دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش بۈگۈن (9-ئاينىڭ 15-كۈنى) شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدىكى شامال ئېغىزلىرىدا 11~10 بالغىچە بوران چىقىدۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 17 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ ​چوڭقۇر ھەمكارلىشىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىككى تەرەپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ ۋىلايىتىمىزدىكى جايلار پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش ھەپتىلىكى پائالىيىتىنى ھەر خىل شەكىلدە قانات يايدۇردى ​رىياسەتچىلىكتە يېڭى يۇلتۇزلار يېتىشتۈرۈلۈپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى ​ۋىلايىتىمىزنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە ـ ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە سىگنالىنى سىناق تەرىقىسىدە بېرىش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 175 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى مۇقىم، راۋان، ئەلا بولۇش شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتىنى كۈچەيتتى دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى: تۈنۈگۈن يەرلىكتە يېڭىدىن كۆپەيگىنى «196+762» شىنجاڭدا دوكلات قىلىنغان يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى سىجىل تۆۋەنلىدى، بىراق ئۈرۈمچى، غۇلجا، كورلا شەھىرىدە يەنىلا جەمئىيەت قاتلىمىدىن يۇقۇملانغۇچىلار بار

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خەلقئارا

شى جىنپىڭ ئىران زۇڭتۇڭى لەيشى بىلەن كۆرۈشتى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-09-19 11:00:23

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۆزبېكىستان سەمەرقەنت، 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار فەن ۋېيگو، خۇاڭ خې) شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سەمەرقەنت دۆلەت مېھمانخانىسىدا ئىران زۇڭتۇڭى لەيشى بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئىران ئەنئەنىۋى يېقىن دوست، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىش سىنىقىغا بەرداشلىق بەردى، جۇڭگو - ئىران ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش بىزنىڭ ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك تاللىشىمىز. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - ئىران مۇناسىۋىتىگە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىدۇ، ئىران تەرەپ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ئىران تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مىللەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغدىغانلىقىنى قوللايدۇ، ئىران تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىچكى ئىشلارغا ئارىلاشماسلىق پىرىنسىپىنى قوغداشنى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق پىلانىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى يارىتىشى كېرەك. ئىران تەرەپنىڭ يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى ۋە يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىغا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز. جۇڭگو تەرەپ ئىران تەرەپنىڭ پات ئارىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي ئەزاسى بولىدىغانلىقىنى تەبرىكلەيدۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق تۈردە ئىران يادرو مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمىنى ئادا قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سۆھبىتىگە ئىجابىي قاتنىشىدۇ، ئىران تەرەپنىڭ يوللۇق، قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدىغانلىقىنى قوللايدۇ.

لەيشى مۇنداق بىلدۈردى: ئىران بىلەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىران تەرەپ جۇڭگو بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق، ھەرقايسى قاتلاملاردىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىران - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قەتئىي كۈچ چىقىرىدۇ. ئىران تەرەپ شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىدۇكى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى كۈچلۈك قوغداپ، زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۇلۇغ نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ خەلقئارا ئىشلاردا ئادىللىق، ھەققانىيلىققا ئەمەل قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. ئىران تەرەپ پات ئارىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي ئەزاسىغا ئايلىنىدۇ، بۇ، ئىران بىلەن جۇڭگونىڭ خەلقئارا ۋە رايون كۆپ تەرەپلىك رامكىسى ئىچىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىگە پايدىلىق. ئىران تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن چوڭقۇر ھەمكارلىشىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇشنى خالايدۇ.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش