دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خەلقئارا

شى جىنپىڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن سىنلىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى
مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2021-10-15 17:04:05

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ياڭ يىجۈن) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10 - ئاينىڭ 13 - كۈنى گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن سىنلىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى. ئىككى تەرەپ دوستانە كەيپىياتتا يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى جۇڭگو - گېرمانىيە، جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئەسلەپ ئۆتتى ھەم ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

شى جىنپىڭ مېركېلنىڭ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە جۇڭگو - گېرمانىيە، جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىگە ئىجابىي باھا بەردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «دوستلىشىش ئۈچۈن قەلبنى چۈشىنىش كېرەك؛ يېقىن دوستلاردىن بولۇش ئۈچۈن سىردىشىش كېرەك.» بۇ سۆز ھەم بىزنىڭ كۆپ يىللىق چوڭقۇر ئالاقىمىزنىڭ ناھايىتى ياخشى شەرھلىنىشى، ھەم ئۆتكەن 16 يىلدىن بۇيانقى جۇڭگو - گېرمانىيە مۇناسىۋىتىدە تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتنى ساقلىشىمىزدىكى مۇھىم تەجرىبە. جۇڭگولۇقلار ئادەمگەرچىلىككە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ھەققانىيەتكە ئەھمىيەت بېرىدۇ، بىز قەدىناس دوستىمىزنى ئۇنتۇپ قالمايمىز، جۇڭگونىڭ دەرۋازىسى ھەر ۋاقىت سىزگە ئوچۇق. سىزنىڭ جۇڭگو - گېرمانىيە، جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈشىڭىزنى ۋە قوللىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز كۆپ قېتىم ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى، مۇھىم، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرى قاتارلىقلار توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا ئورتاق تۈرتكە بولدۇق، جۇڭگو - گېرمانىيەنىڭ ھەمكارلىشىپ يەر شارىۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشىغا تۈرتكە بولدۇق. جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى روھى بويىچە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد جەھەتتىكى ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە ئۆزى ياخشى تەرەققىي قىلسا، دۇنيا ئىقتىسادىغا قوشىدىغان تۆھپىسى تېخىمۇ زور بولىدۇ. بۇ شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، دۆلەتلەر ئارا نۆل نەتىجىلىك ئېلىشىشتىن تامامەن ساقلانغىلى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، بۇ، جۇڭگو - گېرمانىيە مۇناسىۋىتىدە پۇختا ئىگىلەشكە تېگىشلىك ئاساسىي رىتىم. كېلەر يىلى جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى. ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا قايسى يولنى تاللاش، توغرا يۆنىلىشنى ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم. جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن جۇڭگو - گېرمانىيە مۇناسىۋىتىگە مۇئامىلە قىلىپ كەلدى، گېرمانىيە تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە خەلق ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئېنېرگىيەنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، يېشىل ۋە رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ئەمەلىي ھەمكارلىق يېڭى ساھەلىرىنى پائال ئېچىپ، جۇڭگو - گېرمانىيە ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تىنچلىق ۋە تەرەققىياتقا ئىنتىلىش جۇڭگو - ياۋروپا ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداشنى بىردەك تەشەببۇس قىلىدۇ، سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى بىردەك قوللايدۇ، بىردەك ھالدا جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئورتاق مەنپەئىتى زىددىيەت، ئىختىلاپلاردىن زور دەپ قارايدۇ. ھازىر يەر شارىۋى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان يەر شارىۋى مەسىلىلەر ۋە ئۈزلۈكسىز ئۆرلەۋاتقان مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ يەر شارىدىكى ئىككى چوڭ مۇھىم كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ تاقابىل تۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار. ئىككى تەرەپ جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىگە تېخىمۇ كەڭ نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىپ، ئوبيېكتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھالدا بىر - بىرىنى تونۇپ، پەرق، ئىختىلاپلارنى ئاقىلانە، سالماق، ئىجادىي بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. ياۋروپا تەرەپنىڭ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆز مەنپەئىتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ھەقىقىي قوغداپ، جۇڭگو تەرەپ ۋە باشقا ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تىنچلىق ۋە تەرەققىياتتىكى ئەسىر قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا ئورتاق كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مېركېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىزنىڭ ئون نەچچە يىلدىن بۇيانقى ھەر قېتىملىق ئالاقىمىز ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىمدە. بىز ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا سەمىمىي، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گېرمانىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ۋە ياۋروپا - جۇڭگو ھەمكارلىقىنىڭ ياخشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردۇق. مەن گېرمانىيە زۇڭلىسى بولغان مەزگىلدە، جۇڭگو تېز تەرەققىي قىلدى، دۆلەت كۈچىدە غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى ھەم غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلدى. مەن ياۋروپا ئىتتىپاقى جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان ھالدا راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك، دېگەننى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كەلدىم، ئىككى تەرەپ پەرق ۋە ئىختىلاپ ساقلانغان مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆزلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتسە بولىدۇ، ئىشىنىمەنكى، ياۋروپا - جۇڭگو مۇناسىۋىتى تۈرلۈك مۇرەككەپ ئامىللارنى يېڭىپ، داۋاملىق تەرەققىي قىلىىدۇ. گېرمانىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە گېرمانىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى بىللە ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى تەرەپلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، يەر شارىۋى خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ. مەن داۋاملىق تۈردە گېرمانىيە - جۇڭگو، ياۋروپا - جۇڭگونىڭ چۈشىنىش ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشى ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن.

ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش