دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مەملىكەت

شى جىنپىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا چېخ زۇڭتۇڭى، گىرېتسىيە زۇڭلىسى بىلەن تېلېفونلاشتى
مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2021-07-09 17:00:02

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7-ئاينىڭ 7-كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچتە چېخ زۇڭتۇڭى زېمان بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر، خەلقئارا ۋەزىيەت مۇرەككەپ بولۇپ، چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى قاتارلىق ئورتاق خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، جۇڭگو-چېخ مۇناسىۋىتىنى ياخشى قوغداش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش تىنچ تەرەققىي قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇن، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئۇيغۇن. سىز كۆپ يىللاردىن بۇيان جۇڭگو-چېخ مۇناسىۋىتىگە چوڭ ۋەزىيەت ۋە يىراق كەلگۈسىدىن چىقىش قىلىپ مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ كەلدىڭىز، مەن بۇنى يۈكسەك تەرىپلەيمەن. چېخ تەرەپتىكى تېخىمۇ كۆپ زاتنىڭ جۇڭگو ۋە جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا توغرا مۇئامىلە قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقە ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە كۈچ چىقىرىپ، ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، جۇڭگو - چېخ مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام ۋە ھاياتىي كۈچىنى ساقلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش قاتارلىق سۇپىلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، قوش يۆنىلىشلىك سېلىنما ۋە سودىغا ئىلھام بېرىپ، تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق يارقىن نۇقتىسىنى يارىتىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو - ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرى تۈرلەر بويىچە ئەمەلىيلىشىۋاتىدۇ، چېخ تەرەپنىڭ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. چېخ تەرەپنىڭ جۇڭگو − ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سۆزلىشىشى، ھەمكارلىشىشىنى كۈچەيتىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

زېمان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى چىن قەلبىمدىن تەبرىكلەيمەن، جۇڭگونىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن. مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ چېخ-جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە بولغان قارىشىنى قۇۋۋەتلەيمەن. چېخ تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە كۈچ چىقىرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن زىچ ئالاقىلىشىپ، كاشىلىلارنى تۈگىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، ئوڭۇشلۇق تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى تەرەپ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، تېررورىزم قاتارلىق يەرشارىۋى خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلىمەن. چېخ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونى باغلايدىغان ۋاسىتە بولۇشنى خالايدۇ. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7-ئاينىڭ 7-كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچتە گىرېتسىيە زۇڭلىسى مىتسوتاكىس بىلەن تېلېفونلاشتى.

مىتسوتاكىس جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگونىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، يەنە دۇنيانىڭ تەرەققىيات يولىنىمۇ ئۆزگەرتتى. جۇڭگو مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا نەچچە يۈز مىليون كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى، بۇ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى مۆجىزە. ئىشىنىمەنكى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو يېڭى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرىدۇ.

شى جىنپىڭ رەھمەت ئېيتىپ، مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تىنچلىقنى سۆيىدىغان بارلىق دۆلەت ۋە خەلق بىلەن بىرلىكتە، تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر دۇنيا 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ۋە ئەسىر يۇقۇمى گىرەلىشىپ كېتىش خىرىسىغا دۇچ كەلمەكتە، جۇڭگو بىلەن گىرېتسىيە ئوخشاشلا مەدەنىي قەدىمىي دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەممىسى جاپالىق، شانلىق تەرەققىيات مۇساپىسىنى باشتىن كەچۈرگەن، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتى ۋە خەلقئارا تەرتىپنىڭ ئۆزگىرىشىگە قارىتا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئىدىيەگە ئىگە. ھازىرقى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو-گىرېتسىيە مۇناسىۋىتىگە ياخشى ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش يۇقۇمدىن كېيىنكى ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن قەدىمىي مەدەنىيلىكنىڭ تېگىشلىك ئەقىل-پاراسىتىنى تەقدىم قىلىدۇ. ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلىرىدە داۋاملىق ئۆزئارا چۈشىنىپ ۋە قوللاپ، خەلقئارا جەمئىيەت ئۈچۈن دوستانە ئۆتۈش، ئۆزئارا ئىشىنىش ئۈلگىسى تىكلىشى؛ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ۋە جۇڭگو-ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەت ئۈچۈن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىق ئۈلگىسى تىكلىشى، خەلقئارا جەمئىيەت ئۈچۈن مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش نەمۇنىسى تىكلىشى، دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى ئورتاق تونۇش ۋە كۈچ مۇجەسسەملىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭگو-گىرېتسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 15 يىللىقى، كېلەر يىلى جۇڭگو-گىرېتسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى. جۇڭگو تەرەپ گىرېتسىيە تەرەپ بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇق ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-گىرېتسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش، ئېچىۋېتىش، ئورتاق پايدا ئېلىش روھىغا ئاساسەن سۆزلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا دەۋر ئېقىمىغىمۇ ماس كېلىدۇ، گىرېتسىيەنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن داۋاملىق پائال رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مىتسوتاكىس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گىرېتسىيە تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 15 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىقتىساد-سودا، ساياھەت، يېشىل تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى سۆزلىشىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ كېڭىشىپ بېكىتكەن نۇقتىلىق تۈرلەرنى ئورتاق ياخشى يولغا قويۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىسىنىڭ گىرېتسىيەگە كېلىپ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ئالدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن. گىرېتسىيە تەرەپ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، سۆزلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشىنى قوللايدۇ.

ئىككى تەرەپ يەنە ئالاقىدار رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش