دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خەلقئارا

شى جىنپىڭ ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئېلزابېت IIنىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنگلىيەنىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان پادىشاھى چارلېس Ⅲكە تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-09-13 09:41:27

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئېلزابېت IIنىڭ بەختكە قارشى ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنگلىيەنىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان پادىشاھى چارلېسⅢكە تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىدىن ئايال پادىشاھ ئېلزابېت IIنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، ئەنگلىيە خان جەمەتى، ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ تەزىيە تېلېگراممىسىدا مۇنداق بىلدۈردى: ئايال پادىشاھ ئېلزابېت II ئەنگلىيەنىڭ تەختتە ئولتۇرغان ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق بولغان پادىشاھى بولۇش سۈپىتى بىلەن كەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن. ئايال پادىشاھ ئېلزابېت II تۇنجى بولۇپ جۇڭگودا زىيارەت بولغان ئەنگلىيە پادىشاھى. ئۇنىڭ ۋاپاتى ئەنگلىيە خەلقى ئۈچۈن غايەت زور يوقىتىش.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەن جۇڭگو ـ ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، پادىشاھ چارلېس Ⅲ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ باش ئەلچى دەرىجىلىك دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

  شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تىراسقا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئايال پادىشاھ ئېلزابېت IIنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، ئايال پادىشاھنىڭ ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرى ۋە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىدىن ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش