دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خەلقئارا

شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 13 - قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-09-13 12:52:12

9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى كەچتە، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 13 - قېتىملىق ئۇچرىشىشى سىنلىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا ئۇچرىشىشقا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى كەچتە، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 13 - قېتىملىق ئۇچرىشىشى سىنلىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا ئۇچرىشىشقا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافوسا، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى بولسونارو، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن قاتناشتى، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى ئۇچرىشىشقا رىياسەتچىلىك قىلدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يۆ يۆۋېي فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 13 - قېتىملىق ئۇچرىشىشى 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى كەچتە سىنلىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافوسا، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى بولسونارو، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن قاتناشتى، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى ئۇچرىشىشقا رىياسەتچىلىك قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىل كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ 15 يىللىقى. 15 يىلدىن بۇيان، بەش دۆلەت ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ۋە سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر - بىرىنىڭ جەمئىيەت تۈزۈمى ۋە تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىپ، دۆلەتلەر ئۆزئارا دوستانە ئۆتۈش توغرا يولى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدەندى؛ ئەمەلىي بولۇش، يېڭىلىق يارىتىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات سىياسەتلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئۆزئارا تولۇقلاش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئورتاق تەرەققىيات يولىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدى؛ ئادىل، ھەققانىي بولۇش، دۇنيانى قەلبىگە پۈكۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىللىكنى قوللاپ، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىپ، خەلقئارا سەھنىدە سەل قاراشقا بولمايدىغان بىر مۇھىم كۈچكە ئايلاندى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بەش دۆلەت يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىنتايىن كۆپ ساھەدە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مەيلى قانداق قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىشىمىزدىن قەتئىينەزەر، پەقەت بىز بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقارساقلا، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى مۇقىم، پۇختا بولۇپ، ئۇزاققىچە داۋاملىشىدۇ.

شى جىنپىڭ «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەنىلا پۈتۈن يەر شارىدا يامرىماقتا، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشى مۈشكۈل، ئوڭۇشسىز بولماقتا، خەلقئارا تەرتىپنىڭ ئۆزگىرىشى چوڭقۇر، مۇرەككەپ بولماقتا. خىرىس ئالدىدا، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

− بىز ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قوغدىشىمىز كېرەك.

− بىز پۈتۈن يەر شارىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، مەنبەنى ئىلمىي سۈرۈشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىيلاشتۇرۇش، نامىنى بۇلغاشقا قارشى تۇرۇپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ۋاكسىنىنى يەر شارىۋى ئاممىۋى مەھسۇلات سۈپىتىدە تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش، ئادىل تەقسىملەشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

− بىز ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىش، ئېشىشقا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم قايتا جانلىنىشىغا كۈچ قوشۇپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى ئۇل تاش قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق بارلىق دۆلەتلەرگە نەپ يەتكۈزۈپ، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تەڭپۇڭ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

− بىز ئورتاق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. ئورتاق، ئەمما پەرقلىق مەسئۇل بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە پائال تاقابىل تۇرۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پاكىز، گۈزەل دۇنيانى ئورتاق قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىرقى ۋەزىيەتتە، بىز ئېتىقادنى چىڭىتىپ، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك يۆنىلىشكە قاراپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنداق بەش نۇقتىلىق تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بىرىنچى، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى سەھىيە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. تېگىشلىك سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، بىر - بىرىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقىنى قوللاپ، يۇقۇم ئۇچۇرلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش كېرەك. ۋاكسىنىنى بىرلىشىپ تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ھەمكارلىشىپ ئىشلەپچىقىرىش، ئۆلچەمنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش قاتارلىق ساھەلەردە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئېچىش مەركىزىنىڭ توردا تېزدىن قوزغىتىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئەنئەنىۋى تېببىي - دورا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنى تېخىمۇ كۆپ ۋاسىتە بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ئىككىنچى، ئادىل، يېتىشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋاكسىنا جەھەتتىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئېھتىياجلىق دۆلەتلەرنى ۋاكسىنا ۋە مۇناسىپ تېخنىكا ياردىمى بىلەن تەمىنلەپ، ۋاكسىنىنىڭ ئادىل تەقسىملىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. ھازىرغا قەدەر، جۇڭگو تەرەپ 100دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنى 1 مىلياردتىن ئارتۇق ۋاكسىنا ۋە ۋاكسىنا ئەسلىي سۇيۇقلۇقى بىلەن تەمىنلىدى، پۈتۈن بىر يىلدا باشقىلارنى 2 مىليارد ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىدۇ. مەن شۇنى جاكارلايمەنكى، «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋاكسىنىسىنى يولغا قويۇش پىلانى»غا 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلىش ئاساسىدا، بۇ يىل ئىچىدە جۇڭگو يەنە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە 100 مىليون ۋاكسىنىنى ھەقسىز ئىئانە قىلىدۇ.

ئۈچىنچى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەك. «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ھەمراھلىق ئىستراتېگىيەسى 2025»نى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سودا ۋە سېلىنما، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات چوڭ سانلىق مەلۇمات مۇنبىرى ئۆتكۈزۈشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ ئەزالارنى كۆپەيتىشتە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەنلىكىنى ئالقىشلايدۇ، بانكىنىڭ ئەزالارنىڭ تەرەققىياتى ۋە يەرشارىۋى ئىقتىساد، پۇل - مۇئامىلە ئىشلىرىنى قوللاش جەھەتتە تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ يېڭى سانائەت ئىنقىلابى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى شيامېن يېڭىلىق يارىتىش بازىسى رەسمىي ئىشلىتىلىشكە باشلىدى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە سودا - سانائەت ساھەسىنىڭ پائال قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ.

تۆتىنچى، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ئۆزئارا قوللاپ، ئىگىلىك ھوقۇق، خەۋپسىزلىك، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى ئورتاق قوغداش كېرەك. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىشى، خەۋپسىزلىك ئىشلىرى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەر يىغىنى قاتارلىق مېخانىزملاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، مۇھىم، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدىكى مەيدانىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ساداسىنى تېخىمۇ كۆپ تارقىتىش كېرەك.

بەشىنچى، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالاقىسى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى كەسپىي مائارىپ ئىتتىپاقى قۇرۇپ، كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ يەنە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مۇھاكىمە يىغىنى ۋە ئادىمىيەت ئالاقىسى مۇنبىرى ئۆتكۈزىدۇ، بەش دۆلەت تاراتقۇلىرى توردا تەربىيەلەش سىنىپى ئاچىدۇ. كېلەر يىلىنىڭ بېشىدا، جۇڭگو بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدۇ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىق دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرىنىڭ بىر سەھنىدە ماھارەت كۆرسىتىپ، ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاقىللار ۋاقىت، شارائىتقا قاراپ ئۆزگىرىدۇ، دانالار ئىشقا بېقىپ تەدبىر تۈزىدۇ. بىز كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىش يولىدا دەۋر ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. ئىشىنىمىزكى، بىزنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىمىزدا، كېسەك ئالتۇن مېخانىزمى چوقۇم يېڭى جۇشقۇنلۇق ۋە ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كېلەر يىلى، جۇڭگو كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 14 - قېتىملىق ئۇچرىشىشىنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزىدۇ. جۇڭگو تەرەپ كېسەك ئالتۇن ھەمراھلىرى بىلەن بىرلىكتە، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ زىچ، تېخىمۇ ئەمەلىي بولغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، گۈزەل كەلگۈسى يارىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

بەش دۆلەت رەھبەرلىرى «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ 15 يىللىقى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش، داۋاملاشتۇرۇش، مۇستەھكەملەش ۋە ئورتاق تونۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 13 - قېتىملىق ئۇچرىشىشى يېڭى دېھلى خىتابنامىسى»نى ماقۇللىدى.

بەش دۆلەت رەھبەرلىرى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىدا 15 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ يىلدىن بۇيان مىسلى كۆرۈلمىگەن خىرىس ۋە مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، بەش دۆلەت قول تۇتۇشۇپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادىي گەۋدە دۆلەتلىرىنىڭ ئورنىنى ئۆستۈردى، داۋاملىق ئورتاق تىرىشىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. بەش دۆلەت رەھبەرلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پۈتۈن يەرشارىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈشنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرىمىز، ئاممىۋى سەھىيە ۋە ۋاكسىنا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ۋاكسىنىنىڭ ئادىل، يېتىشچان بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك قايتا جانلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايمىز. ھەرقايسى تەرەپلەر كۆپ تەرەپچىللىك ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى قوللايدىغانلىقىنى، يەككە تەرەپچىللىك، زومىگەرلىككە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بىر - بىرىنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە باراۋەرلىكىگە ھۆرمەت قىلىشىنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى، مۇھىم، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. بىرازىلىيە، رۇسىيە، ھىندىستان ۋە جەنۇبىي ئافرىقا جۇڭگونىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشىنى قوللىدى، جۇڭگونىڭ 2022 - يىللىق كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەئىس دۆلىتىلىك خىزمىتىنى ھەم كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 14 - قېتىملىق ئۇچرىشىشىنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزۈشىنى قوللىدى.

بەش دۆلەت رەھبەرلىرى يەنە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىگە ئالاقىدار مېخانىزملار مەسئۇللىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار ئۇچرىشىشقا قاتناشتى.


مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش