دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خەلقئارا

شى جىنپىڭ بېنگاللىق بالا ئالىفا . چىنغا جاۋاب خەت قايتۇردى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-06-02 10:25:52

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېنگاللىق بالا ئالىفا. چىنغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئارزۇغا ئىنتىلىپ، جۇڭگو - بېنگالنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: چىن خېتىدە بايان قىلغان ئۆز كەچۈرمىشى جۇڭگو - بېنگال دوستلۇقىنىڭ جانلىق كارتىنىسى. جۇڭگو بىلەن بېنگال خەلقلىرى ئەزەلدىن ياخشى قوشنا، ياخشى دوست بولۇپ، مىڭ يىل داۋاملاشقان دوستانە ئالاقىلىشىش تارىخىغا ئىگە. 600 نەچچە يىل ئىلگىرى، جۇڭگونىڭ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى دېڭىزچى جېڭ خېنىڭ «گۆھەر كېمىسى» بېنگالغا ئىككى قېتىم زىيارەتكە بېرىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئارىسىغا دوستلۇق ئۇرۇقىنى چاچقان. 600 نەچچە يىلدىن كېيىن، جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «تىنچلىق كېمىسى» ناملىق دوختۇرخانا پاراخوتى مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن يىراق سەپەرگە ئاتلاندى، جۇڭگولۇق ئايال ھەربىي دوختۇر جىداگاڭ پورتىدا چىننىڭ ئانىسىنىڭ خەتەردىن قۇتۇلۇپ، ئوڭۇشلۇق يەڭگىشىگە ياردەم بەردى، چىننىڭ دادىسى ئۇنىڭغا بېنگال تىلىدا «جۇڭگو» دەپ ئىسىم قويۇپ، جۇڭگو - بېنگال دوستلۇقىنىڭ يېڭى بىر تەسىرلىك سەھىپىسىنى پۈتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: چىننىڭ چوڭ بولغاندىن كېيىن جۇڭگو - بېنگال دوستلۇقىنىڭ ئەلچىسى بولۇپ، كەلگۈسىدە جۇڭگوغا بېرىپ دوختۇرلۇقنى ئۆگىنىپ، «جۇڭگولۇق ئانا»دەك ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. چىننىڭ گۈزەل ياشلىق مەزگىلىنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئۆز ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئائىلىسىگە ۋاپادار بولۇشىنى، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشىنى، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. «1 - ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، چىننىڭ تېنىنىڭ سالامەت، ئائىلىسىنىڭ بەختلىك بولۇشىغا، ئۆگىنىشتە ئالغا بېسىشىغا تىلەكداشمەن.

2010 - يىلى ئالىفا. چىن تۇغۇلىدىغان چاغدا، ئانىسى ئېغىر يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغاچقا تۇغۇتى قىيىنلىشىپ، ھاياتى بىرمەھەل خەۋپ ئىچىدە قالغانىدى. ئەينى ۋاقىتتا بېنگالنىڭ جىداگاڭ پورتىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «تىنچلىق كېمىسى» ناملىق دوختۇرخانا پاراخوتى ياردەم تەلەپ قىلىش مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، ھەربىي دوختۇرلارنى بىرىنچى ۋاقىتتا شۇ جايدىكى دوختۇرخانىغا ئەۋەتكەن، ئۇلار ناھايىتى زور بېسىمغا يۈزلىنىپ قورساقنى يېرىپ تۇغدۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلغان، ئاخىرىدا ئانا - بالا ئامان - ئېسەن بولغان. ئۇنىڭ دادىسى مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭغا «چىن» (Chin) دەپ ئىسىم قويغان، بۇ بېنگال تىلىدا «جۇڭگو» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش