دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز» ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خەلقئارا

شى جىنپىڭ فىجىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن زۇڭتۇڭى كاتونىۋېرېيغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-11-15 12:08:54

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى ۋىلىئام كاتونىۋېرېيغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ فىجى جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا تەيىنلەنگەنلىكىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: فىجى تۇنجى بولۇپ يېڭى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەت. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 46 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ـ فىجى مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلىپ، چوڭ ـ كىچىك دۆلەتلەر ئۆزئارا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، دوستانە ھەمكارلىشىشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن فىجى ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولدى، ئۆزئارا ھەمدەم بولدى، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى. مەن جۇڭگو ـ فىجى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ كاتونىۋېرېي بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر تەرەپلىمە دوستانە ئالاقىسى ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ـ فىجى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى كەڭ ئىستىقبالىنى يارىتىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.


مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرگۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش