دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز» ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مەملىكەت

«مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سۆزلىتىپ، تارىخىي ئەقىل - پاراسەتنى كىشىلەرگە بىلدۈرەيلى»
تەھرىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2021-07-09 17:01:57

− شى جىنپىڭنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا رىشتە باغلىغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايە

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى شى يۈسېن، فېڭ يۈەن، جياڭ فاڭ، جاڭ يۈجيې

«تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ياخشى قوغداش، ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىش تارىخقا مەسئۇل بولغانلىق، خەلققە مەسئۇل بولغانلىق».

لياڭجۇ قەدىمىي شەھىرى يادىكارلىق ئورنىنى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىشتىن بۈيۈك قانال مەدەنىيەت بەلبېغى قۇرۇلۇشىغىچە، دۇنخۇاڭ تەتقىقات يۇرتىدىكى سۆھبەتتىن يۈنگاڭ غارىدا تەكشۈرۈشتە بولۇشقىچە، «مول تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بىر ئالتۇن ئىسىم كارتىسى» دەپ كۆرسىتىشتىن «بىر مۇزېي بىر چوڭ مەكتەپ» دەپ تەكىتلەشكىچە... ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، مىللەتنىڭ روھىنى ساقلاش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، تەسىرلىك ھېكايىلەرنى قالدۇردى.

يىلتىزنى ئىزدەش

«جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئۇزاق تارىخى ۋە بىباھا قىممىتىگە بولغان تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك»

«بىز كىم، بىز قەيەردىن كەلدۇق، بىز قانداق يوللاردا ماڭغان؟»

خاڭجوۋدىكى لياڭجۇ قەدىمىي شەھىرى يادىكارلىق ئورنى باغچىسىدا سەيلە قىلغاندا، 5000 نەچچە يىل ئىلگىرى ئەجدادلار ياراتقان «سىرلىق پادىشاھلىق» مەدەنىيلىكىنىڭ شانلىق نەتىجىلىرى سەيلە قىلغۇچىلارنى ئىختىيارسىز شۇنداق سوئالغا كەلتۈرىدۇ.

جېجياڭدىكى يۈخاڭ لياڭجۇ «سۇدىكى گۈزەل قۇرۇقلۇق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان، بۇ يەرگە قەدىمىي مەدەنىيلىك مەنبەسىنىڭ سىرى يوشۇرۇنغانىدى. يىلتىز مەنبەسىنى ئىزدەش تارىخىي بۇرچىنى زىممىگە ئېلىپ، تۆت ئەۋلاد ئارخېئولوگلار بۇ يەردە ھارماي - تالماي ئىزدىنىپ، مەدەنىيلىك قالدۇرغان ئەڭ دەسلەپكى ئىزنالار ئۈستىدە ئىزدەندى.

لېكىن، يېڭى ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى لياڭجۇ يادىكارلىق ئورنى ئىلگىرى بىرمەھەل قوغداش بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ زىددىيىتى ئىچىدە قالغانىدى. ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئالدىدا، نۇرغۇن كىشى تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، مەدەنىيلىك مەنبەسىنى ئېچىپ بېرىشنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيتتى.

«لياڭجۇ يادىكارلىق ئورنى جۇڭخۇانىڭ 5000 يىللىق مەدەنىيلىك تارىخىنى ئەمەلىي ئىسپاتلاپ بېرىدىغان مۇقەددەس جاي» − 2003 - يىلى 7 - ئايدا، ئەينى چاغدا جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان شى جىنپىڭ لياڭجۇغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، يادىكارلىق ئورنىنىڭ تارىخىي ئورنىنى شەرھلىدى.

پۇختا، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر كۈچلۈك قانات يايدۇرۇلدى − لياڭجۇ يادىكارلىق ئورنىنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ۋە قوغداش مەركىزى تەسىس قىلىندى، يۈخاڭ رايونى «شەھەر تەرەققىياتى ئارقىلىق مىراسلارنى قوغداشقا نەپ قايتۇرۇش مېخانىزمى»نى يولغا قويۇپ، لياڭجۇ يادىكارلىق ئورنىنىڭ رايون سىرتىدىكى شەھەرنى ئېچىشتىن ئېرىشكەن قىسمەن مالىيە كىرىمىنى يادىكارلىق ئورنىنى قوغداشقا ئىشلەتتى...

2007 - يىلى، ئەندىزىسى مۇكەممەل، كۆلىمى زور بولغان لياڭجۇ قەدىمىي شەھىرى قايتىدىن بارلىققا كەلدى؛ 2009 - يىلىدىن 2015 - يىلىغىچە، 11 توسمىدىن تەركىب تاپقان، كونترول قىلىش دائىرىسى 100 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان لياڭجۇ قەدىمىي شەھىرى ئەتراپىدىكى سۇچىلىق سىستېمىسىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتى نامايان قىلىندى...

2016 - يىلى، داڭلىق ئارخېئولوگلاردىن سۇ بەي، شيې چېنشېڭ، خۇاڭ جىڭلۆ، جاڭ جۇڭپېي باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت ئەۋەتىپ، لياڭجۇ يادىكارلىق ئورنىنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسىغا بالدۇرراق ئىلتىماس قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇنىڭغا قارىتا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق دېدى: «قەدىمىي يادىكارلىق ئورنىنى ئۈنۈملۈك قوغداشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ھالدا سىستېمىلىق ئارخېئولوگىيەلىك قېزىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئۇزاق تارىخى ۋە بىباھا قىممىتىگە بولغان تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك».

2019 - يىلى 7 - ئايدا، ئەزەربەيجاندا ئۆتكۈزۈلگەن 43 - نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ، پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتى دۇنيا مىراسلىرى كومىتېتى يىغىنىدىن خۇش خەۋەر كەلدى − لياڭجۇ قەدىمىي شەھىرى يادىكارلىق ئورنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا «دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلدى!

يىلتىز بولمىسا، كەلگۈسى بولمايدۇ.

5000 تۈردىن ئارتۇق ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش تۈرى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلدى، جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى ئىنسانلارنىڭ بارلىققا كېلىشى، مەدەنىيلىكنىڭ بارلىققا كېلىشى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ شەكىللىنىشى، تەرەققىي قىلىشى قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ساھەلەردىكى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش تۈرلىرى نۇقتىلىق يولغا قويۇلدى... «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، جۇڭگونىڭ ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشىدىكى مۇھىم، زور نەتىجىلەر مول بولدى.

ئۇزاق تارىخقا ئىگە مەدەنىيلىككە ۋارىسلىق قىلىش شۇنىڭدىن ئېتىبارەن تارىخ كىتابلىرىدىكى سارغىيىپ كەتكەن ئەسلىمىلا بولۇپ قالمىدى؛ مىللەتنىڭ جان تومۇرىنى شەكىللەندۈرگەن ھەربىر پارچە ئۇل تاشقا مەدەنىيەت ئىشەنچىنىڭ ئىزنالىرى چوڭقۇر ئويۇلماقتا.

قوغداش

«ئەجدادلار بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن قىممەتلىك مىراسلار»

2020 - يىلى 11 - ئاي، جياڭسۇ ياڭجوۋ.

قانالنىڭ ئىككى قىرغىقى يېشىللىققا پۈركەنگەن بولۇپ، قۇشلار پەرۋاز قىلىپ، شىپاڭلار گىرەلىشىپ، قەدەمدە بىر يېڭى مەنزىرە بارلىققا كەلگەنىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ياڭجوۋ شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان قانالنىڭ سەنۋەن ئېكولوگىيە مەدەنىيەت باغچىسىغا كېلىپ، سۇغا يېقىن پىيادىلەر يولىنى بويلاپ كۆزدىن كەچۈردى.

«ۋۇچېڭدىكى خەنگۇ قانىلى چاڭجياڭ دەرياسى بىلەن خۇەيخې دەرياسىنى تۇتاشتۇردى».

مىلادىدىن بۇرۇنقى 486 - يىلى، ۋۇ بېگى فۇچەي خەنگۇ قانىلىنى ياساش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈرۈپ، سۇ يولى ئارقىلىق چاڭجياڭ دەرياسى، خۇەيخې دەرياسىنى تۇتاشتۇرۇش، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى ئويلىدى. ئويلىمىغان يەردىن، ئەسلىدە ھەربىي ئىشلار مەقسىتىدە ئېلىنغان بۇ تۇنجى قەدەم ئەڭ ئاخىرىدا بىر تۈرلۈك ئەۋلادلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنىڭ مۇھىم باشلىنىشى بولۇپ قالدى.

«نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان، قانال ئىككى قىرغاقتىكى شەھەر ۋە خەلقنى بېقىپ كەلدى، ئۇ قانالنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى خەلقنى بېيىتىش قانىلى، بەخت قانىلى ھېسابلىنىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ بۈيۈك قانالنى ئورتاق ياخشى قوغداپ، قانال ئارقىلىق خەلققە مەڭگۈ بەخت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» پىرىستاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەھەر ئاھالىلىرى، ئامما بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى، بۈيۈك قانالنى قوغداشنى ئەستىن چىقارمىدى.

ئۇزاق يىللاردىن بۇيان، بۈيۈك قانال سۇ دولقۇنلىرىنى كۈي قىلىپ، پالاق ۋە يەلكەنلەرنى ناخشا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قاينام - تاشقىنلىققا تولغان تارىخىي مەردانە ناخشىسىنى ياڭرىتىپ، چوڭقۇر، مول مەدەنىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنىنى جۇغلىدى.

2014 - يىلى، جۇڭگونىڭ بۈيۈك قانىلىنى «دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈش تەستىقلاندى. ھاياجانلانغاندىن سىرت، مۇتەخەسسىسلەر ئۆز ئەندىشىلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇشتى: ئىلتىماس قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بۈيۈك قانال تېخىمۇ قەدىر - قىممەتلىك ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالارمۇ؟

بۇ خىل ئەندىشىنىڭ ئاساسى يوق ئەمەس ئىدى.

ياڭجوۋنى مىسالغا ئالايلى. 20 - ئەسىرنىڭ 50 -، 60 - يىللىرىدىن باشلاپ، قانالنىڭ سەنۋەن رايونىغا نۇرغۇن دېھقانچىلىق دورىلىرى زاۋۇتى، دورا زاۋۇتى، بوياقچىلىق زاۋۇتى قاتارلىق كارخانىلار توپلىنىپ، مۇھىتنى بۇلغىشى ئېغىر بولدى.

ئۇزاقتىن بۇيان، يۈز مىليونلىغان جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنى بېقىپ كەلگەن بۇ قەدىمىي دەريا ئېقىنى مىراسنى قوغداش بېسىمى غايەت زور بولۇش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش سۈپىتى يۇقىرى بولماسلىق، بايلىق، مۇھىت ۋەزىيىتى كەسكىن بولۇش، ئېكولوگىيەلىك بوشلۇقنى ئىگىلىۋېلىش ئېغىر بولۇشتەك گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى.

تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا نىسبەتەن، قوغداش مەڭگۈ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

2017 - يىلى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بەردى: بۈيۈك قانال ئەجدادلىرىمىز بىزگە قالدۇرغان قىممەتلىك مىراس، كۆچمە مەدەنىيەت، ئۇنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى قوغدىشىمىز، ياخشى ۋارىسلىق قىلىشىمىز، ياخشى پايدىلىنىشىمىز كېرەك.

ياڭجوۋ بۈيۈك قانالنىڭ ئېكولوگىيەسى ئۈچۈن «ھەر يىلى 200 نەچچە مىليون يۈەن باج تاپشۇرالايدىغان» خىمىيە سانائىتى زاۋۇتىنى تاقاپ ئىشتىن توختاتتى؛ خاڭجوۋ دۆلىتىمىزنىڭ قانالدىن ئىبارەت دۇنيا مەدەنىيەت مىراسىنى قوغدايدىغان تۇنجى يەرلىك نىزام چىقاردى؛ خېنەن مىراسلار ئارخىپى ۋە كۆزىتىپ ئۆلچەش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، بۈيۈك قانالنىڭ سۇ سۈپىتى، سۇ مىقدارى، مۇھىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا ئىگىلىدى...

2019 - يىلى 2 - ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «بۈيۈك قانال مەدەنىيىتىنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە پايدىلىنىش يىرىك پىلان پىروگراممىسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، بۈيۈك قانال تارىخىنىڭ يېپيېڭى سەھپىسىنى ئاچتى.

42 - نۆۋەتلىك دۇنيا مىراسلىرى يىغىنىدا، دۇنيا مىراسلىرى كومىتېتى دۆلىتىمىزنىڭ بۈيۈك قانالنى قوغداش - باشقۇرۇش خىزمىتىنى يۈكسەك تەرىپلىدى. يىغىن دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگو مىراسنى قوغداش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتى جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى، بۇ، كىشىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتىدۇ ھەم مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىزدە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش سالمىقى سىجىل زورايتىلىپ، 2000 تۈردىن ئارتۇق نۇقتىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلدى؛ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۆتكىگىلى بولىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تۇنجى قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ تىزىمغا ئېلىش تاماملىنىپ، دۆلەت ئىلكىدىكى يۆتكىگىلى بولىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنىڭ مول «بىساتى» ئېنىقلاندى؛ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا ئائىت قانۇنغا خىلاپ دېلولارنى تەپتىش قىلىش، سۆھبەتكە چاقىرتىش مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يىراقتىن سېزىش، كۆزىتىپ ئۆلچەش قانات يايدۇرۇلۇپ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى پاش قىلىش - قوبۇل قىلىش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى...

«مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداشمۇ سىياسىي نەتىجە» − باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۈزلۈكسىز تەكىتلەپ كەلگەن ئىلمىي ئىدىيە سېپىل راۋىقىغا چىقالايدىغان، قەدىمىي مۇنارلارنى كۆرەلەيدىغان، يۇرت سېغىنىشىنى ئەستە ساقلىيالايدىغان گۈزەل يۆگىمە رەسىمنى كەڭ جۇڭخۇا زېمىنىدا ئاستا - ئاستا يايدى.

ۋارىسلىق قىلىش

«يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى مەنىۋى تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك»

2020 - يىلى 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئارخېئولوگىيەدىن ئىبارەت بۇ سوغۇق ئىلىم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىش دەرسخانىسىغا كىردى.

چۈشەندۈرگۈچى چېن شىڭسەن جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى مەنبەسى ئۈستىدە ئىزدىنىش قۇرۇلۇشى ۋە «جۇڭگونى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش» مۇھىم، زور تۈرىنىڭ مۇتەخەسسىسى. ئالتە كۈن ئىلگىرى ئېچىلغان مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چېن شىڭسەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۆز قىلغان ۋەكىللەر بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

«ئۆگىنىشنىڭ باش تېمىسى ئېلىمىزنىڭ ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشتىكى ئەڭ يېڭى بايقىشى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى بولدى.» چېن شىڭسەن ئەسلەپ مۇنداق دېدى: باش شۇجى نۇرغۇن ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش تۈرلىرىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى ھەم ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ۋە تارىخ تەتقىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە قارىتا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، «ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى قېزىش، رەتلەش، شەرھلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش» بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئىدى.

قەدىمكى زېمىندا دۇنخۇاڭدىكى موگاۋ غارىنىڭ جىمجىتلا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغىنىغا 1000 يىل بولدى.

ساياھەتچىلەر غارنىڭ ئالدىغا كېلىپ، يان تېلېفونىنى چىقىرىپ، AR خەرىتىسىنى ئاچسىلا، توققۇز رەڭلىك بۇغىنىڭ تام رەسىملىرىدىن «ئۇچۇپ چۈشۈۋاتقانلىقى»نى كۆرەلەيدۇ. پەن - تېخنىكا ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ مەدەنىيەت قىممىتىنى نامايان قىلىدىغان، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق دۇنخۇاڭ مەدەنىيىتىنى ھېس قىلدۇرىدىغان بۇ خىل ئۇسۇل كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ ھەم ھاياجانلاندۇرىدۇ.

«موگاۋ غارىنى ياخشى قوغداپ، دۇنخۇاڭ مەدەنىيىتىگە ياخشى ۋارىسلىق قىلىش كېرەك» − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى ھەر ۋاقىت دۇنخۇاڭلىقلارنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ياڭراپ تۇرىدۇ.

2019 - يىلى باش كۈزدە خېشى كارىدورىدا مەيىن شامال كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايتتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭدىن ئايروپىلان بىلەن دۇنخۇاڭ شەھىرىگە يېتىپ كېلىپلا موگاۋ غارىغا بېرىپ، موگاۋ غارىنىڭ تارىخىي ئۆزگىرىشى ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، تەتقىق قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى ۋە ئىگىلىدى.

دۇنخۇاڭ تەتقىقات يۇرتىدا ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار ۋە مەدەنىيەت ئورۇنلىرىدىكى ۋەكىللەر بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، ئۇ «دۇنخۇاڭ مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇش»قا قارىتا كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى: «ئۇلار ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت روھى، مەدەنىيەت كۆڭۈل - كۆكسى ۋە مەدەنىيەت ئىشەنچىنى ئېچىپ بېرىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى مەنىۋى تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك».

بۇ، دۇنخۇاڭلىقلاردىن كۈتكەن ئۈمىدلا بولۇپ قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى پۈتۈن مەملىكەتتىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمەتچىلىرىگە قويۇلغان تەلەپ.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، «مۇزېي قىزغىنلىقى» ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى ۋە تارىخ تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تارقىلىشى كىشىلەرنى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ پارلاق نەتىجىلىرىنى قايتىدىن تونۇشقا جەلپ قىلدى.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە مۇزېيلار ھەر يىلى 20 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق كۆرگەزمە ئۆتكۈزدى؛ «ئەگەر دۆلەت گۆھىرى سۆزلىيەلىسە» قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى − مۇزېي تۈرىدىكى تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرى كەڭ ياخشى باھاغا ئېرىشتى. «گۇگۇڭنىڭ تولۇق كۆرۈنۈشى» «لەشكەر ۋە ئات ھەيكەللەرنىڭ تولۇق كۆرۈنۈشى» قاتارلىق بىر تۈركۈم رەقەملىك پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك كۆرگەزمە زالى تۈرى تاماشىبىنلارنى ئائىلىسىدە مەدەنىيەت مىراسلىرى ئورنىنى «كېزىش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى؛ 3 مىليون 460 مىڭ كۆچمە مەدەنىيەت يادىكارلىقى سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرى جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىلدى، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىلغان مەھسۇلاتلار «دۆلەت ئىچىدە مودا بولغان سۈپەتلىك ماركا» ئىستېمالىنىڭ يېڭى ئېقىمىغا يېتەكچىلىك قىلدى...

«مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سۆزلىتىپ، تارىخىي ئەقىل - پاراسەتنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈپ، مىللەت ئىپتىخارلىق تۇيغۇمىز ۋە ئىشەنچىمىزنى ئۇرغۇتۇشىمىز كېرەك».

767 مىڭ جايدىكى يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى، 108 مىليون پارچە/يۈرۈش دۆلەت ئىلكىدىكى يۆتكىگىلى بولىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى كەڭ جۇڭخۇا زېمىنىغا تارقالدى، ئۇزاق يىللار داۋامىدا ئۈزۈلۈپ قالمىدى. بۇ قايتا ھاسىل بولمايدىغان، ئورنىنى ئالغىلى بولمايدىغان قىممەتلىك بايلىقلار يۈز مىليونلىغان جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىغا كۈچلۈك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشماقتا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى)


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش