دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خەلقئارا

شى جىنپىڭ گوللاندىيە پادىشاھى بىلەن جۇڭگو ـ گوللاندىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-05-20 09:28:58

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 5 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ گوللاندىيە پادىشاھى ۋىللىئام ـ ئالىكساندىر بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ باش ئەلچى دەرىجىلىك دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن گوللاندىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى مول نەتىجىلىك بولدى. 2014 ـ يىلى مەن پادىشاھ ۋىللىئام ـ ئالىكساندىر بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو ـ گوللاندىيە مۇناسىۋىتىنى ئېچىۋېتىلگەن، ئەمەلىيەتچىل بولغان ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈردۇق، گوللاندىيەنىڭ جۇڭگو ـ ياۋروپا ھەمكارلىقىدىكى «دەرۋازا»لىق رولى تېخىمۇ گەۋدىلەندى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن گوللاندىيە ئۆزئارا بىر ـ بىرىنى قوللاپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىنى نامايان قىلدى. مەن جۇڭگو ـ گوللاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، پادىشاھ ۋىللىئام ـ ئالىكساندىر بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو ـ گوللاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

  ۋىللىئام ـ ئالىكساندىر مۇنداق بىلدۈردى: 50 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، ئىقتىساد ـ سودا، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشى جانلاندى. ئىشىنىمەنكى، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، گوللاندىيە بىلەن جۇڭگونىڭ قالتىس ھەم مول نەتىجىلىك مۇناسىۋىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇستەھكەملىنىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ.

  شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ گوللاندىيەنىڭ باش ۋەزىرى رۇتتې بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. لى كېچياڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ گوللاندىيە تەرەپ بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو ـ گوللاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. رۇتتې مۇنداق بىلدۈردى: گوللاندىيە بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە ئۇچقاندەك تەرەققىيات ئىشقا ئاشتى. ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ جانلىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھارمەمەت ،جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش