دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خەلقئارا

شى جىنپىڭ ياپونىيە باش ۋەزىرى ئەنتيەن ۋېنشيۇڭ بىلەن تېلېفونلاشتى
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-10-10 18:07:47

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى ياپونىيە باش ۋەزىرى ئەنتيەن ۋېنشيۇڭ بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ـ ياپونىيە يېقىن قوشنا، «قوشنا دۆلەتلەر بىلەن يېقىن ئۆتۈش، دوستانە ئۆتۈش دۆلەتنىڭ ئەڭگۈشتەرى». جۇڭگو ـ ياپونىيەنىڭ دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى قوغداش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا ئاسىيا ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىگە پايدىلىق. ھازىر، جۇڭگو ـ ياپونىيە مۇناسىۋىتىدە پۇرسەت ۋە خىرىس تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. جۇڭگو تەرەپ ياپونىيە يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ئالقىشلايدۇ، ياپونىيە تەرەپ بىلەن بولغان سۆزلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، تارىخنى ئەينەك قىلىش، كەلگۈسىنى يارىتىش روھىنى ئاساس قىلىپ، يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان جۇڭگو ـ ياپونىيە مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. كېلەر يىلى جۇڭگو ـ ياپونىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى نورماللاشقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، ئىككى تەرەپنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى قايتا ئەسلەپ، بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، بۇ مۇھىم تارىخىي تۈگۈننى ئورتاق كۈتۈۋېلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىستىقبالىنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ياپونىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئىجابىي ۋە سەلبىي ئىككى تەرەپتىكى تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل قوبۇل قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ تۆت سىياسىي ھۆججىتىدە ئورنىتىلغان تۈرلۈك پىرىنسىپلارغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، «ئۆزئارا ھەمكارلىق ھەمراھى بولۇش، ئۆزئارا تەھدىت شەكىللەندۈرمەسلىك»تىن ئىبارەت سىياسىي ئورتاق تونۇشنى ھەقىقىي ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، تارىخىي، تەيۋەنگە ئالاقىدار قاتارلىق مۇھىم، زور سەزگۈر مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئىختىلاپلارنى ياخشى باشقۇرۇپ ـ تىزگىنلەپ، توغرا يۆنىلىشنى ياخشى ئىگىلەپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسى ۋە چوڭ ۋەزىيىتىنى ياخشى قوغدىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش بويىچە ئالماشتۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي سىياسەتلەرنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئادىل، ئوچۇق سودا ۋە سېلىنما مۇھىتىنى ئورتاق قوغداپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر ـ بىرىنى تولۇقلاش ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، ھەرقايسىسى ئۆزلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى ئاساس قىلىپ، پەرق بولسىمۇ ئىناق ئۆتۈش، بىر ياقىدىن باش چىقىرىشتەك شەرقىي ئاسىيا ئەقىل ـ پاراسىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، رايونلار ھەمكارلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، يەر شارىۋى خىرىسلارغا ماس تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى قوغدىشى كېرەك. ياپونىيەنىڭ دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن، ياپونىيە تەرەپنىڭ كېلەر يىلى 2 ـ ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئاكتىپ قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمەن.

ئەنتيەن ۋېنشيۇڭ جۇڭگونىڭ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەنتيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە، ياپونىيە ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى يېڭى دەۋرگە قەدەم قويماقتا. ياپونىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ياپونىيە ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى تارىخىدىن مۇھىم ئىلھام ئېلىپ، كېلەر يىلى ياپونىيە ـ جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى نورماللاشقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئورتاق ھالدا تىرىشىپ يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىجادىي، مۇقىم بولغان ياپونىيە ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ سۆزلىشىش ئارقىلىق ئىختىلاپنى باشقۇرۇش ـ كونترول قىلىشى كېرەك. ياپونىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە ئەل ئىچى ئالاقىسىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق مۇھىم خەلقئارا، رايون مەسىلىلىرىدە زىچ ئالاقىلىشىشنى، ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ. ياپونىيە تەرەپ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېچىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

ئىككى تەرەپ بۇ قېتىمقى سۆزلىشىشنى ناھايىتى دەل ۋاقتىدا بولدى، ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارىدى، داۋاملىق ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق ھەمتۈرتكىلىك ئالاقىنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا تەرەققىياتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىشكە قوشۇلدى.


مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش