دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خەلقئارا

شى جىنپىڭ سەمەرقەنتكە يېتىپ باردى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-09-16 11:19:58

ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى ھەم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 22 - قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۆزبېكىستان سەمەرقەنت، 9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ليۇ خۇا، سەي گودۇڭ) شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن سەمەرقەنتكە يېتىپ بېرىپ، ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى ھەم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 22 - قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف، ھۆكۈمەت زۇڭلىسى ئارىپوف، دىپلوماتىيە مىنىستىرى نوروف، سەمەرقەنت ئوبلاستىنىڭ ئوبلاست باشلىقى تۇرزىموف قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئايروپورتتا قىزغىن كۈتۈۋالدى.

مىرزىيويېف ئايروپورتتا رەئىس شى جىنپىڭ ئۈچۈن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو - ئۆزبېكىستان ئىككى دۆلەتنىڭ 100گە يېقىن دۆلەت بايرىقى جەۋلان قىلىپ تۇراتتى، 100 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى قىزىل پاياندازنىڭ ئىككى تەرىپىدە ھۆرمەت قاراۋۇللىرى مەردانە قىياپەتتە تۇراتتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئۆزبېكىستاننىڭ مىللىيچە خاسلىققا ئىگە كۆرۈش سۇپىسىغا چىقتى. ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنئەنىۋى بۇرغىسىدا مېھمان كۈتۈۋېلىش مۇزىكىسى چېلىندى، شۇ جايدىكى ياشلار ئۇچىسىغا مىللىيچە كىيىملەرنى كىيىپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، ئەڭ شادىيانە رىتىم بىلەن ئەڭ ئەزىز مېھماننى كۈتۈۋالدى.

شى جىنپىڭ يازما سۆز قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە ياخشى تىلەك تىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - ئۆزبېكىستان ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقى مىڭ يىللىق ئۇزاق تارىخىي مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ، جۇشقۇنلۇقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتتى. جۇڭگو - ئۆزبېكىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى تېز سۈرئەتلىك يولغا كىرىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىپلا قالماي، يەنە رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. مەن زۇڭتۇڭ مىرزىيويېف بىلەن ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى ھەم ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو - ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق تۈزۈپ چىقىمىز. مەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سەمەرقەنت باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە «شاڭخەي روھى»نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.

مىرزىيويېف شى جىنپىڭغا ھەمراھ بولۇپ ئايروپورتتىكى ئەزىز مېھمانلار بىناسىدىن ئۆتتى. ئېلېكتىرونلۇق ئېكراندا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ غايەت زور سۈرىتى نامايان بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو - ئۆزبېكىستان ئىككى دۆلەت تىلىدىكى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جانابلىرىنىڭ ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز» دېگەن خەتلەر كۆرسىتىلدى.

شى جىنپىڭ بىلەن مىرزىيويېف ئاپتوموبىلغا چىقىش ئورنىدا خوشلىشىپ، ئەتە رەسمىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو - ئۆزبېكىستان دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇشقا كېلىشتى.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىق ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملار شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ باردى.

جۇڭگونىڭ ئۆزبېكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جياڭ يەن ئايروپورتقا چىقىپ كۈتۈۋالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش