دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش بۈگۈن (9-ئاينىڭ 15-كۈنى) شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدىكى شامال ئېغىزلىرىدا 11~10 بالغىچە بوران چىقىدۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 17 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ ​چوڭقۇر ھەمكارلىشىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىككى تەرەپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ ۋىلايىتىمىزدىكى جايلار پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش ھەپتىلىكى پائالىيىتىنى ھەر خىل شەكىلدە قانات يايدۇردى ​رىياسەتچىلىكتە يېڭى يۇلتۇزلار يېتىشتۈرۈلۈپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى ​ۋىلايىتىمىزنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە ـ ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە سىگنالىنى سىناق تەرىقىسىدە بېرىش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 175 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى مۇقىم، راۋان، ئەلا بولۇش شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتىنى كۈچەيتتى دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى: تۈنۈگۈن يەرلىكتە يېڭىدىن كۆپەيگىنى «196+762» شىنجاڭدا دوكلات قىلىنغان يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى سىجىل تۆۋەنلىدى، بىراق ئۈرۈمچى، غۇلجا، كورلا شەھىرىدە يەنىلا جەمئىيەت قاتلىمىدىن يۇقۇملانغۇچىلار بار

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خەلقئارا

شى جىنپىڭ تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان بىلەن كۆرۈشتى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-09-19 10:59:15

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۆزبېكىستان سەمەرقەنت، 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ليۇ خۇا، شى خاۋ) شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سەمەرقەنت دۆلەت مېھمانخانىسىدا تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو - تۈركىيە مۇناسىۋىتى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلدى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو - تۈركىيە مۇناسىۋىتىنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇش ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇزاق كەلگۈسى مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھازىر، خەلقئارا جەمئىيەت كۆپ قاتلاملىق پۇرسەت ۋە خىرىسقا دۇچ كەلدى. جۇڭگو بىلەن تۈركىيە ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەت ۋە يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلىتى، ئۆزىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداش، تەرەققىيات، گۈللىنىشكە ئىنتىلىش، خەلقئارا ئادىللىقنى قوغداش جەھەتتە نۇرغۇن ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە. جۇڭگو تەرەپ تۈركىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو - تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چىڭىتىپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ھەقىقىي ھۆرمەت قىلىپ، جۇڭگو - تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. دىققەتنى تەرەققىيات، ھەمكارلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى تۈرلۈك ھەمكارلىق مېخانىزملىرىنىڭ رولى ۋە ئۆز ئەۋزەللىكلىرىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق قۇرۇشتا تېخىمۇ كۆپ نەتىجە ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى، ئاشلىق، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك. ئىككى تەرەپ ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى تەشەببۇس قىلىپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك تەشكىلاتلار ئىچىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك.

ئەردوغان مۇنداق بىلدۈردى: تۈركىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ھەرقايسى ساھەلەردە مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى، تۈركىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەتلەر ئارا ھەمكارلىق كومىتېتى قاتارلىق مېخانىزملاردىن پايدىلىنىپ، ئىككى تەرەپنىڭ سودا، سېلىنما قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. تۈركىيەنىڭ «ئوتتۇرا كارىدور» پىلانى «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا يۈكسەك دەرىجىدە ئۇيغۇن كېلىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن. تۈركىيە بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا داۋاملىق چىڭ تۇرىدۇ.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش