دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز» ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خەلقئارا

شى جىنپىڭ ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى، ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى زۇڭتۇڭى بىلەن تېلېفونلاشتى
تەھرىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2021-10-29 16:27:17

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مىرزىيويېۋنىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان بەش يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى مىسلىسىز يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى. ئىككى تەرەپ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە تەرەققىيات، گۈللىنىش مۇساپىسىدە ئۆزئارا ئۆگەندى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئالدى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا ئۆزئارا ھەمدەم بولدى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو ـ ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۆزبېكىستاننىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايدۇ. كېلەر يىلى جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىغا كۆتۈرۈلىدۇ، ئىككى تەرەپ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ سىياسەتلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. ئىقتىساد ـ سودا، سېلىنما كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، رەقەملىك پۇل مۇئامىلە، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئۆزبېكىستان تەرەپتىن تېخىمۇ كۆپ يېشىل، ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇشىنى قوللىشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ نامراتلارنى ئازايتىش جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئادىمىيەت ھەمكارلىقىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى بېيىتىش كېرەك. ئۆزبېكىستان ئولىمپىك ئەزىمەتلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز. جۇڭگو تەرەپ ئۆزبېكىستان تەرەپ بىلەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزبېكىستان تەرەپنىڭ رايون ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش مەركىزى قۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، داۋالاش سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ يەنە قانۇن ئىجرا قىلىش، خەۋپسىزلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ۋە رايوننىڭ خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغدىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئۆزبېكىستان تەرەپنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى قوللايدۇ، باشقا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە «شاڭخەي روھى»نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

مىرزىيويېۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مەن سايلامدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن بىرىنچى ۋاقىتتا تەبرىك خېتى ئەۋەتكەنلىكىگە ھەم ئۆزبېكىستاننىڭ دۆلەت قۇرۇلۇشى ئىشلىرىغا بولغان ئىشەنچىسىنى بىلدۈرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن، بۇ ماڭا ۋە بارلىق ئۆزبېكىستان خەلقىگە غايەت زور ئىلھام بېغىشلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنى پەيتىدە، جۇڭگو ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە نامراتلىقنى تۈگىتىش جەھەتتە دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. مەن رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان خەلقنى مەركەز قىلىش ئىدىيەسى ۋە يەر شارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى يۈكسەك ئالقىشلايمەن، قەتئىي قوللايمەن، جۇڭگونىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىش، ئۆرنەك قىلىشنى خالايمەن. جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۆزبېكىستان تەرەپنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىغا خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. ئۆزبېكىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئەت مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى قەتئىي قوللايدۇ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈشنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرىدۇ. مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئۆزبېكىستان ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرىگە تامامەن قوشۇلىمەن. ئۆزبېكىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىقتىساد ـ سودا، نامراتلارنى ئازايتىش، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆزبېكىستان ـ جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. ئۆزبېكىستان تەرەپ 4 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە پائال قاتنىشىپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ بۇ تەنتەنىلىك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشىگە ئورتاق كۈچ چىقىرىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزبېكىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يېڭى تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

ئىككى تەرەپ يەنە ئافغانىستان مەسىلىسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى زۇڭتۇڭى ئوبىئاڭ بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتنى ساقلاپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى مۇستەھكەم، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىسى مول بولدى. جۇڭگو تەرەپ ئېكۋاتور گىۋىنېيەسىنىڭ تەيۋەنگە ئالاقىدار، شياڭگاڭغا ئالاقىدار، شىنجاڭغا ئالاقىدار، كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق مەسىلىلەردە جۇڭگو تەرەپنى كۈچلۈك قوللىغانلىقىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، ئېكۋاتور گىۋىنېيەسىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش، ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئۆز ئالدىغا ئىزدىنىشىنى ئىلگىرىكىدەكلا قەتئىي قوللايدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى دوستانە ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئېكۋاتور گىۋىنېيەسىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىنى داۋاملىق ۋاكسىنا ياردىمى بىلەن تەمىنلەپ، ئىككى دۆلەتنىڭ داۋالاش ـ سەھىيە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسى ئىچىدىكى ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق تۈردە ئېكۋاتور گىۋىنېيەسىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى قۇربىنىڭ يېتىشىچە مەدەت بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە. جۇڭگو بىلەن ئافرىقا داۋاملىق تۈردە ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، زىچ ھەمكارلىشىپ، ئۆزئارا قوللاپ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئېكۋاتور گىۋىنېيەسىنىڭ يەر شارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىغا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ، ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى قاتارلىق ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ۋە ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئافرىقا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو ـ ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك يىغىنىنى ياخشى ئېچىپ، كەلگۈسىدىكى جۇڭگو ـ ئافرىقا ھەمكارلىقىنى ياخشى پىلانلاپ، جۇڭگو ـ ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئورتاق يارىتىشنى خالايدۇ.

ئوبىئاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 72 يىللىقىنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن. بۇ يىل يەنە جۇڭگونىڭ تۇنجى تۈركۈمدە ئېكۋاتور گىۋىنېيەسىگە ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى ئەۋەتكەنلىكىنىڭ 50 يىللىقى، جۇڭگو داۋالاش ئەترىتى ئېكۋاتور گىۋىنېيەسىنىڭ داۋالاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى، ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ، قەلبىدە چىڭ ساقلايدۇ. ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى جۇڭگونى ئىزچىل ئەڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھى، دەپ قاراپ كەلدى، جۇڭگو تەرەپنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسى قاتارلىق قىممەتلىك ياردەملەر بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ، داۋاملىق تۈردە بىر جۇڭگو سىياسىتىدە قەتئىي چىڭ تۇرىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئەت مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى قەتئىي قوللايدۇ، كۆپ تەرەپچىللىكنى قەتئىي قوغدايدۇ. ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ۋە يەر شارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى قوللايدۇ ھەم ئۇنىڭغا پائال قاتنىشىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ھەمدە ئافرىقا ـ جۇڭگو ھەمكارلىق مۇنبىرى رامكىسىدىكى ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش