بولمايمىز، زومىگەرلىك قىلمايمىز. جۇڭگو باشتىن-ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، يەر شارىۋى تەرەققىياتنىڭ تۆھپىكارى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى، ئاممىۋى مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلىگۈچى بولۇپ، داۋاملىق تۈردە جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيانى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

تۆتىنچى، بىز جەزمەن يەر شارىۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىمىز كېرەك. دۇنيادا پەقەت بىرلا سىستېما بار، ئۇ بولسىمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما. پەقەت بىرلا تەرتىپ بار، ئۇ بولسىمۇ خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپ. پەقەت بىر يۈرۈش قائىدە بار، ئۇ بولسىمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى ئاساس قىلغان خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىك بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئومۇميۈزلۈك خەۋپسىزلىكنى ئورتاق قوغدايدىغان، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، دۇنيانىڭ تەقدىرىنى ئورتاق ئىگىلەيدىغان يادرولۇق سۇپىغا ئايلىنىشى كېرەك. خەلقئارا تەرتىپنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتنى دېموكراتىيەلەشتۈرۈش ۋە قانۇنچىللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردا مېڭىشى كېرەك. خەۋپسىزلىك، تەرەققىيات، كىشىلىك ھوقۇقتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ساھەدىكى خىزمەتلەرنى تەڭپۇڭ ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۆپ تەرەپچىللىك توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۇنيا يەنە تارىخنىڭ تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرماقتا. مەن قەتئىي ئىشىنىمەنكى، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىش، ئالغا بېسىش ئېقىمىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ. بىز ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قول تۇتۇشۇپ يەر شارىۋى تەھدىت ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيانى ئورتاق قۇرۇپ چىقايلى!


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش