دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خەلقئارا

شى جىنپىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن زۇڭتۇڭى مۇھەممەدكە تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-05-17 10:02:30

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن زۇڭتۇڭى مۇھەممەدكە تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا تەيىنلەنگەنلىكىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر تەرەققىي قىلدى، ئىككى تەرەپ بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە باشتىن ـ ئاخىر بىر ـ بىرىنى قەتئىي قوللىدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى. مەن جۇڭگو ـ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ مۇھەممەد بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھارمەمەت ،جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش