دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز» ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مەملىكەت

«شانلىق تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ پۈتۈش − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلق ئارمىيەسى قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىغا رەھبەرلىك قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئەسلىمە ۋە ئويلىنىش»
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-08-02 10:54:52

شىنخۇا ئاگېنتلىقى تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى

«شانلىق تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ پۈتۈش − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلق ئارمىيەسى قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىغا رەھبەرلىك قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئەسلىمە ۋە ئويلىنىش»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى «شانلىق تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ پۈتۈش − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلق ئارمىيەسى قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىغا رەھبەرلىك قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئەسلىمە ۋە ئويلىنىش» ناملىق تەپسىلىي خەۋەرنى تارقاتتى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: 100 يىللىق پارتىيە تارىخى ھەيۋەتلىك بولدى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش مۇساپىسى توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىدى. تارىخ ئەڭ ياخشى دەرسلىك.

بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۆز قولى بىلەن بەرپا قىلغان قوشۇن. بۇ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشىنىشىگە ئەرزىيدىغان قوراللىق كۈچ.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: خەلق ئارمىيەسى بارلىققا كەلگەندىن بۇيان پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە قوشتى، ئۇ قىزىل ھاكىمىيەتنى قوغدايدىغان، مىللەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغدايدىغان كۈچلۈك تۈۋرۈك، رايون ۋە دۇنيا تىنچلىقىنى قوغدايدىغان قۇدرەتلىك كۈچ. يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن كېيىن، خەلق ئارمىيەسى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنىڭ تەلىپى بويىچە، پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان بۇرچ، ۋەزىپىنى قەتئىي ئادا قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەشنى ئىستراتېگىيەلىك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىرلىكى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشنى ئىستراتېگىيەلىك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى، دۆلەتنىڭ چەت ئەلدىكى مەنپەئىتىنى قوغداشنى ئىستراتېگىيەلىك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىستراتېگىيەلىك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

2021 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىشتا، جەزمەن دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئۇلۇغ مۇساپىگە قايتا نەزەر سالغاندا، تارىخىي ئىلھامنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ، خەلق ئارمىيەسى پارتىيە ۋە خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان ھەيۋەتلىك سەھىپىنى مۇقەررەر ھالدا داۋاملاشتۇرۇپ پۈتىدۇ.

ماقالە بەش قىسىمغا بۆلۈنگەن: پارتىيە مىلتىققا قوماندانلىق قىلىش، ئاساسنى پۇختىلاپ ئۇلنى كۈچەيتىش − پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكى ئارمىيەمىزنىڭ ئارمىيە روھى ۋە جان تومۇرى؛ نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىش، يىلتىز تارتىپ روھنى تاۋلاش − ئارمىيەمىزنىڭ باشتىن - ئاخىر پارتىيە بايرىقى ئاستىدا غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش، غەلىبە قىلىشقا ئىرادە باغلاش − ئۇرۇش قىلالايدىغان، غەلىبىلىك ئۇرۇش قىلالايدىغان بولۇشتىن ئىبارەت ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى مەھكەم ئىگىلەش كېرەك؛ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بەخت يارىتىدىغان پايدىلىق ئىشلارنى قىلىش − جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ ئاساسىي مەقسىتىدە جەزمەن چىڭ تۇرۇش؛ ئىستىلى ياخشى بولۇش، خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاش − ئارمىيەمىز قۇدرەت تېپىش ئۈچۈن، ئىستىل جەھەتتە جەزمەن قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: تارىخ ئېقىمى توختىمايدۇ، روھ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ ھەيۋەتلىك تارىخىي داستاننى پۈتتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلق ئارمىيەسىگە رەھبەرلىك قىلىپ، ھەيۋەتلىك قوشۇن، كۈچلۈك قوشۇننىڭ ئۈزلۈكسىز شانلىق غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇلۇغ تارىخىي تۆھپە ياراتقان شانلىق سەھىپىسىنى پۈتتى.


مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرگۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش