دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خەلقئارا

شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭلىسى مىشۇستىن بىلەن كۆرۈشتى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-03-23 09:44:10

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، موسكۋا، 3 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ياڭ يىجۈن، خۇاڭ خې) شۇ جاي ۋاقتى 3 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى بىناسىدا رۇسىيە زۇڭلىسى مىشۇستىن بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئۆزئارا ئەڭ چوڭ قوشنا دۆلەت، شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھى، جۇڭگو ـ رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ساقلاش ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخىي لوگىكىسى ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. جۇڭگو جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ قۇرۇلتىيىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاچتى، يېقىندا، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلدى، جۇڭگو پارتىيەسى، دۆلىتى ۋە خەلقى مىسلىسىز ئىتتىپاقلىشىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتماقتا. جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى جۇڭگو ـ رۇسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، رۇسىيە تەرەپ بىلەن ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى زۇڭلىلىرىنىڭ قەرەللىك ئۇچرىشىشى قاتارلىق مېخانىزملاشقان ئالاقە يوللىرى ئارقىلىق، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇلتۇردىن بۇيان، مۇرەككەپ تاشقى مۇھىت ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئەمەلىي ھەمكارلىقى ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى. جۇڭگو ئۇدا 13 يىل مۇقىم ھالدا رۇسىيەنىڭ بىرىنچى چوڭ سودا ھەمراھى دۆلىتى ئورنىدا تۇردى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى سىجىل چوڭقۇرلاشتى، ئىستراتېگىيەلىك چوڭ تۈرلىرى پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، ئادىمىيەت ۋە يەرلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى بارغانسېرى قويۇقلاشتى. ئىككى تەرەپ ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقى ۋە سۈپىتىنىڭ ماس ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغدىشى كېرەك. ئۆزئارا تۇتاشقان، ئۆزئارا راۋانلاشقان چوڭ تۈرلەرنىڭ باشلامچىلىق ئېففېكتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى ئورتاق قوغداپ، ئىككى تەرەپلىك ئىقتىساد ـ سودا ئالاقىسىنى كېڭەيتىشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. 2022 ـ 2023 يىللىق جۇڭگو ـ رۇسىيە تەنتەربىيە ئالماشتۇرۇش يىلىنى داۋاملىق ياخشى ئۆتكۈزۈپ، تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ياۋروپا ـ ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇش ھەمكارلىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، رۇسىيە تەرەپ ھەمدە ھەرقايسى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، «جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ـ ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىق كېلىشىمى»نى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق رايون ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ.

مىشۇستىن مۇنداق بىلدۈردى: بۈگۈن، مەن رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم ئىچكى كابىنېت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك باشلاپ، بىرلىكتە رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشتۇق، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيەنى ئۇدا سايلانغاندىن كېيىن زىيارەتكە چىقىدىغان تۇنجى بېكىتى قىلىپ تاللىشىنىڭ ئەھمىيىتى ئالاھىدە مۇھىم، زور بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى رۇسىيە ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئىكەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى. رۇسىيە ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى تەرەققىياتى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرۇۋاتىدۇ، بۇ، ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتتە، تېخىمۇ ياخشى ھالدا كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداش، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. رۇسىيە ـ جۇڭگو زۇڭلىلىرىنىڭ قەرەللىك ئۇچرىشىش مېخانىزمى دۇنيادا بىرلا. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى بىلەن زىچ ماسلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن سېلىنما ـ سودا، ئېنېرگىيە، تەبىئىي گاز، يادرو ئېنېرگىيەسىدىن تىنچ پايدىلىنىش، ئاۋىياتسىيە ـ ئالەم قاتنىشى، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، چېگرا ھالقىغان قاتناش ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تەمىنلەش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ مەدەنىيەت، ياشلار، تەنتەربىيە قاتارلىق ئادىمىيەت ساھەسى جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

سەي چى، ۋاڭ يى، چىن گاڭ ھەمدە رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ يەتتە مۇئاۋىن زۇڭلىسى قاتارلىقلار قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش