دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش مەملىكەت بويىچە پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭدا شىنجاڭغا كىرىپ- چىقىدىغان بىر تاشيول كۆپىيىدۇ شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول مۇساپىسى 7500 كىلومېتىردىن ئاشتى ئاپتونوم رايوننىڭ تەبىئىي ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش سىنلىق يىغىنى ئېچىلدى جۇڭگو - موڭغۇلىيە پورت ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، ھال سوراش پائالىيىتى توردا ئۆتكۈزۈلدى 9- ئاينىڭ 6- كۈنى شىنجاڭدا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 2سى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەردى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 29ى يېڭىدىن كۆپەيدى سىچۇەنلىك يىگىت ئاقسۇنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنى مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ساتتى ۋىلايەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ 3 ـ قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى ۋىلايەت 13 مىڭ كارخانىنىڭ ئۈچ تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىدىن 320 مىليون يۈەننى تۆۋەنلەتتى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا «سۈرئەتنى تېزلىتىش» ئىشقا ئاشتى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خەلقئارا

شى جىنپىڭ چاۋشيەننىڭ دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 74 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى جىن جېڭئېنغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-09-13 09:44:14

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 9 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چاۋشيەننىڭ دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 74 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى جىن جېڭئېنغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 74 يىلدىن بۇيان، چاۋشيەن خەلقى چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چاۋشيەن خەلقى چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى 8 ـ قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن فاڭجېن ـ سىياسەتلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش جەھەتلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ھەم يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تاقابىل تۇردى. بىز ياخشى يولداش، ياخشى قوشنا، ياخشى دوست بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇنىڭدىن چىن قەلبىمىزدىن خۇشال بولدۇق. ئىشىنىمىزكى، يولداش باش شۇجى ۋە چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، قېرىنداش چاۋشيەن خەلقى چوقۇم چاۋشيەننىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى يۈكسىلىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ـ چاۋشيەن ئىككى دۆلەتنىڭ تاغ ـ دەريالىرى تۇتاش، ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەنگەن. مەن يولداش باش شۇجى بىلەن بىللە ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈش، جۇڭگو ـ چاۋشيەن دوستلۇقىنىڭ دەۋر ئىچكى خاس مەزمۇنىنى بېيىتىش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم ئورتاق تونۇشلارنى ھاسىل قىلدۇق. جۇڭگو ـ چاۋشيەن دوستلۇقى كىشىلەر قەلبىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقى سىجىل ئالغا سىلجىتىلدى، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە بىر ـ بىرىنى قوللاپ، جۇڭگو ـ چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز ئۆزگىرىۋاتىدۇ، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش ياساش مەزگىلىگە كىردى. جۇڭگو تەرەپ چاۋشيەن تەرەپ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى ساقلاپ، ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ـ چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنى ئورتاق ياخشى قوغداپ، ياخشى مۇستەھكەملەپ، ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىپ، رايون، ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش