دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خەلقئارا

شى جىنپىڭ موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ زۇڭتۇڭى كۈرىلسۇخې بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-11-30 10:47:50

11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ زۇڭتۇڭى كۈرىلسۇخې بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا كۈرىلسۇخې ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن كۈرىلسۇخې ۋە رەپىقىسى بوللېرزېزېيگىر بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ لىڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ زۇڭتۇڭى كۈرىلسۇخې بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

شى جىنپىڭ كۈرىلسۇخېنىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىز ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتۈپ كېلىشكىنىمىز بويىچە يەنە بىر قېتىم كۆرۈشتۇق، بۇ، جۇڭگو - موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە ئىكەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى. جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە مۇھىم قوشنا دۆلەت، جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيەنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولغان ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ياخشى ساقلاش ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. جۇڭگو يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش، كەڭ قورساق بولۇش ئىدىيەسى ۋە قوشنىلار بىلەن ياخشى ئۆتۈش، قوشنىلارنى ھەمراھ قىلىشتىن ئىبارەت ئەتراپ دىپلوماتىيەسى فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيەنىڭ دوستلۇقى، ئۆزئارا ئىشىنىشى ۋە مەنپەئەت جەھەتتىكى يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئىككى تەرەپ قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇردى. ئىككى دۆلەت ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇختىلاپ، دۆلەت بىلەن دۆلەتنىڭ ئالاقىلىشىشىدە ئۈلگە تىكلەپ بەردى. مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق كۈنسېرى ئېشىۋاتقان خەلقئارا مۇھىت ئالدىدا، جۇڭگو تەرەپ موڭغۇلىيە تەرەپ بىلەن ئىككى دۆلەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىغا ئالاقىدار ئەھۋاللار ۋە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ بەش چوڭ ئالاھىدىلىكىنى تونۇشتۇرۇپ، مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگونىڭ ئۆزىنى گۈللەندۈرۈپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق ئەتراپقا، ھەتتا دۇنياغا نەپ يەتكۈزىدۇ. جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە ئىككى تەرەپ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ۋە دۆلەتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يۇغۇرما تەرەققىي قىلىش، تەقدىرداش بولۇش ئۈلگىسىنى بەرپا قىلىپ، ئورتاق ھالدا يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت بەرپا قىلىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تامامەن كۈچ قوشالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ موڭغۇلىيە تەرەپ بىلەن بىر - بىرىنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، بىر - بىرىنىڭ تاللىغان تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىپ، قارشى تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە ئۆزئارا قوللاشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىكلەر سۆھبەتلىشىش، ھەمكارلىشىش ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى «يايلاق يولى» تەشەببۇسى بىلەن، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى موڭغۇلىيەنىڭ «يېڭى گۈللىنىش سىياسىتى» بىلەن، جۇڭگونىڭ «ئىككى قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش» تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى موڭغۇلىيە تەرەپنىڭ «كەلگۈسى 2050» ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىيات سىياسىتى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، بۇ ئۈچ چوڭ تۈرتكىلىك كۈچ ئارقىلىق جۇڭگو - موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ موڭغۇلىيە تەرەپ بىلەن ئىقتىساد - سودا، ئېنېرگىيە - كانچىلىق، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردە ھەمكارلىشىشنى، ئۇچۇر تېخنىكىسى، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىشىشنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ. ئىككى دۆلەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل تارماقلار داۋاملىق زىچ ئۇدۇللىشىپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش يېڭى يولىنى بالدۇرراق ئېچىپ، جۇڭگو - موڭغۇلىيە - رۇسىيە ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشى ۋە جۇڭگو - رۇسىيە تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنى موڭغولىيە دۆلىتى چېگراسىدىن ئۆتكۈزۈپ ياتقۇزۇش تۈرىنى پائال ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ موڭغۇلىيە تەرەپنىڭ «1 مىليارد تۈپ كۆچەت تىكىش» پىلانىنى ئالقىشلايدۇ، موڭغۇلىيە تەرەپ بىلەن جۇڭگو - موڭغۇلىيە چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ھەمكارلىق مەركىزىنى تەسىس قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ يەنە قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتى، ھۆكۈمەت، پارتىيە، يەرلىك قاتارلىق تارماقلار ۋە پەن - تېخنىكا، مائارىپ، سەھىيە، ساياھەت، تاراتقۇ، ياشلار، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - موڭغۇلىيە دوستلۇقىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئۇلىنى كۈچەيتىشكە كۈچ قوشۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە نەپ يەتكۈزۈشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ موڭغۇلىيە ياشلار - ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە مەركىزى قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى پائال قوللاپ، جۇڭگو - موڭغۇلىيە دوستلۇقىنىڭ يېڭى يەر بەلگىسىنى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە ئوخشاشلا ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بولۇپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە. جۇڭگو تەرەپ موڭغۇلىيە تەرەپ بىلەن زىچ ماسلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئورتاق قوغداپ، لاگېرلار قارشىلىشىشىنى توسۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنى قوغداشنى خالايدۇ.

كۈرىلسۇخې مۇنداق بىلدۈردى: مەن يەنە بىر قېتىم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا يەنە سايلانغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇردى، موڭغۇلىيە تەرەپ بۇنىڭدىن خۇشال. موڭغۇلىيە تەرەپ شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىدۇكى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مۇقەررەر ھالدا جۇڭگو خەلقىنى داۋاملىق يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. موڭغۇلىيە بىلەن جۇڭگو تاغ - دەريالىرى تۇتاش مەڭگۈلۈك قوشنا دۆلەتلەر، ياخشى قوشنىلار، ياخشى دوستلار، ياخشى ھەمراھلار، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا قوللاپ، ياردەم بېرىپ، يەرشارىۋى خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، «ھەقىقىي دوست باشقا كۈن چۈشكەندە سىنىلىدۇ» دېگەننى جانلىق نامايان قىلدى. موڭغۇلىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن سىياسىي جەھەتتىكى ئالاقىلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، بىر - بىرىنىڭ تاللىغان تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىپ، موڭغۇلىيە بىلەن جۇڭگونىڭ پولاتتەك دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. مەن شۇنى قايتا تەكىتلەشنى خالايمەنكى، موڭغۇلىيە تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، بۇ سىياسەتتە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ. جۇڭگو تىنچلىقنى سۆيىدىغان دۆلەت، تارىختا ئەزەلدىن باشقا دۆلەتلەرگە تاجاۋۇز قىلىپ باقمىغان، بەلكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا چىن كۆڭلىدىن سەمىمىي ياردەم بېرىپ كەلگەن. جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى ۋە يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، موڭغۇلىيە تەرەپ پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ئۇدۇللىشىشنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇپ، ئىقتىساد - سودا، سېلىنما، قېزىلما بايلىق - ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، يېشىل تەرەققىيات، چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - موڭغۇلىيە - رۇسىيە ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ. ھازىر خەلقئارا، رايون ۋەزىيىتى چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، بىز ئاسىيا قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاسىيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئورتاق قوغدىشىمىز كېرەك. موڭغۇلىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېمىنى قوغداش ئۈچۈن قوشقان ئىجابىي تۆھپىسىگە يۈكسەك باھا بېرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن خەلقئارا ئىشلاردىكى ئالاقە، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، رايون تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداشقا تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تىنچلىقتا بىللە تۇرىدىغان، ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئالىدىغان ئىككى دۆلەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش يۆنىلىشىگە قاراپ تىرىشىشقا بىردەك قوشۇلدى.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىقتىساد - سودا، سېلىنما، تاموژنا، چۆللىشىشنى تىزگىنلەش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا كۈرىلسۇخې ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈش مۇنبىرىگە چىقىپ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ھۆرمەت قاراۋۇلىنى كۆزدىن كەچۈردى.

سۆھبەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن كۈرىلسۇخې ۋە رەپىقىسى بوللېرزېزېيگىر ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش