دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز» ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مەملىكەت

«ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش چوڭ ئىشلار خاتىرىسى» نەشر قىلىنىدۇ
تەھرىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2021-07-29 19:00:21

سىكاننېرلاپ مەخسۇس تېمىلىق ماقالىنى كۆرۈڭ


مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغان: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كۈرەش نىشانىنىڭ قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت، ماتېرىيال تەتقىقات يۇرتى «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش چوڭ ئىشلار خاتىرىسى»نى تۈزۈپ چىقتى. «چوڭ ئىشلار خاتىرىسى»نىڭ تولۇق تېكىستى تەخمىنەن 45 مىڭ خەت بولۇپ، شىنخۇا ئاگېنتلىقى 7 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تولۇق تېكىستىنى تارقاتتى. خەلق نەشرىياتى يېقىندا كىتابچىسىنى نەشر قىلىدۇ، مەركىزىي تەھرىر - تەرجىمە نەشرىياتى يېقىندا ئىنگلىزچە كىتابچىنى نەشر قىلىدۇ.

«چوڭ ئىشلار خاتىرىسى»دا ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، كەڭ جۇڭخۇا زېمىنىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش شانلىق مۇساپىسى ئومۇميۈزلۈك خاتىرىلەنگەن؛ سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش ئاساسىدا، 40 نەچچە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىش ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىدا كىيىنىش - تويۇنۇش يېتەرلىك بولماسلىقتىن ئومۇمىي گەۋدە بويىچە ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكىچە بولغان تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقى گەۋدىلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن؛ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر، يۈزبەرگەن تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر تولۇق نامايان قىلىنغان.

«چوڭ ئىشلار خاتىرىسى»نىڭ تۈزۈپ نەشر قىلىنىشى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنىڭ دەل جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ، يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈ بوشاشمايدىغان روھىي ھالەت ۋە توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتى بىلەن، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغۋار نىشانىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەشكە پايدىلىق.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش